كۆكنار پوستى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ ئەپيۇنگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق كۆكنارنىڭ پىشقان غوزا مېۋىسىنىڭ قۇرۇتۇلغان پوستى بولۇپ ، بۇ ئۈسۈملۈكنىڭ پوسىتى « پوستى خەشخاش » ، ئۇرۇقى « تۇخۇمى خەشخاش » نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ . مېۋە پوستى قاتتىق ھەم چۈرۈك ، ياغاچلىق كېلىدۇ ، رەڭگى ئاق سېرىق ، ئۈزى چىڭ پوستى قېلىن بولغانلىرى ياخشىدۇر .
چىقىش ئورنى
ھىندىستان، چېخسلوۋىكىيە، روسىيە، تۈركىيە، بۇلغارىيە، ياپونىيە قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ .
بۇ ئۈسۈملۈكنىڭ پوسىتى « پوستى خەشخاش » ، ئۇرۇقى « تۇخۇمى خەشخاش » نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ .
ئىچى سۈرۈش ، ئۇيقۇسىزلىق ، يۆتەل ، زۇكام ، نەزلە ، قان تۈكۈرۈش ، ئۈچەي قاناش ، باش ئاغرىقى ، گال ئاغرىقى ، باھ ئاجىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ .
مەسىت قىلىش ، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش ، ئاغرىق پەسەيتىش ، قان توختىتىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش ، باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
كۆكنار پوستىدىن 10 گرام ، سۈئلەپتىن 7 گرام ، توخۇم سېرىقىدىن 5 گرام ئېلىپ ، قائىدە بويىچە سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچسە ،
باھ ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
مېۋىسى تېخى تولۇق پىشمىغان، مېۋە پوستى يېشىل رەڭدە تۇرغان ياكى سەل سارغايغان چاغدا ئەپيۇن تىلىپ ئېلىنغاندىن كېيىن كۆكنار غوزىكى ئۈزۈپ ئېلىنىپ ئۇرۇقى ئېلىۋېتىلىپ قۇرۇتۇلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.