جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى1921-يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى قۇرۇلغان. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنىدۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ۋە بيۇروكرات كاپىتالىزمغا قارشى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلابىي كۈرەش ئارقىلىق يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە خەلقنىڭ سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىپ، يېڭى دېموكراتىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سىياسىي ۋە مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇردى. 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىدىيىدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا بۇراپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى ھازىرقى جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيىسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىدە جەمئىي 53 مىليون پارتىيە ئەزاسى بار (1992-يىلى10-ئاي). پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى بايرىقى ئاستىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پرىنسىپتا، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىپ، دۆلىتىمىزنى باي-قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.