شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىش تەرتىپ قائىدىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇننىڭ قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىش تەرتىپ قائىدىسى قانۇن ياردىمى خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇن ياردەم دېلوسنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئالاقىدارنىڭ قانۇن ھۇقۇق–مەنپەتىنى قوغداش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىش تەرتىپ قائىدىسى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区办理法律援助案件程序规则

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئۇمۇمي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ قائىدە قانۇن ياردىمى خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇن ياردەم دېلوسنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئالاقىدارنىڭ قانۇن ھۇقۇق–مەنپەتىنى قوغداش مەقسىتىدە گوۋۇيۇەنىڭ «قانۇن ياردىمى نىزامى» ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇن ياردىمى خىزمىتىگە ئائىت بەلگىلمىلىرى بويىچە تۈزۈپ چىقىلدى.

2-ماددا قانۇن ياردەم ئاپپاراتى قانۇن يادەم بېرىش ئىلتىماسنى قۇبۇل قىلىش، ئالاقىدارنىڭ شەرتلىرنى تەكشۈرۈش، قانۇن ياردەم ئاپپاراتى ياكى قانۇن ياردەم خادىملىرنى قانۇن ياردەم دېلوسنى بېجىرىشكە بەلگىلەش، دېلو بېجىرش ئەھۋالنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بۇلىدۇ.

3-ماددا قانۇن ياردىمى بىرىش خادىملىرى مۇشۇ قائىدىدە بەلگىلەنگەن قانۇن ياردىمى دېلوسىنى بېجىرىش تەرتىپى بۇيىنچە قانۇن ياردىمى دېلوسىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش.

2-باب ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى

4-ماددا دېلوسى مۇشۇ رايۇن ئىچىدە يۈز بەرگەن ئالاقىدار ئۈزىنىڭ قانۇني ھوقۇق–مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇن مۇلازىمىتىگە مۇھتاج بۇلۇپ، ئىقتىسادى قىينچىلىقى تۈپەيلىدىن قانۇن مۇلازىمىتى ھەققىنى تۈلەشكە قۇربى يەتمىسە قانۇن ياردەم بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ.

5-ماددا ئالاقىدار ھەق-تەلەپ ئىقتىدارى يوق، ھەق-تەلەپ ئىقتىدارى چەكلەنگەن كىشى بولسا،ئۇنىڭ ۋەسىيسى ياكى قانۇن ۋاكالەتچىسى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىدۇ.

6-ماددا ئالاقىدار تۆۋەندىكى ئىشلاردا قانۇن ياردەم بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ.

1) دۆلەت تۆلىمنى قانۇن بۇيىنچە تەلەپ قىلىش؛

2) نەپىقە پۇلى ،قۇتقۇزۇش پۇلى تەلەپ قىلىش؛

3) ئىجتىمائى سۇغۇرتا تەمىناتى ياكى ئەڭ تۈۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تەمىناتى تەلەپ قىلىش؛

4)  قاراش خىراجىتى، بېقىپ تەربىلەش خىراجىتى، بېقىش خىراجىتىنى تەلەپ قىلىش؛

5) ئەمگەك ھەققى تەلەپ قىلىش؛

6) ئادالەت يۇلىدا پىداكارلىق كۆرىستىش ھەركىتىدە پەيدا بولغان ھەق–تەلەپ ھۇقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىش؛

7) ئىشتا يارلىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمان بۇلۇش؛

8) مۇھىت بۇلغىنش، ئامىۋى تازلىق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرش ھەركىتىدە پەيدا بولغان ھەق–تەلەپ ھوقۇق مەنپەتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىش؛

9) ئائىلە زوراۋانلقى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان نىكاھ ماجراسىدا پەيدا بولغان ھەق-تەلەپ ھوقۇق–مەنپەتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىش؛

10) مېيپلەر، ياشانغانلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىسمانى زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىش؛

11) پۇقرالارنىڭ ئاساسي ياشاش شەرتلىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلك بولغان ھەمدە قانۇن ياردەم ئاپپاراتى ياردەم بىرىش زۈرۈر دەپ قارالغان باشقا ئىشلار.

7-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا بولغان جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىكى ئالاقىدار قانۇن ياردەم بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ؛

1) جىنايەت گۇماندارىنى تەھققلىگۈچى ئورگان بىرئىجى قېتىم سۇراق قىلغاندىن كېىين ئۇنىڭغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان كۈندىن باشلاپ ئىقتىسادي قىيىنچىلق تۈپەيلىدىن ئادۇۋكات تەكلىپ قىلمغان بولسا؛

2) ئەيپلەنگەن دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى ياكى يېقىن تۇققىنى دېلو تەكشۈرۈپ ئەيىپلەشكە ئۆتكۈزۈپ بىرلگەن كۈندىن باشلاپ ىقتىسادى قىينچىلقى بولغانلقتىن ۋاكالەتچىلك قىلىشنى دەۋا ۋاكالەتچىسگە ھاۋالە قىلمىغان بولسا؛

3) بىۋاستە دەۋا دىلوسدىكى بىۋاستە دەۋا قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىسى دىلونى خەلق سوت مەھكىمىسى قۇبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ىقىتسادى قىيىنچلقى بولغانلقتىن ۋاكالەتچسى قىلىشنى دەۋا ۋاكالەتچىسگە ھاۋالە قىلمىغان بولسا.

8 ماددا ھەق-تەلەپ دەۋاسى، مەمۇرىي دەۋا ياكى بەلگلىگەن جىنايى ئىشلار دەۋاسىدا ئالاقىدار قانۇن ياردەم بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا ئىلتىماسنى باشقۇرۇش ھۇقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قۇبۇل قىلىدۇ.

ئالاقىدارنىڭ مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىش، ئەمگەك تالاش–تارتىشىلىرنى كېسىم قىلىشقا قانۇن ياردىمى بىرىش توغرىسدىكى قىلغان ئىلتىماسنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىش ئاپپاراتى، ئەمگەك تالاش–تارتىشلىرىنى كېسىم قىلىش ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردەم ئاپپاراتى قۇبۇل قىلىدۇ.

ئالاقىدار قانۇندىن مەسلىھەت بېرشنى ئىلتىماس قىلسا يېقىن ئەتراپتىكى قانۇن ياردەم ئاپپاراتى قۇبۇل قىلىدۇ.

9-ماددا ئاقلاش بىكتىلگەن جىنايى ئىشلار قانۇن ياردىمى دىلولىرنى شۇ سوت مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جايدىكى قانۇن ياردەم ئاپپاراتى قۇبۇل قىلىدۇ.

10-ماددا ناھيە دەرئىجلك قانۇن ياردەم ئاپپاراتى شۇ باشقۇرۇش رايۇندىكى قانۇن ياردەم دېلوسى ۋە ناھىيە خەلق سوت مەھكىمىسى ئاقلاشنى بىكىتكەن جىنايى ئىشلار قانۇن ياردەم دېلوسىنى قۇبۇل قىلىدۇ.

رايۇن بار شەھەرلىك قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى شۇ باشقۇرۇش رايۇندا چوڭ تەسىرى بولغان ياكى چەتكە چېتىشلق قانۇن ياردىمى دىلوسى ئوتتورا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاقلاشنى بىكىتكەن جىنايى ئىشلار دېلوسنى قۇبۇل قىلىدۇ.

ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ قانۇن ياردەم مەركىزى ئاپتونوم رايۇن ئىچىدە چوڭ تەسىرى بولغان قانۇن ياردەم دېلوسى ۋە ئاپتونوم رايونلوق يۇقرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاقلاشنى بىكىتكەن جىنايى ئىشلار دېلوسنى قۇبۇل قىلىدۇ

11-ماددا قانۇن ياردەم ئاپپاراتى دىلو ئەھۋالى مۇھىم ،ئەھۋال مۇرەككەپ شۇ باشقۇرۇش رايۇندا لىللا ياردەم بېرىشكە تەسرى يىتىش مۇمكىن ،بىر دەرىجە يۇقىرى قانۇن ياردەم ئاپپاراتى ياردەم بېرىكە تېگىشلك دەپ قارسا بىر دەرىجە يۇقىرى قانۇن ياردەم ئاپپاراتىنىڭ ماسلاشتۇرۇپ بېرشنى ياكى بىۋاستە بېجىرىشنى تەلەپ قىلسا بۇلىدۇ.بىر دەرىجە يۇقىرى قانۇن ياردەم ئاپپاراتى تەكشۈرگەندىن كىيىن ماسلاشتۇرۇپ بېجىرىش ياكى بىۋاستە بېجىرىش قارارى چىقارسا بۇلىدۇ.

بىر دەرىجە يۇقرى قانۇن ياردەم ئاپپاراتى بىر دەرىجە تۈۋەن قانۇن ياردەم ئاپپاراتىنىڭ باشقۇرۇشتىكى قانۇن ياردەم دېلوسىنى بىۋاستە بىجىرسە بۇلىدۇ ياكى شۇ باشقۇرۇش رايۇندىكى قانۇن ياردەم دېلوسىنى بىر دەرىجە تۈۋەن قانۇن ياردەم ئاپپارتىنىڭ بېجىرىشنى بىكىتسە بۇلىدۇ.

12-ماددا قانۇن ياردىمى بىرىشنى ئىلتىماس قلغان ئالاقىدار قانۇن ياردەم ئاپپاراتغا يازمىچە ئىلتىماس سۇنۇش ۋە «قانۇن ياردىمىنى بىرىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى»نى تولدۇرشى ھەمدە تۈۋەندىكى .ىسپات ماتېرىياللارنى تاپشۇرشى كېرەك،لىكىن قانۇندىن مەسلىھەت سۇراش بۇنىڭ سرتىدا.

1) كىملىكى ياكى كۈچكە  ئىگە باشقا سالاھىيەت ئىسپاتى ،ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ۋاكالەتچىلك ھۇقۇقى بارلىقىغا دائىر ئىسپاتى؛

2) ئىلتىماس قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى رېزا،بازارلق خەلق ھۆكۈمىتى، مەھەللە باشقارمىسى ياكى ئالاقىدار ئۇرۇنلارنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ياكى ئائىلسنىڭ ئىقتىسادى قىيىنچىلقى بارلىقىغا ئائىت ئىسپاتى؛

3) قانۇن ياردەم بېرشنى ئىلتىماس قىلغان ئىشقا ئائىت ئىسپات، دەلىل–ئىسپات ماتېرياللىرى؛

«قانۇن ياردەم بىرىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلى»نى تولدۇرۇشتا  قىينچىلىقى بارلارغا قانۇن ياردەم ئاپپاراتنىڭ خادىملىرى ياردەملىشىپ تولدۇرۇپ بەرسە بۇلىدۇ،

13-ماددا ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان گۇۋاھنامە ،ئىسپات ماتىرىياللىرى تۇلۇق بولمىسا، قانۇن ياردەم ئاپپاراتى ئىلتىماس قىلغۇچىدىن تۇلۇقلاشنى ياكى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بۇلىدۇ؛ ئىلتىماس قىلغۇچى تەلەپ بۇيىنچە تۇلۇقلىمىسا ياكى چۈشەنچە بەرمىسە ،ئىلتىماسنى بىكار قىلدى دەپ ھىساپلايدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئالاقىدار ئىسپات ماتېرياللىرى بىلەن تەمىنلەشتە ھەقىقەتەن قىيىنچلقى بولسا قانۇن ياردەم ئاپپاراتى ئالاقىدار ئەھۋاللارغا ئاساسەن قانۇن ياردەم بىرىش ھەقىقەتەن زۆرۈر دەپ قارسا قانۇن ياردەم بىرىشنى قارار قىلسا بۇلىدۇ.

3-باب  تەكشۈرۈش تەرتىپى

14-ماددا قانۇن ياردەم ئىلتىماسنى تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاشقا مەسۇل قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىنىڭ خادىملىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋالارنىڭ بىرى كۈرۈلسە چەتلەپ تۇرشى كېرەك؛ئىلتىماس قىلغۇچى قانۇن ياردەم ئاپپاراتىنىڭ چەتلەپو تۇرشىنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بۇلىدۇ؛

(1)ئىلتىماس قىلغان ئىشتىكى ئالاقىدار بولسا ياكى ئالاقىدارنىڭ يېقىن تۇققىنى بولسا؛

(2) ئىلتماس قىلغان ئىش بىلەن باشقا مەنپەت مۇناسۋتى بۇلۇپ شۇ ئىلتىماسنى لىللا بېجىرىشكە تەسر يىتىش مۇمكىنچىلكى  بولسا.

15-ماددا  قانۇن ياردەم مەسئۇلىنىڭ چەتلەپ تۇرشىنى ئەدىليە مەمۇرىيى ئورگىنىنىڭ باشقۇردىغان مەسئۇلى قارار قىلىدۇ.باشقا خادىملارنىڭ چەتلەپ تۇرشىنى قانۇن ياردەم مەركىزىنىڭ مەسئۇلى قارار قىلىدۇ.

16-ماددا: قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى بىرىش ئىلتىماسىدا تۈۋەندىكلەرنى  نوقتىلق تەكشۈرۈش كېرەك:

(1) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھيىتى،ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە ئائىلە ئەزالىرنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى.

(2) شۇ ئاپپاراتنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى.

(3) ئىلتىماس قىلغۇچى كۆرسەتكەن دىلوغا ئائىت دەلىل–ئىسپاتلار.

تەكشۈرۈش ئارقىلق قانۇن مەسلىھەتىگە تەۋە بولسا ،دېلو ماتېرىيالغا ئاساسەن قانۇندىن جاۋاپ بېرىش لازىم.

قانۇن ياردەم بېرىش شەرتىگە تۇشىدىغان ،لىكىن شۇ ئاپپاراتنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولمىسا،ئىلتىماس قىلغۇچىغا باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە قانۇن ياردەم ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىشنى ئوقتۇرۇش كېرەك.

17-ماددا قانۇن ياردىمى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە تەكشۈرشى ھەمدە بىرىش–بەرمەسلىكنى قارار قىلىش كېرەك.

18-ماددا تۈۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرسى كۈرۈلسە قانۇن ياردىمى ئاپپاراتنى ئالدى بىلەن قانۇن ياردىمى بىرىپ ئاندىن تەكشۈرسە بۇلىدۇ؛

(1) دەۋا سۈركى تۇشۇپ قىلىش ئالدىدا بولسا؛

(2) مال-مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرىلىرنى دەرھال قوللىنىشقا توغرا كەلسە؛

(3) باشقا جىددىي پەۋقۇلئاددە ئەھۋال بولسا.

قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى تەكشۈرۈش ئارقىلق ئالدى بىلەن قانۇن ياردىمى بىرىش ئىلتىماس شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمىسەقانۇن ياردىمى بىرىشنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك.ئاۋال قانۇن ياردىمى بىرىشتىن كىلپ چىققان ھەقنى ئىلتىماس قىلغۇچى تۈلەيدۇ.

19-ماددا قانۇن ياردەم ئاپپاراتى قانۇن ياردەم بېرىشنى قارار قىلسا ئىلتىماس قىلغۇچىغا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە قانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتىغا بېرىپ رەسمىيەت بېجىرىشنى ئۇقتۇرۇش كىرەك.

قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى جىنايەت گۇماندارىغا قانۇن ياردەم بىرىشنى قارار قىلسا، قارار قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە ج خ ئورگىنى ياكى تەپتىش مەھكىمىسگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەمدە قانۇن ياردىمى بىرىشكە ئادۋۇكات بەلگىلشى لازىم.

20-ماددا قانۇن ياردىمى بىرىش ئاپپاراتى قانۇن ياردىمى بەرمەسلكنى قارار قىلسا، ئىلتماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرشى ھەمدە چۈشەندۈرشى كېرەك.

قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى جىنايەت گۇماندارىغا قانۇن ياردەم بەرمەسلكنى قارار قىلسا، ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە ج خ ئورگىنى ياكى تەپتىش مەھكىمىسگە يازمىچە  ئۇقتۇرۇش قىلىشى ج خ ئورگىنى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايەت گۇماندارىغا ئۇقتۇرۇشى كىرەك.

21-ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاقلاشنى بېكىتسە، قانۇن ياردەم ئاپپاراتى ئاقلاشنى بىكتىش ئالاقىسنى تاپشۇرۋېلىپ ئۈچ كۈن خىزمەت كۈنى ئىچىدە قانۇن ياردەم مەجبۇريىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئادۇۋكاتنى ئاقلاشقا بەلگىلەش لازىم. 

4-باب ياردەم  بىرىش تەرتىپى

22-ماددا  قانۇن ياردەم ئاپپاراتى قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرىشكە قانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتىنى ياكى قانۇن ياردەم ئاپپارات خادىملىرنى ۋاقتئىدا بەلگىلشى لازىم.

قانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتى قانۇن ياردەم ئاپپاراتىنىڭ بەلگىلەش. ئالاقىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىين ئۈچ خىزمەت كۈنى ئىچىدە بېجىرگۈچىنى بىكىتىش ،ئالاقىدار رەسمىيەتلىرنى بېجىرىش ھەمدە دېلو بېجىرگۈچى سوت مەھكىمىسگە ۋاقتىدا ئوقتۇرۇشى لازىم.

23-ماددا قانۇن ياردىمى خادىملىرى بۇ دېلونى بېجىرىش مۇۋاپق ئەمەس دەپ قارىساقانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتىغا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ. 

قانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتى سەۋەپنى ئۇرۇنلۇق دەپ قارىسا قايتىدىن بەلگىلسە بۇلىدۇ.

24-ماددا ئالاقىدارلاردا قانۇن ياردىمى دېلوسنىڭ ئىلگىرلەش ئەھۋالنى ئىگەللەش ھوقۇقى بۇلىدۇ. قانۇن ياردەم خادىملىرى ئەينەن ئەھۋالنى ئېيتىپ بىرىش لازىم.

ئالاقىدار قانۇن ياردىمى خادىمىلىرى دېلوسىنى پاسسىپ بېجىردى دەپ قارىسا قانۇن ياردەم ئاپپاراتىغا قانۇن ياردەم بېرىش خادىمىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ. قانۇن ياردەم ئاپپاراتى تەكشۈرۈش ئارقلق راست بۇلۇپ چىقسا ئالماشتۇرۋېتىشى كىرەك. 

25-ماددا  قانۇن ياردىمى خادىملىرى قانۇن ياردەم بىرىش داۋامىدا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قانۇن ياردەم بىرىش شەرتىگە توشمايدىغانلىقنى سەزسە قانۇن ياردەم ئاپپاراتىغا مەلۇم قىلپ تەستىقلىتىپ قانۇن ياردەم بىرىشنى ئاخىرلاشتۇرۋەتسە بۇلىدۇ. ئالاقىدار قانۇن مۇلازىمتى ھەققى تۈلەشكە ماقۇل بولسا داۋاملق قانۇن مۇلازىمىتى قىلسا بۇلىدۇ.

26-ماددا قانۇن ياردىمى بىرىش خادىملىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئاقلاشنى بىكىتكەن جىنايى ئىشلار دېلوسىنى بېجىرىش داۋامىدا ئاقىدارلارنىڭ باشقا قانۇن مۇلازىمىتى خادىملىرىغا ھاۋالە قىلغانلىقىنى سەزسە قانۇن ياردەم ئاپپاراتىغا يوللاپ تەستىقلىتىپ قانۇن ياردەم بىرىشىنى توختىۋېتىشى كېرەك.

27-ماددا قانۇن ياردىمى خادىملىرى قانۇن ياردەم دېلوسنى بېجىرىشتە كەسپكارلىق ئۆلچىمىنىڭ تەلىپى بويىچە ئالاقىدار بىلەن كۈرۈشىشى، ئەستايدىل تەكشۈرۈپ، دەلىل-ئىسپات ئېلىشى،پاكىتنىڭ ئەينىنى تەكشۈرۈپ ئېنقلىشى ۋاكالەتچلىك سۈزى ياكى ئاقلاش سۆزى يېزىش ھەمدە سوتقا ۋاقتىدا قاتنىشىپ، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەتىنى ھەققى يۇسۇندا قوغدىشى لازىم.

28-ماددا قانۇن ياردىمى خادىمىلىرى دىلونى مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بۇلىدۇ دەپ قارىسا ئالاقىدارلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كىين مۇرەسسە قىلىپ ھەل قىلسا بۇلىدۇ، مۇرەسسە ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمىسا، قانۇن ياردەم خادىملىرى ئالاقىدارنىڭ ۋاقتىدا دەۋا قىلىشىغا ياردەملىششى كېرەك.

5-باب دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇش تەرتىۋى

29-ماددا قانۇن ياردەم خادىملىرى قانۇن ياردىمى دېلوسنى بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن 10 ئىچىدە دېلو بېجىرىشكە بەلگىلەنگەن قانۇن ياردىمى ئاپپاراتىغا دېلونىڭ تۈۋەندىكىدەك ماتېرىياللىرنى تاپشۇرشى ھەمدە ئارخىپ باشقۇرۇش تەرتىپى بويىچە تىكىپ ئارخىپلاشتۇرۇپ قانۇن ياردىمى ئاپپاراتنىڭ تەكشۈرشىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك:

(1) قانۇن ياردىمى بىرىشنى بەلگىلەش ئالاقىسى ۋە قانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتىنىڭ تەستىقلاش قەغىزى؛

(2) ھاۋلە ۋاكالەتچىلك كىلشىمى ۋە باشقا ھاۋالە رەسمىيەتلىرى؛

(3) ئەيپنامە، نارازلق ئەرزنامىسى، ئەرزنامە ياكى مەمۇريى قايتا قاراپ چىقىش (ئەرزى )ئىلتىماسى، دۆلەت تۈلىمى تەلەپ قىلىش ئىلتىماسى قاتارلق قانۇن ھۆججەتلىرنىڭ قۇشۇمچىسى؛

(4) ھاۋالە قىلغۇچى، ئالاقئىدار ۋە گۇۋاھچى بىلەن سۆھپەتلىشش خاتىرسى، شۇنىڭدەك مۇناسۋەتلىك تەكشۈرۈش ماتېريللرى؛

(5) جاۋاپنامە ئاقلاش سۆزى ياكى ۋاكالەتچىلىك سۆزى قاتارلىق قانۇن ھۆججەتلىرى؛

(6) ھۆكۈمنامە (كېسىمنامە)، كېسىم ھۆكۈمى، مۇرەسسە ياكى مەمۇرىيى جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش (قايتا قاراپ چىقىش ) قارارى قاتارلىق قانۇن ھۆججەتلىرنىڭ قۇشۇمچىسى؛

(7) دېلو ئاخىرلاشتۇرۇش دوكىلاتى؛

(8) بىجىرگەن دېلوغا مۇناسۋەتلىك باشقا ماتېرىياللار.

قانۇن ياردەم ئاپپاراتى بېجىرىپ تاماملانغان دېلو ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 10 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈشنى تاماملىشى كېرەك.

تەمىنلەنگەن ماتېرياللار تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىسا، تەلەپ بويىچە ئۆزگەرتىش كېرەك؛ تەلەپكە ئۇيغۇن بولسا، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى قانۇن ياردەم ئاپپاراتى ساقلايدۇ، ئەسلى نۇسخىسىنى قانۇن مۇلازىمەت ئاپپاراتى ساقلايدۇ.

30-ماددا قانۇن مۇلازىمەت ئاپپاراتى بېجىرگۈچىنىڭ قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرىش سۈپىتى، كەسپىي ئەخلاق ۋە كەسپىي ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىغا قارىتا باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىك قىلىش لازىم.

31-ماددا قانۇن مۇلازىمەت ئاپپاراتى قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرگۈچىگە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ قانۇن ياردەم دېلوسىنى بېجىرىش راسخۇدىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» دىكى ئۆلچەم بۇيىچە ۋاقتىدا تۇلۇقلىما بىرىدۇ.

6-باب قۇشۇمچە پىرىنسىپ

32-ماددا بۇ بەلگىلمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قۇيىلىدۇ.

33-ماددا بۇ بەلگىلىمىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدلىيە نازارىتى چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#