نۇمېئا
نۇمېئا شەھىرى غەربىي جەنۇبى تىنچ ئوكياندىكى يېڭى كالىدونىيىنىڭ مەركىزى، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر ئارالنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. 1854-يىلى قۇرۇلغان، دەسلەپتە «فرانسىيە پورتى» دەپ ئاتالغان، 1866-يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
نۇمېئا شەھىرى غەربىي جەنۇبى تىنچ ئوكياندىكى يېڭى كالىدونىيىنىڭ مەركىزى، مۇھىم پورتى. بۇ شەھەر ئارالنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 74 مىڭدىن ئاشىدۇ. 1854-يىلى قۇرۇلغان، دەسلەپتە «فرانسىيە پورتى» دەپ ئاتالغان، 1866-يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. شەھەرنىڭ ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن قورشىلىپ تۇرىدۇ، بىر تەرىپى دېڭىزغا يۈزلەنگەن. پورتنىڭ سىرتىنى مارجان ئاراللىرى توسۇپ تۇرىدۇ، پورتنىڭ سۈيى چوڭقۇر بولۇپ، غەربىي جەنۇبى تىنچ ئوكياندىكى ئەڭ ياخشى پورتلارنىڭ بىرى.
1947-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئەينى ۋاقىتتا جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىدا تەۋەلىكى ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان زېمىن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، رېمىس، ئاۋىسترالىيە، يېڭى زىللاندىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەت «كانبېررا كېلىشىمى» نى ئىمزالاپ جەنۇبىي تىنچ ئوكيان كومىتېتى (قىسقارتىلىپ SPC) قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. 1998-يىلى نامى تىنچ ئوكيان ئورتاق گەۋدىسىگە ئۆزگەرىتتى.
نۇمېئا1950–يىلى بۇ كومىتېت ئۈچۈن جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونى رايونىنىڭ تەۋەلىكى ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرىدىغان زېمىن بولغان پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان پۇرسەت ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدىغان جەنۇبىي تىنچ ئوكيان يىغىنى 1967-يىلى ئۆزگەرتىلىپ يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ دەپ قارار قىلدى. 1973-يىلى ئاۋسترالىيەنىڭ تەكلىپ ئاساسەن جەنۇبىي تىنچ ئوكيان كومىتېتى ۋە جەنۇبىي تىنچ ئوكيان يىغىنى 1974-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر قېتىم بىرلەشمە يىغىنى ئېچىلىدۇ دەپ قارار قىلىندى. يىغىندا «جەنۇبىي تىنچ ئوكيان يىغىنى»، مالىيە خام چوتى ، مەبلەغ ئىشلىتىش يۆنىلىشى تۈرىنى قوبۇل قىلىپ ھەمكارلىق، ھەمراھلىق سايلام ۋەزىپىسىگە تەيىنلەش كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى قاتارلىق چوڭ-چوڭ ئىشلىرى توغرىسىدا تەدبىر بەلگىلەش. پەقەت ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئاۋمېنن، غەربىي سامويا (كېيىنكى نامى سامويا)، فىجى، پاپۇئا يېڭى گۋېنىيىسى، كۇكى تاقىم ئاراللىرى، سولومون تاقىم ئاراللىرى، ناۋرۇ، تۇۋالۇۋە نيۇيورك قاتارلىق 13 ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ۋەكىللىرى سايلام ھوقۇقىغا ئىگە بولدى. 1983-يىلى 23-نۆۋەتلىك جەنۇبىي تىنچ ئوكيان يىغىنىدا ئاۋسترالىيەنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن بەلگىلىمە بويىچە ھازىر بار بولغان 27 ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ سايلاش ھۇقۇقى بولدى.
بۇ جايدا سۇ ئۈستى ئايرودرومى بار. ئامېرىكا، ئاۋسترالىيىلەرگە قاراپ يولغا چىققان ئايروپىلان ھەم پاراخوتلار بۇ جايدا توختاپ ئۆتىدۇ. پورتنىڭ 16 كىلومېتىرسىرتىدىكى خادا تاش ئۈستىدە 100 يىل ئىلگىرى ياسالغان تۆمۈر جاھازىلىق يول كۆرسىتىش چىرىغى بار، بۇ ئارالنىڭ مۇھىم سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ. شەھەردە خىلمۇخىل شەكىلدىكى سۇ ئۈستى سارايلىرى بار.
نۇمېئاقارىمىقىدا ئۈچ ئاساسىي تارماق ئايرىم-ئايرىم دېڭىز-ئوكيان بايلىقى ۋە ئىجتىمائېي ئىشلارغا مەسئۇل. فىجى سۇۋا رايونلۇق ئىش بىجىرىش ئورنى تەسىس قىلىنغان كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر ئىش بېجىرىش ئورنى بار. بەلگىلەنگەن تۈر كونكرېت ئىشلارنى يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر ياردەملىشىشىگە مەسئۇل مەمۇرىي گۇرۇپپا قۇرۇلدى. باش ئىش بېجىرگۈچىسى ۋە ئىككى نەپەر مۇئاۋىن باش ئىش بېجىرگۈچى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
داۋالاش، ساقلىق ساقلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىگىلىك تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى جەھەتتە تەربىيىلەپ مەسلىھەت بېرىشى ۋە ھەمكارلىشىشنى كۆپرەك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم تۈرى. 1976-يىلى ئېچىلغان 16-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئورتاق گەۋدە پائالىيەت دائىرىسى كېڭەيتىپ يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ياشلار ۋە تەشكىلات ئىشلىرىغا ئالاھىدە مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت ئېلىپ بېرىپ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، مائارىپ جەھەتتە ئالماشتۇرۇش ۋە دېڭىز-ئوكيان بايلىقلىرىنى ئېچىش ۋە تەتقىق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1995-يىلى 10-ئايدا 35-نۆۋەتلىك يىغىنى نۇمېئادا ئۆتكۈزۈلدى. سايلامدا روبېرت دۇئېن باش ئىش بېجىرگۈچىسى بولغان. 1996-يىلى 10-ئايدا 36-نۆۋەتلىك يىغىنى شىمالىي مارىئانا تاقىم ئارىلىنىڭ سايپاندا ئۆتكۈزۈلدى، روبېرت دۇئېن ئۇدا باش ئىش بېجىرگۈچىسى ۋەزىپىسىگە سايلىنىدۇ. 1997-يىلى 9-ئايدا 37-قېتىملىق يىغىنى ئاۋسترالىيە پايتەختى كانبېررادا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «جەنۇبىي تىنچ ئوكيان يىغىنى» قىلىندى ھەمدە جەنۇبىي تىنچ ئوكيان كومىتېتىنىڭ نامى 1998-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۇنىدىن باشلاپ تىنچ ئوكيان ئورتاق گەۋدىسى قىلىندى.
نۇمېئا1999-يىلى 12- ئايدا، تىنچ ئوكيان ئورتاق گەۋدىسى تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنى فرانسىيىگە قاراشلىق پولنىزىيەدە ئۆتكۈزۈلدى. بەلگىلىمە چىقىرىلىپ بۇ ئارقىلىق تەشكىلىي ئاپپارات ۋە خىزمەت قائىدىسىنى «تاخىتى خىتابنامىسى». تۇنجى باش ئىش بېجىرگۈچىسى بولغان. 2001-يىلى 11-ئايدا نۇمېئادا 2-نۆۋەتلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، 2003-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە بولغان مەزگىلىدە بەش تۈرلۈك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى يەنى ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقئارا تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە بولغان سىياسەت ئانالىزى ۋە تەكلىپلەر ئالاقىدار خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆز پىلانى ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلار، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش يادرولۇق ۋەزىپىسى قىلىپ بېكىتىلدى.
نۇمېئائۈچ خەتلىك ۋاكالەت نۇمۇرى NOU
تۆت خەتلىك ۋاكالەت نۇمۇرى NWWW
نۇمېئا ئايرودرومى يېڭى كالېدونىيەنىڭ ئاساسلىق خەلقئارا ئايرودرومى، مۇلازىمەت شەھىرى بولسا نۇمېئا. ئايرودرومدىن نۇمېئا شەھەر مەركىزىگە تەخمىنەن 52 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايلاشقان. 2006-يىلى، ئايرودرومنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 415813 ئادەم (قېتىم) غا يەتكەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.