شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەسلى نامى سانجى يېزا ئىگىلىك مەكتىپى بولۇپ، 1959-يىلى 9-ئايدا سانجى شەھىرىدە قۇرۇلغان.
1967-يىلى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى سەۋەبىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختاتقان. 1971-يىلى سانجى ئوبلاست تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر «7-ماي» كادىرلار مەكتىپىگە چۈشۈرۈلگەن. 1973-يىلى مەكتەپ قايتا قۇرۇلغان. 1976-يىلى بۇ مەكتەپتە كوممۇنىستىك ئەمگەك ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇپ، بىر مەكتەپ، ئىككى ۋىۋىسكىنى يولغا قويغان. 1978-يىلى كوممۇنىستىك ئۇنىۋېرسىتېت دېگەن نام ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1980-يىلى مەملىكەتلىك نۇقتىلىق مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. 1981-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك نازارىتىنىڭ رەھبەرلىكىگە تاپشۇرۇلغان. 1988-يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1993-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. 1990-يىلى يەنە بىر قېتىم مەملكەتلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا تېخنىكوم قىلىپ بېكىتىلگەن. مەكتەپ يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك چارۋىچىلىق كەسپىدىكى 10 يىل مول-ھوسۇل ئالغان ئىلغار كوللېكتىپ، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مەملىكەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مائارىپ ئىسلاھاتىدىكى ئىلغار ئورۇن، مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتى قاتارلىق بەش مىنىستىرلىك تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە كەسپىي تېخنىكا مائارىپىدىكى ئىلغار ئورۇن، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن» ، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن. يەر كۆلىمى 376588 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 62332 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ئىلمى، مال دوختۇرلۇق، سۇچىلىق، باغۋەنچىلىك، ئۆسۈملۈك ئاسراش، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش، يەر باشقۇرۇش، ئۇرۇقچىلىق، باقمىچىلىق، بوغالتىرلىقنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش، ئىگىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق 12 كەسىپ تەسىس قىلىنغان. ئىككى سىرتتىن ئوقۇش پونكىتى، بىر مەخسۇس كۇرس، تولۇق كۇرس ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش نۇقتىسى، بىر كېۋەز ئۆستۈرۈش مەركىزى، ھەرخىل تەجرىبىخانا، ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش، تىل ئۆيى، كومپيۇتېرخانا، ئېلېكترلەشكەن قىرائەتخانا قاتارلىق 43 ئورۇن بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەكتەپ ئىچى-سىرتىدىكى پراكتىكا بازىسى ۋە يېپىق يوللۇق تېلېۋىزور سىستېمىسى، مەكتەپ تورى قۇرۇلغان. كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 191800 پارچىدىن ئارتۇق. مەكتەپ شتاى 222، 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 84 نەپەر، قوشۇمچە ئوقۇتقۇچى 21 نەپەر (ئالىي لىكتور 25 نەپەر، لىكتور 48 نەپەر) نەپەر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 2004 نەپەر.
1958 - يىلى، سانجى ئوبلاستلىق كوپىراتسىيە كادىرلار مەكتىپى بۇلۇپ قۇرۇلغان؛
1959 - يىلى، سانجى ئوبلاستلىق كوپىراتسىيە كادىرلار مەكتىپى نامى سانجى يېزا ئىگىلىك مەكتىپىگە ئۆزگەرتكەن؛
1972 - يىلى، سانجى يېزا ئىگىلىك مەكتىپى سانجى ئوبلاستى كوممۇنىستىك ئەمگەك ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلىپ ، كېيىن سانجى يېزا ئىگىلىك مەكتىپى بولۇپ قۇرۇلغان؛
1988 يىلى، سانجى يېزا ئىگىلىك مەكتىپى نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلگەن.
2000 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەكتىپى دەرىجىسى ئۆسۈپ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلگەن.
2002 - يىلى، مەملىكەت بويىچە 30 نۇقتىلىق كەسپىي مەكتەپلەر قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنى بولغان؛
2006 - يىلى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىك تەربىيىلەش ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان.
2006-يىلى 12-ئايدا، ئىنستىتۇت تۇنجى تۈركۈمدىكى 28 دۆلەتنىڭ ئۈلگىلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ ئۈچۈن قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ بىرى قىلىپ تاللانغان.
2009-يىلى 11-ئايدا، ئىنستىتۇت ئەلا نەتىجىسى ئارقىلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈش ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن.
ئىنستىتۇت ۋە فاكۇلتېت
بىيو پەن - تېخنىكا، باغ ۋە يېمەكلىك پەن - تېخنىكىسى، ھايۋانات، ئىقتىساد - سودا، قۇرۇلۇش شۆبە مەھكىمىسى، ئۇچۇر تېخنىكىسى، خەلقئارا ھەمكارلىق شۆبە ئىنستىتۇتى قاتارلىق 13 شۆبىسى تەسىس قىلىنغان، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىش مال دوختۇرلۇق، باغۋەنچىلىك تېخنىكىسى، ماشىنا ئېلېكترنى بىر گەۋدىلەشتۇرۇش تېخنىكىسى، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، بوغالتىرلىق ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش، كومپيۇتېر تور تېخنىكىسى، بىرلەشمە تورى تېخنىكىسى قاتارلىق 57 كەسپىي تەسىس قىلىندى.
ئوقۇتقۇچى بايلىق كۈچى
ئىنستىتۇتتىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر 800 نەپەردىن ئارتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس ئوقۇتقۇچى406 نەپەر، چوڭ شىركەتلەر، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، ئىنتېل قاتارلىق دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىلارنى كەسپىي تېخنىكا تايانچلىرى 430 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەن. ئىنستىتۇتتا دۆلەت دەرىجىلىك ئوقۇتۇش ئۆمىكىدىن ئۈچى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئوقۇتۇش كوللېكتىپىدىن 8 ى؛ دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن 2 نەپەر، مەملىكەتلىك ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەش ئۈلگىسىدىن 1 نەپەر، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك داڭلىق ئوقۇتقۇچىدىن 5 نەپەر، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك كەسپىي مائارىپتاداڭلىق ئوقۇتقۇچىدىن ئالتە نەپەر، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش ماھىرلىرىدىن ئۈچ نەپەر، ئاپتونوم رايونلۇق ئىدىيە سىياسىي نەزەرىيە دەرسى - پەن باشلامچىلىرىدىن بىر نەپەر، ئاپتونوم رايونلۇق ئىدىيە سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇشتا تايانچ ئوقۇتقۇچىسىدىن بىر نەپەر.
ئوقۇتۇش قۇرۇلۇشى
ئىنستىتۇتتا جەمئىي خەلقئارالىق ئېسىل بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش دەرسلىكى 3 تۈر، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سەرخىل دەرس توپىدىن 13 ى ، ئاكادېمىيە دەرىجىلىك سەرخىل دەرسلىكتىن 50 تۈر، ئېچىش خاراكتېرىلىك دەرىسلىكتىن 21 تۈر. دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق كەسىپتىن 8 ى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئالاھىدە كەسىپتىن يەتتە. شەكىللەندۈرۈش يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، ماشىنا ئېلېكتر، قۇرۇلۇش، ئىقتىساد - سودا، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەر ئاساسىي گەۋدىسى قىلىنغان.
شان - شەرەپلىرى
ئىنستىتۇت بولسا مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى 28 دۆلەتنىڭ ئۈلگىلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى « مەملىكەتلىك كەسپىي مائارىپ بويىچە ئىلغار ئورۇن »، مەملىكەت بويىچە « 100 » ئەخلاقىي تەربىيە تەتقىقات داڭلىق مەكتەپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كەسپىي تەربىيىلەش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئاپتۇنۇم رايوننىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەپ بېرىشتە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇن، ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى تەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ. 2014 ـ يىلى 7-ئايدا 2014-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تىپىك تەجرىبىلىك ئالىي مەكتەپ.
ئىنستىتۇت ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگۈنۈش، تەتقىقات ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن يولدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ۋە يېڭى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى قۇردى. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ شالغۇت كۆممىقوناق ئۇرۇقى بازىسىغا ئايلاندى. يېڭىدىن گۈللەنگەن پەن - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىلتىماس قىلغان گۈل - گىياھ تۈر دۆلەتنىڭ تۈر تۇرغۇزۇش، گوللاندىيە بىلەن ئاددىي دېۋىت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرغان شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ گۈل بازىسى تۈرى يولغا قويۇلدى.
پارتكومنىڭ شۇجىسى : لى خۇڭ
مۇدىر : ۋاڭ يى
پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى : يۈەن جىننەن
مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقلىرى : ياڭ گۈيچۈەن، ئابدۇرېھىم كېرىم، يۈەن رۈيشىياڭ، غوپۇر ئەمەت، ۋاڭشەنخۇ
ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى : شۈجيەنيىڭ [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.