ياڭاق كۆك پوستى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، چىشنى چىڭىتىش، بەدەننى قۇرۇتۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش،ئىشتىھانى ئېچىش، تېرە ۋە چاچلارغا رەڭ بېرىش خۇسۇسىيەتكە .
تەركىبىدە x-hydrojuglone – 4 B-glucoside بار .
ياڭاق كۆك پوستى1. ياڭاق كۆپ پوستىدىن 10 گرام، موزا ، كاتە ھىندى، ئانار گۈلى قاتارلىقلاردىن 6 گرامدىن ئېلىپ، قائىدە بويىچە قاينىتىپ سۈيىدە غارغار قىلىپ بەرسە، بادامسىمان بەز ياللۇغى، چىش مىلىكى ئىششىقى، چىش بوشاپ كېتىش ۋە ئاغرىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. ياڭاق كۆك پوستى 10 گرام، سىيادان، ئادراسمان ئۇرۇقى، زەنجىۋىل قاتارلىقلاردىن 6 گرامدىن ئېلىپ قائىدە بويىچە سوقۇپ سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، ئاق داغ، بەرەس، تەمرەتكە، باش ئاغرىقى، پالەچ، لەقۋا قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
غەرغەر سۈيى.
ھۆل سوغۇقتىن ياكى غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىدىن بولغان كېسەللىكلەر، ئاق داغ، بەرەس، بادامسىمان بەز ئىششىقى، چىش مىلىكىنىڭ ئىششىپ ئاغرىشى، چىش بوشاپ قېلىش، كالا تەمرەتكىسى، باش تەمرەتكىسى، كۆز بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى ۋە باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، پالەچ، مۇپاسىل قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى (ئەسەر )
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى ئىككىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.