لى شىجېن

جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى لى شىجېن (1518 −1593) يازغان «دورا ئۆسۈملۈكلەر دەستۇرى(بېنساۋ گاڭمۇ) » دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن جۇڭيى تېبابىتىدىكى گۆھەر كىتاب دەپ قارىلىدۇ. بۇ كىتاب − لى شىجېن 30 يىل ئەجىر قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تاغ-دەريالىرىنى كېزىپ، ھاياتىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئۆسۈملۈكلەرنى تېتىپ كۆرۈپ، 2000 دىن ئارتۇق دورا ئۆسۈملۈكى، 10 مىڭدىن ئارتۇق رېتسېپنى خاتىرىلىگەن كاتتا ئەسەر. بۇ ئەسەر كېيىنكىلەرگە قىممەتلىك دورا بىلىملىرىنى قالدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئىلىم-پەن ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب روھنى قالدۇردى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لى شىجېن
خەنزۇچە ئىسمى 李时珍
ياشىغان زامان مىڭ سۇلالىسى دەۋرى
كەسپى تىۋىپ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1518-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1593-يىل
مىللىتى خەنزۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 لى شىجېن خېبىي ئۆلكىسىدىكى بىر نامرات تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ، كىچىكىدىن باشلاپلا تېۋىپلىق قىلىشقا ئىرادە باغلاپ، ئەجدادىنىڭ كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ تىببىي دورا ئىلمى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشىدۇ. 

لى شىجېن تېۋىپلىق قىلىش جەريانىدا، بىرمۇنچە كونا دورىگەرلىك كىتابلىرىدا دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ نامى، تۈرى قاتارلىقلارنىڭ قالايمىقانلىقىنى ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتى خاتا خاتىرىلەنگەنلىكىنى، ھەتتا زەھەرلىك دورىلار قۇۋۋەت دورىسى ئورنىدا خاتىرىلەنگەنلىكى ئۈچۈن تېۋىپنىڭ خاتا دورا بېرىشى بىلەن بىمارنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ بۇ خىل ئەھۋالدا كونا دورىگەرلىك كىتابلىرىنى رەتلەپ، يېڭى دورىگەرلىك كىتابى يېزىپ چىقىشقا ئىرادە باغلايدۇ. ئۇ مۇشۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، بىمارلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىغاچ نۇرغۇن تېببىي كىتابلارنى ئوقۇيدۇ، تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىر قېتىم ئۇ ھارۋا ھەيدەپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قازاندا قىزىل يۆگىمەچ گۈل قاينىتىپ ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن سەۋەبىنى سورايدۇ. ھارۋىكەشلەر ئۇنىڭغا: «بۇ گۈلنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە، پەي-سۆڭەك ئاغرىقىنى داۋالىغىلى بولىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، لى شىجېن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بۇنى خاتىرىلىۋاتىدۇ، ئۇ تاغتېشەرنىڭ چۈمۈلە يېيىشىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، تاغتېشەرنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ، تاغتېشەر چۈمۈلە يېيىشتە يەردە يېتىپ تىلىنى ئۇزۇن چىقىرىپ، ئالاھىدە بىر خىل پۇراق تارقىتىپ، چۈمۈلىلەرنى تىلى ئۈستىگە چىقىشقا جەلپ قىلىدىغانلىقىنى، تىلىغا چۈمۈلە توشقاندىن كېيىن تىلىنى شارتلا قىلىپ تارتىپ، ئۇلارنى قانغۇدەك يەۋالىدىغان ئەپچىل ئۇسۇلىنى بايقايدۇ.

لى شىجېن يەنە دورا ئۆسۈملۈكلەر ئەۋرىشكىسىنى كەڭ كۆلەمدە توپلايدۇ. دورا ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدىغان تاغ چوققىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇنىڭ ئاياغ ئىزى قالىدۇ. ئۇ ھەربىر خىل دورا ئۆسۈملۈكنىڭ چىقىدىغان جايى، شەكلى، ئۆسۈشىدىن تارتىپ يىلتىزى، غولى، يوپۇرمىقى، چېچىكى، مېۋىسىنىڭ تەمى ۋە رولى قاتارلىقلارغىچە چوڭقۇر ھەم تەپسىلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ، يەنە ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، دورا ئۆسۈملۈكلەرنى تېتىپ، ئۆزىنىڭ بەدىنى ئارقىلىق دورىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى سىنايدۇ. دورىنىڭ بىھوشلاندۇرۇش رولىنى سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن، ئىتياڭىقى(بەڭگىدىۋانە) نى يەپ زەھەرلىنىپ قالىدۇ؛ ئارقىدىن قەدىمىي كىتابلارغا ئېيتىلغىنى بويىچە سويا(دادۇر) ۋە چۈچۈكبۇيا يەپ زەھەرنى قايتۇرىدۇ.

لى شىجېن ئىجتىھات بىلەن 30 يىل ئەمگەك قىلىپ، مەشھۇر تاغ-دەريالارنى كېزىدۇ، 800 خىلدىن ئارتۇق كىتابنى ئوقۇپ، نەچچە مىليون خەتلىك خاتىرە قالدۇرىدۇ ۋە كۆپ يىل تەكرار-تەكرار ئۆزگەرتىپ، ئاخىرى، نەچچە مىليون خەتلىك كاتتا ئەسەر «دورا ئۆسۈملۈكلەر دەستۇرى» نى قالدۇرىدۇ، بۇ كىتاب نەچچە 100 يىلدىن بۇيان جۇڭيى تېبابىتى، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىگە دائىر كلاسسىك ئەسەر دەپ قارىلىپ، لى شىجېن «دورىگەرلىك پىرى» دەپ ھۆرمەتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#