ياۋا كەپتەر

ياۋا كەپتەر

كەپتەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ دائىم ئۇچرايدىغىنى ئۆي كەپتىرى، ئۇنىڭ ئوخشاش تۈرى بولغان ياۋا كەپتەر ئاساسلىقى ياۋروپا، ئافرىقىنىڭ شىمالى ۋە ئاسىيا رايونلىرىغا كەڭ تارقالغان.

ئۇيغۇرچە نامى ياۋا كەپتەر
ئىنگلىزچە نامى pigeon;dove
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
باشقا نامى 鸪雕、鸪鸟、中斑、花斑鸠、花脖斑鸠
خەنزۇچە ئاتىلىشى 野鸽
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
لاتىنچە نامى Streptopelia chinensis

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياۋا كەپتەرياۋا كەپتەر تېنىنىڭ ئۇزۇنلىقى 295-360 مىللىمىتېر، باش، بويۇن، كۆكرەك ۋە دۈمبە قىسىملىرى تاشقا ئوخشاش كۈلرەڭ دۈمبىسىنىڭ ئالدى تەرىپى ۋە ئالدى كۆكرەك قىسمى يېشىل، بىنەپشە رەڭلەردە يالتىراپ تۇرىدۇ. قانتىدا قارا رەڭلىك توغرىسىغا كەلگەن داغلار بار بۇلۇپ، ئۈستى دۈمبە قىسمى سۈس كۈلرەڭ قۇيرۇق قىسمى قېنىق كۈلرەڭ، پۇتلىرى قىزىل رەڭدە ئەركەك ۋە چىشىسى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. مىجەزى مۇلايىم، كۆكرىكىنى كېرىپ ماڭىدۇ. ئۇچۇشقا ئىنتايىن ماھىر. 

ياۋا كەپتەرياۋا كەپتەر كۈندۈزى تۇخۇم باسىدۇ، تۇخۇم بېسىش ۋاقتى 14 كۈندىن 19 كۈنگىچە بۇلۇپ، بالىلىرىنى كەپتەر سۈتسىمان سۇيۇقلۇق ئارقىلىق باقىدۇ. بالىلىرى تۇمشۇقىنى ئانا كەپتەرنىڭ ئېغزىغا سېلىش ئارقىلىق ئوزۇقلۇققا ئىگە بولىدۇ.

كەپتەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ دائىم ئۇچرايدىغىنى ئۆي كەپتىرى، ئۇنىڭ ئوخشاش تۈرى بولغان ياۋا كەپتەر ئاساسلىقى ياۋروپا، ئافرىقىنىڭ شىمالى ۋە ئاسىيا رايونلىرىغا كەڭ تارقالغان بۇلۇپ جوڭگودا ئاساسلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ شىمالى، غەربى ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

ياۋا كەپتەرنىڭ ئالاھىدە بولغان ئۇچۇش ماھارىتى ۋە ئۆز ئۇۋىسىنى تېپىپ كېلىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ كىشلەر ئۇلارغا خەت-چەك توشۇش ئىشلىرىنى قىلدۇرىدۇ. ياۋا كەپتەر يەنە تىنىچلىقنىڭ سىمۋولى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/481979.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    50%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#