گاسلىق

گاسلىق بولسا تۇغما، ياشنىڭ چوڭىيىشى، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى، زەخىم، قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر، مىجەز بۇزۇلۇش، دورىلارنىڭ زەھىرى ۋە قۇلاق پەردىلىرىنىڭ يىرتىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان دەسلەپ ئاڭلاش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش، بارا-بارا پۈتۈنلەي ئاڭلىيالماسلىق ئالامىتى كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى گاسلىق
كېسەللىك سەۋەبى تۇغما، ياشنىڭ چوڭىيىشى، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى
تەۋە بۆلۈم قۇلاق - بۇرۇن - كېكىردەك بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى قۇلاق
ئىنگلىزچە نامى deafness
ئاساسلىق ئالامىتى دەسلەپ ئاڭلاش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش
خەنزۇچە نامى 耳聋
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە باشقا نامى 听觉障碍

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گاسلىقسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، تۇغما، ياشنىڭ چوڭىيىشى، بەدەن قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى، زەخىم، قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر، مىجەز بۇزۇلۇش، دورىلارنىڭ زەھىرى ۋە قۇلاق پەردىلىرىنىڭ يىرتىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: دەسلەپ ئاڭلاش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش، بارا-بارا پۈتۈنلەي ئاڭلىيالماسلىق، بەزىدە توساتتىنلا پۈتۈنلەي ئاڭلىيالماسلىق ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: ياۋا بېدە 20 گىرام، مەرزەنجۇش، بەرەنجاسىپ، بابۇنە 40 گىرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم گەدەنگە سۈرۈلىدۇ.

2-رېتسېپ

گاسلىقتەركىبى: سامساق بىر باش، قوي ئۆتى بىر دانە، ياڭاق يېغى 40 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: سامساقنى يانجىپ، قوي ئۆتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ياڭاق يېغىغا سېلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە 1 ~ 2 قېتىم قۇلاققا تېمىتىلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: زەيتۇن يېغى بىر پىيالە، چۈمۈلە 100 تال.

تەييارلاش ئۇسۇلى: زەيتۇن يېغىغا چۈمۈلىنى سېلىپ، كۈن نۇرى كۈچلۈك چۈشىدىغان ئورۇندا 40 كۈن قويۇپ تەييارلىنىدۇ. 

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە 1 ~ 2 قېتىم قۇلاققا تېمىتىلىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#