بالەنگۇ چۆپى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بالەنگۇ چۆپى (رەيھاننىڭ بىر خىل تۈرى) نىڭ يەر ئۈستى قىسمى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى«بالەنگۇ چۆپى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بالەنگۇ چۆپى.
ئۆسۈملۈك بالەنگۇ چۆپى (رەيھاننىڭ بىر خىل تۈرى) نىڭ يەر ئۈستى قىسمى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى «بالەنگۇ چۆپى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
رايۇنىمىزنىڭ غۇلجا، ماناس، قەشقەر، گۇچۇڭ قاتارلىق ئورۇنلاردا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ خۇبىي، جاڭسۇ،خۇنەن قاتارلىق جايلىردىن چىقىدۇ.
ئاساسلىقى تىنچلاندۇرۇش، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، بەلغەم بوشۇتۇپ، يۆتەل پەسەيتىش، بەدەندىكى ھۆل سوغۇقلۇقنى تارقىتىش، كۆڭۈلنى ئېچىش، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ھۆنى پەسەيتىش، يەللەرنى تارقىتىش، ھامىلىنى ئاسراش، زەھەر قايتۇرۇش، يارىلارنى پۈتتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
سوغۇقتىن بولغان زۇكام، زۇكام تەسىرىدىن باش ئاغرىش،ئىشتىھاسىزلىق، ئىچى سىقىلىش، ئىسسىق ئۆتۈپ، كۆڭلى ئاينىش؛ كاناي ياللۇغى، بەلغەملىك يۆتەل، قۇسۇپ كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
تىنچلاندۇرۇش، قىزىتما قايتۇرۇش، نېرۋا سىستېمىسىنى كۈچەيتىش، يۆتەلنى، زىققىنى توختىتىش، قان توختىتىش، قان قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قان قەنتىنى يۇقىرىلىتىش، بۆرەكنى كۈچەيتىش، ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش، راكقا قارشى تۇرۇش رولى بار.
1.زۇپا، پىرسىياۋشان، چىلان، ئەنجۈر مونىكى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، بالەنگۇ چۆپى قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، كاشكاپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا شىپا بولىدۇ.
2.بالەنگۇ چۆپى، دارچىن، قەلەمپۇر، پىننە، زىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، چايلىق تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاپ، يەللەرنى تارقىتىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.