غەلۋىر

بۇغداي، گۈرۈچ قاتارلىقلارنى تاسقاش ئۈچۈن كىرىش ياكى سىمدىن توقۇلغان، قاسقانلىق ئۆي سايمىنى، تۆشۈكلىرى ئەلگەكتىن چوڭراق بولىدۇ.

نامى غەلۋىر
باشقا ئاتىلىشى ئۆتكەمە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇغداي، گۈرۈچ قاتارلىقلارنى تاسقاش ئۈچۈن كىرىش ياكى سىمدىن توقۇلغان، قاسقانلىق ئۆي سايمىنى، تۆشۈكلىرى ئەلگەكتىن چوڭراق بولىدۇ. زىرائەت دانلىرىنى ئوت ئۇرۇقى، ئەخلەت-چاۋارلاردىن پاكىزلاش ۋە ئۈگۈت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 

 ئادەتتە، ئۆي ۋە ئاشخانىلاردا ئىشلىتىلىدىغانلىرى ئەلگەك، تۈگمەنگە ئۈگۈت تەييارلاش ياكى بۇغداينى چەشتىن ئايرىشلاردا ئىشلىتىلىدىغانلىرى غەلۋىر، ئۆتكەمە دېيىلىدۇ. ئەلگەك يەنە، توقا (قېلىن) ئەلگەك ۋە شالاڭ ئەلگەك دېيىلىدۇ.

 نېپىز تىلىنىپ قۇرۇتۇلغان سۆگەت پېنى تەپتى تۆۋەن قوقاسقا قاقلىنىپ، سىپتىمىلىق بىلەن ئىگىلىپ قاسقان ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈپ، قاسقان تېگىدىن مۇئەييەن ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ، كىچىك-كىچىك تۆشۈكچىلەر ئېچىلىدۇ. ئاندىن ئاشلىنىپ ئەيلەنگەن ئۆچكە تېرىسىدىن تىلىنىپ، يىپچە ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن تاسمىلار پىشۇلدۇرۇلۇپ، قاسقان تۆشۈكچىلىرىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، بەلگىلىك تەرتىپ بويىچە توقۇپ تەييارلىنىدۇ. غەلۋىر قېلىنراق، ئۆتكەمە شالاڭراق توقۇلىدۇ. 

قەدىمدە غەلۋىر يەنە باشقا ئۇسۇلدىمۇ ياسىلاتتى. مەسىلەن: 

غەلۋىر ياساشقا خاس تىرەك ياغىچى ئىشلىتىلىدۇ. ياغاچ نېپىز تىلىنىپ، چەمبەر شەكلىدە ئىگىلىدۇ. تىلىنغان ياغاچنىڭ نېپىزلىكى ئىككى مىللىمېتىر، كەڭلىكى ئون سانتىمېتىر بولىدۇ. ئاندىن ئۆچكە تېرىسى ھۆل توپىغا كۆمۈپ يۇمشىتىلغاندىن كېيىن مويلىرى تازىلىنىپ ئىنچىكە تىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن چەمبەر قىلىنغان تاختاينىڭ ئاستىدىكى تۆشۈكلەردىن ئۆتكۈزۈلۈپ تور شەكلىدە توقۇلىدۇ. غەلۋىرنىڭ تۆشۈكچىلىرى بىر قەدەر كىچىك بولىدۇ.

   غەلۋىرنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى تارىخى ئۇزاق بولۇپ، مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا ئۇ ‹‹ئاندىغ››دەپ قەيت قىلىنغان. غەلۋىر بۇرۇن ئۆچكە تېرىسىنى ئىنچىكە تىلىپ ياسىلاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىم تور ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى.

خەلق ئىچىدە غەلۋىر ئۆرۈيەلمىگەن دېھقاننى، ھەقىقىي دېھقان ئەمەس، دەپ قارايدىغان ئادەت بار. بۇنىڭدىن غەلۋىر بىلەن ئۆتكەمىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى پاكىزلاش قورالىنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىدىكى ئورنىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#