- گەنخېزا بازىرى ()
- گەنخېزا بازىرى (فۇكاڭ شەھىرى)
گەنخېزا بازىرى
گەنخېزا بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شىخۇ شەھىرى گە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گەنخېزا بازىرىگەنخېزى بازىرى شىنجاڭ تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ گىرۋىكىگە، شىخۇ شەھىرى نىڭ غەربىگە 13 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، پۈتۈن بازارنىڭ كۆلىمى 322.15 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر 47 مىڭ مو. 312-دۆلەت يولى ۋە ئىككىنچى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتنىشى قولاي، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل. گەنخېزى بازىرىغا قاراشلىق توققۇز مەمۇرىي كەنت، ئىككى كارخانا دېھقانچىلىق مەيدانى بار.
گەنخېزا بازىرىبۇ بازار يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلدۇرۇلغان يېزا-بازار، پاختا تېرىشنى ئاساس قىلىدۇ، قوشۇمچە كۆممىقوناق، بۇغداي، مايلىق دان، شوخلا، قىزىلچا،كۆكتات، مېۋە ۋە ئالقات قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر تېرىلىدۇ، شىخو شەھىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ بازارى، جۇڭگو خەلق ئويۇنى ماكانىنىڭ بىرى. بۇ بازارنىڭ يېرى مۇنبەت، سۇ كۆپ، توك، قاتناش، ئالاقە تەرەققىي قىلغان، يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، شىخۇ شەھىرىنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش تەجرىبە نۇقتىسى، ئۈلگە رايونى.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.