قۇياش ئېنېرگىيىلىك سەيلە كېمىسى
يېڭى تىپتىكى بىر خىل سەيلە كېمىسى بار، ئۇنىڭغا يېقىلغۇ كەتمەيدۇ، ئادەم كۈچىمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ، 5 ~6 كىشى ئولتۇرسا، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى سائىتىگە 6 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ماڭالايدۇ، بۇ قۇياش ئېنېرگىيىلىك سەيلە كېمىسىدۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
يېڭى تىپتىكى بىر خىل سەيلە كېمىسى بار، ئۇنىڭغا يېقىلغۇ كەتمەيدۇ، ئادەم كۈچىمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ، 5 ~6 كىشى ئولتۇرسا، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى سائىتىگە 6 كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ماڭالايدۇ، بۇ قۇياش ئېنېرگىيىلىك سەيلە كېمىسىدۇر.
قۇياش ئېنېرگىيىلىك سەيلە كېمىسى قۇياش باتارېيىسى ھاسىل قىلغان ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنىڭ ئېلېكتر دۋىگاتېلنى، ئۇ ئارقىلىق پىرقىرىغۇچنى ھەرىكەتلەندۈرۈشى بىلەن ماڭىدۇ. قۇياش باتارېيىسى قۇياش نۇرىنىڭ ئېنېرگىيىسىنى بىۋاسىتە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇرىدۇ. جۇڭگودا تۇنجى قۇياش ئېنېرگىيىلىك سەيلە كېمىسى نىڭبودا ياسالغان. كېمىنىڭ سىرتى ئەينەك پولات بىلەن قاپلانغان، تۆپىسىگە 2 ×2 كۋادرات سانتىمېتىرلىق 3168 پارچە كرىمنىي قۇياش باتارېيىسى ياپراقچىسىدىن تەركىب تاپقان 27.1 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان كرىمنىي قۇياش باتارېيىسى تاختىسى ئورنىتىلغان. قۇياش نۇرى تىك چۈشكەندە 120 ۋات ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ھاسىل بولىدۇ. كېمە ئىچىدىكى سىغىمچانلىقى يۇقىرى ئاككۇمۇلياتور ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكى ئارتۇق ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى ساقلاپ، ھاۋا تۇتۇق، يامغۇرلۇق كۈنلىرى كېمىنى بېسىمى تۇراقلىق ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
قۇياش ئېنېرگىيىلىك سەيلە كېمىسى يېقىلغۇ ئىشلەتمىگەچكە، دېزىل ماتور پەيدا قىلىدىغان ئىس ۋە شاۋقۇن بولمايدۇ، سىلىق ماڭىدۇ، بولۇپمۇ مەنزىرە رايونلىرىنى تاماشا قىلىشتا ئىشلىتىشكە باب كېلىدۇ. بىراق، ھازىر كرىمنىي قۇياش باتارېيىسى ئىشلەش تەننەرخى يۇقىرىراق، ئاككۇمۇلياتورنىڭ سىغىمچانلىقى چەكلىك بولغانلىقتىن تېخى ئومۇملاشمىدى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.