سۇنبۇل ھىندى

سۇنبۇل ھىندى

سۇنبۇل ھىندى   بولسا ئۆسۈملۈك كەڭ يوپۇرماقلىق سۇمبۇل بولۇپ، يىلتىزى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە..

ئۇيغۇرچە نامى سۇنبۇل ھىندى
ئەرەبچە نامى سۇنبۇل رۇمى، سۇنبۇل جەبەلى
ئىنگلىزچە Indian Uarerian
تونۇش ئۆسۈملۈك كەڭ يوپۇرماقلىق سۇمبۇل بولۇپ، يىلتىزى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق
خەنزۇچە ئاتىلىشى 毛甘松
پارسچە نامى سۇنبۇل ھىندى، ئايىك ھىندى
ئوردۇچە نامى بىلچىر ھىندى
تەمى تەمى ئۆتكۈر، چۈچۈمەل كېلىدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇنبۇل ھىندىسۇنبۇل ھىندى   بولسا  سۇنبۇل ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى cm 15~ 30 ئۆسىدىغان، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈككەڭ يوپۇرماقلىق سۇمبۇل بولۇپ، يىلتىزى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.يىلتىزى قوڭۇر رەڭلىك بولۇپ، ئۈستىدە نۇرغۇنلىغان توم- ئىنچىكە، دىئامېتىرى تەخمىنەن بىر  مىللىمېتىر كېلىدىغان چاچما يىلتىزلىرى بولىدۇ، ئۇشتۇلغان يۈزى سارغۇچ ئاق ياكى كۈل رەڭگە مايىل ئاق رەڭدە بولىدۇ. تەمى ئۆتكۈر، چۈچۈمەل كېلىدۇ.ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىنىدۇ.  ئېلىمىزنىڭ يۈننەن، شىزاڭ، سىچۈەن قاتارلىق جايلىرىدىن، ھىندىستان، نىپال، ياۋروپا، شىمالىي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

يۈرەك، مېڭە، جىگەر ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، يەل تارقىتىش، بەدەننى قىزىتىش، پەي ۋە نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى تازىلاش، بەتبۇيلۇقىنى يوقىتىش، چاچ ئۆستۈرۈش، چاچ قارايتىش، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش.

خاس تەسىرى

يۈرەك مۇسكۇلىنى قۇۋۋەتلەش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى

بۆرەككە زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

ۋالېرانوننىڭ يۈرەك رېتىمسىزلىقىغا قارشى تەسىرى بىر قەدەر بىخەتەر بولۇپ، شوكقا قارشى تۇرۇش جەھەتتە باشقا سۇنبۇللارنىڭ ئۇچۇچان مېيىدىن كۈچلۈك، سۇنبۇل كانايچىلارنى كېڭەيتىدۇ، ئىسپىرتلىق ئېرىتمىسى ئورگانىزمدىن ئايرىلغان سىلىق مۇسكۇللۇق ئەزالار (كىچىك ئۈچەي، چوڭ ئۈچەي، بالىياتقۇ، كانايچە) قاتارلىقلارغا ھىستامىن، 5- ھىدرو سىترىپتامىن ۋە ئاتسېتىل خولىن قاتارلىقلارغا قارشى تۇرۇش تەسىرى بار. كەڭ يوپۇرماقلىق سۇنبۇلنىڭ ئۇچۇچان مېيى ئازراق بولۇپ، زەمبۇرۇغقا قارشى تۇرۇش، يەل ھەيدەش ۋە بوشاشتۇرۇش تەسىرى بار، تېرىگە، شىللىق پەردىلەرگە نىسبەتەن غىدىقلاش تەسىرى يوق، تىنچلاندۇرۇش تەسىرى بار.

سۇنبۇل ھىندى تەركىبىدە كوۋمارىن تۈرىدىكى بىرىكمىلەردىن جاتامانـزىـن (Jatamansine)،جاتامـانـزىـنـول(Jatamansinol)، ئـورۇزىـلـول (Oroselol) ، ئانگېلىتسىن (Angelicin)، ئارىستولېـن (Aristolene) قاتارلىقلار بار، يەنە ناردول (Nardol)، سۇنبۇل كېتونى ۋالېرانون( (Va Leranon، كالاررېنول (Kalarrenol) قاتارلىقلار بار.  يېقىنقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا يەنە كوۋمارىن (coumarin) تۈرىدىكى تەركىبلەرنىڭمۇ بارلىقى ئېنىقلانغان.

سۇنبۇل ھىندى1. مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇنبۇلنى يۇمشاق سوقۇپ قولتۇققا سەپسە، قولتۇقنىڭ سېسىقلىقىنى يوقىتىدۇ.

2. مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇنبۇلنى چاينىسا، ئېغىزنىڭ بەتبۇيلۇقىنى يوقىتىدۇ.

3. ئامىلە 20 گرام، ئوسما سۈيى 50 مىللىلىتىر، زەيتۇن يېغى 50 مىللىلىتىر، سۇنبۇل 20 گرام، سوقۇپ مەلھەم تەييارلاپ، باشقا چاپسا چاچ ئۆستۈرىدۇ،  چاچنى قارايتىدۇ.

4. مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇنبۇلنى كۆيدۈرۈپ بۇرۇنغا تارتسا، تۇتقاقلىق كېسەل ئۈچۈن شىپا بولىدۇ.

5. گاۋزىبان ھىندى، ئۈستىقۇددۇس، لاچىندانە ھىندى، سۇنبۇل، بەدىيان قاتارلىق دورىلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، چايلىق تەييارلاپ ئىچسە، يۈرەك قوزغىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

6. سۇنبۇل، مەرۋايىتلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، كۆزگە تارتسا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.

دورىلىق ئورنى

يىلتىزى

مىقدارى

3 ~ 5 گرام

ساقلاش

كۈدە يىغىۋېلىنغىنىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولىدۇ. يىغىۋالغاندىن كېيىن توپىلىرىدىن تازىلاپ، قۇرۇتۇپ ساقلىنىدۇ. 

تۈزەتكۈچىسى

  گۈل يېغى، كەتىرا

ئورۇنباسارى

ئىزخىر مەككى، سازەج ھىندى.

 شەربىتى سۇنبۇل،  مەجۈنى سۇنبۇل.

تۇتقاقلىق كېسىلى، ھىستېرىيە، يۈرەك قوزغىلىش، تىتىرىمە پالەچ، پەي ۋە نېرۋا ئاغرىقلىرى، كالتە يۆتەل، ھەيز توسۇلۇش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ئىشتىھاسىزلىق، جىگەر زەئىپلىكى ۋە ياللۇغى، سېرىقلىق چۈشۈش، جىگەر يىگلەپ كېتىش، چاچ ئاقىرىپ كېتىش، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. سۇنبۇلنىڭ چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش خۇسۇسىيىتى بولغاچقا، يۈز تېرىلىرىدىكى ھەر خىل داغ، سەپكۈن قاتارلىقلارغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېباىتى خام دورىلار ئىلمى1 (شىنجاڭ تېببي ئۇنۋېرسېتىتى تولۇق كۇرۇس نۇسخسى).[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=290

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#