پەمىدۇر دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. پەمىدۇر ()
  2. پەمىدۇر (خام دورا )

پەمىدۇر

ئوزۇقلۇقى مول، تەمى مەززىلىك پەمىدۇرنى كىشىلەر «كۆكتاتلار ئىچىدىكى مېۋە، مېۋىلەرنىڭ ئېسىلى، يېشىل دۇنيادىكى قىزىل ياقۇت» دەپ تەرىپلىشىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر
تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر يېمەكلىك ، مېۋە سۈپىتىدە يەر شارى خاراكتېرلىك ئومۇمىيلاشقان.
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى پېدىگەن ئائىلىسى
خەنزۇچە ئىسمى 番茄
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىغا تەۋە
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
تۈرى پەمىدۇر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پەمىدۇر پىدىگەن ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ياپونىيىدە پەمىدۇر دەرىخى يېتىشتۈرۈلگەن. غول ئۇزۇنلۇقى16 مېتىر كېلىدىغان بۇ بىر تۈپ پەمىدۇر دەرىخى3000 دىن ئارتۇق پەمىدۇر مېۋىلەيدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇنى10 مىڭدىن ئارتۇق مېۋىلەتكىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پەمىدۇر دەرىخى پارنىكتا تۇپراقسىز ئۆستۈرۈلگەن بولغاچقا، ياپونلۇقلار ئۇنىڭغا ئالۋاستى پەمىدۇر دەپ نام بەرگەن.

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا بىر خىل چاسا شەكىللىك پەمىدۇر يېتىشتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ مېۋىسى يۇمىلاق پەمىدۇرغا قارىغاندا تېخىمۇ مەزمۇت بولۇپ، ماشىنا ئارقىلىق يىغىۋېلىشقا ۋە توشۇشقا ماس كېلىدىكەن. 

پەمىدۇر ئادەتتە شوخلا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى پېرۇنىڭ قويۇق ئورمانلىقىدىكى خىلۋەت جىلغىلاردۇر. ئۇنىڭ شاخ-يوپۇرماقلىرىدا بىر خىل يېقىمسىز پۇراق بولغاچقا، خېلى مەزگىللەرگىچە كىشىلەر خاتا ھالدا ئۇنى زەھەرلىك ئۆسۈملۈك دەپ قاراپ مېۋىسىنى يېيىشكە ھېچكىم پېتىنالمىغان. ئىندىئانلار ئۇنى دەسلەپتە «بۆرە شاپتۇلى» دەپ ئاتىغان ھەمدە ئۇنى پەقەت بۆرىلا يېيىشكە پېتىنالايدۇ دەپ قارىغان. 16-ئەسىردە ئەنگلىيىلىك كىنەز ئېلدالارى جەنۇبىي ئامېرىكىنى سەيلە قىلغاندا، بىر تۈپ پەمىدۇرنى ئالغاچ كېلىپ ئايال پادىشاھ ئىلزابىتقا تاماشا قىلىش ئۈچۈن سوۋغا قىلغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پەمىدۇر ياۋروپاغا تارقالغان. ئۇنىڭ مېۋىسى ھەم ئالمىغا، ھەم ئەبنۇس(ھالۋابىدىت) قا ئوخشايدىغان بولغاچقا، «ئالتۇن رەڭ ئالما» ۋە «غەرب ئەبنۇسى» دەپمۇ ئاتالغان. 18-ئەسىرگە كەلگەندىلا ئۇنى غەربلىكلەر قارىمۇچ، سامساق ۋە كالا مېيى قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ كۆكتات ئورنىدا يېيىشكە باشلىغان.

پەمىدۇرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، ھەم كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىشكە، ھەم مېۋە ئورنىدا يېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى تاۋۇزنىڭكىدىن10 ھەسسە كۆپ بولۇپ، قان بۇزۇلۇش كېسىلى، زۇكام، زىيادە سەزگۈرلۈكتىن داغ چۈشۈش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ۋە ئادەم تېنىنىڭ كېسەللىككە قارشى كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رولى بار.

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا بىر خىل چاسا شەكىللىك پەمىدۇر يېتىشتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ مېۋىسى يۇمىلاق پەمىدۇرغا قارىغاندا تېخىمۇ مەزمۇت بولۇپ، ماشىنا ئارقىلىق يىغىۋېلىشقا ۋە توشۇشقا ماس كېلىدىكەن. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#