باش مېنىستىر

باش مىنىستىر

باش مىنىستىر يەنى زۇڭلى بىر دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى ،مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولغۇچى ،پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى ياكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە قوللىنىلىدۇ ،باش ۋەزىر پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردىكى باش مىنىستىرنىڭ ئاتىلىشى ،بىز دەيدىغان تايلاند باش ۋەزىرى ،مالايسىيا باش ۋەزىرى قاتارلىقلار ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ داۋاملىشىپ كەلگەن ،بەزى سىياسى پارتىيە ،ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىنىمۇ باش مىنىستىر دەپ ئاتايدۇ . مەسىلەن سۈن جۇڭشەن ئەپەندى جوڭگۇ گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ باش مىنىستىرى،شىياڭگاڭدا بەزى خەير–ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئاساسلىق پۇل ئىئانە قىلغۇچىنى باش مىنىستىر دەپ ئاتىغان .

باش مىنىستىر بىلەن باش ۋەزىرنىڭ چوڭ پەرقى يوق ،ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ،باش ۋەزىر پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقى .

ئۇيغۇرچە نامى باش مىنىستىر
خىزمەت ھوقۇقى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي خىزمەتلىرىگە بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش
خەنزۇچە نامى 总理
قوللىنىدىغان دۆلەت سېستىمىسى پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى ياكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەت سېستىمىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

  

    باش مىنىستىرنىڭ بارلىققا كېلىشىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بەلگىلمىسى ئوخشىمايدۇ ،« جۇڭخا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى » دا ئېنىق  بەلگىلەنگەن ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى دۆلەت رەئىسىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى ھەمدە دۆلەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ماقۇللىشى ئاستىدا تەيىنلىنىدۇ ، ئەڭ يۇقىرى دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى –گوۋۇيۈەننىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ، گىرمانىيە زۇڭلىسى زۇڭتۇڭنىڭ نامزات كۆرسىتىشى ۋە ئىتتىپاقداشلار پارلامىنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىندا سايلاش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ ،فىرانسىيە زۇڭلىسى  پارلامىنتتىكى كۆپ ساندىكى كىشلەرنىڭ نامزات كۆرسىتىشى ۋە زۇڭتۇڭنىڭ كۆرسىتىشى ئارقىلىق تەيىنلىنىدۇ

  ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى ئوخشاش بولمايدۇ ،مەسىلەن فېدراتسىيە باش مىنىستىرىنىڭ ھوقۇقى ئىنتايىن كەڭ بولىدۇ ،ئاساسلىقى :①پارلامىنتنىڭ تەستىقلىشى ياكى ماقۇللىقى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ھۆكۈمەتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقالايدۇ ،بۆلۈم دەرىجىلىك ئورگانلارنى تەسسىس قىلالايدۇ ،خىزمەت تەرتىپىنى  ۋە خىزمەت دائىرىسىنى بەلگىلىيەلەيدۇ .②ھەرقايسى بۆلۈم باشلىقلىرىنىڭ نامزاتلىرىنى كۆرسىتەلەيدۇ .③ئومۇمىي سىياسەت فاڭجىنلارنى تۈزۈپ چىقالايدۇ .④ئەگەر فىدراتسىيە پارلامىنتى باش مىنىستىرنىڭ تەكىلپ لايىھەسىنى قوللىمىسا ،باش مىنىستىر پارلامىنت زۇڭتۇڭىغا 21 كۈن ئىچىدە پارلامىنتنى تارقىتىشى تەكلىپىنى بەرسە بولىدۇ ،لېكىن فېدراتسىيە پارلامىنتى  يېڭى باش مىنىستىرنى سايلاپ چىقىدۇ .   

     يېرىم زۇڭتۇلۇق تۈزۈمىنى قوللىنىۋاتقان فىرانسىيە دۆلىتىدە ، باش مىنىستىر ھۆكۈمەتنىڭ پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ ،خەق پارلامىنتىغا مەسئۇل بولىدۇ ،ھەمدە دۆلەت قانۇنىنىڭ يۈرگۈزىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ،زۇڭتۇڭغا ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى بېكىتىش تەكلىپىنى بەرسە بولىدۇ ،زۇڭتۇڭدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ .

گوۋۇ يۈەن زۇڭلىسى

      1954 –يىلى «جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى» دا مۇنداق بەلگىلەنگەن ،زۇڭلى بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش ئەمەلدارى ،مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ باشلىقى دەپ بەلگىلەنگەن .

    جۇڭگو گوۋۇيۈەن زۇڭلىسىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش مۇددىتى بەش يىل ،1982 –يىلى ئىزچىل  ۋەزىپە ئىجرا قىلىش مۇددىتى ئىككى  قارادىن  ئېشىپ كەتمەسلىك دەپ بەلگىلەنگەن ،جۇڭخۇا خەلق  جۇمھۇرىيىتىنىڭ  مەمۇرىيلار  تۈزۈمىدە ،گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى مەمۇرى دەرىجە جەھەتتىن  ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە .               

        زۇڭلى گوۋۇيۈەن خىزمىتىگە ئومۇميۈلۈك رەھبەرلىك قىلىدۇ ، گوۋۇيۈەننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمى كومىتىتىغا مەسئۇل بولۇشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ،مۇئاۋىن باش مىنىستىر ،گوۋۇيۈەن باش مىنىستىرنىڭ خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ ،ھەمدە گوۋۇيۈەن باش كاتىپى ، ھەر قايسى بۆلۈم باشلىقى ، ھەرقايسى ھەيئەت مۇدىرى ۋە جوڭگۇ خەلق بانكىسى بانكا باشلىقى قاتارلىقلار بىرلىكتە باش مىنىستىرغا مەسئۇل بولىدۇ ،گوۋۇيۈەن خىزمىتىدىكى چوڭ مەسىللەردە باش مىنىستىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ،باش  مىنىستىرنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىي ۋە ئۇنىڭ دائىمى كومىتىتىغا  مۇئاۋىن زۇڭلى ،ھەر قايسى بۆلۈم باشلىقلىرىنى ، ھەرقايسى ھەيئەت مۇدىرلىرىنى ،جوڭگۇ خەلق بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقىنى ،گوۋۇيۈەن باش كاتىپىنى قاتارلىقلارنى تەيىنلەش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ ،گوۋۇيۈەن چىقارغان قارار ،بۇيرۇق ۋە مەمۇرىي قانۇن نىزاملار ،مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتىتىغا بېرىلگن تەكلىپلەر ،مەمۇرىي خادىملارنى تەيىنلەش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىقلاردا چوقۇم زۇڭلى يەنى باش مىنىستىرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن قانۇن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ،باش مىنىستىرئىشلار بىلەن سىرتقى دۆلەتلەرگە چىقىپ كەتكەندە مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋاكالىتەن خىزمەت ئۆتەپ تۇرسا بولىدۇ .جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ بىرىنچى قول گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى جوۋ ئېنلەي ،ھازىرقى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى بولسا   لى كېچىياڭ .1992 –يىلى  جوڭگۇنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى  تۇنجى زۇڭلىسى لى پېڭ ، 1998يىلى 3- ئايدا جۇروڭجى  زۇڭلى بولغان .

ھازىرقى زۇڭلى (باش مىنىستىر )

    لى كېچىياڭ ، ئەر ،خەنزۇ ، 1955 –يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان،1974-يىلى3-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان ،1976-يىلى5-ئايدا جوڭگۇ كومنىستىكپارتىيىسىگە كىرگەن ،بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ قانۇن فاكۇلتىتى ۋە  ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىنىڭ  ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن  . ماگىستىرلىق ئوقۇش تارىخى ،قانۇن پەنلىرى باكالاۋۇرلۇق ئۇنۋانى،ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار .      

          ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بىيورۇنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى ،گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ،  پارتگۇرۇپپىنىڭ شۇجىسى .  

جوۋ ئىنلەي   (1949-يىلى 10 –ئايدىن -1976 –يىلى 1 –ئايغىچە )

خۇا گوفېڭ   (1976-يىلى 2- ئايدىن -1980-يىلى9-ئايغىچە )

جاۋ زىياڭ    (1980-يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 11- ئايغىچە ) 

لى پېڭ      (1987 –يلى 11 –ئايدىن -1998 –يىلى 3- ئايغىچە ) 

جۇرۇڭجى   (1998 –يىلى 3- ئايدىن – 2003 –يىلى 3 –ئايغىچە )  

   ۋېن جىياباۋ   (2003 –يىلى 3-ئايدىن – 2013 –يىلى 3 –ئايغىچە ) 

   لى كېچىياڭ   (2013 –يىلى 3-ئايدىن ھازىرغىچە )

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/4250.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    50%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#