چوڭ باھاما ئارىلى

چوڭ باھاما ئارىلى

چوڭ باھاما ئارىلى غەربىي ھىندى تاقىم ئارىلىدىكى باھاما فېدېراتسىيىسىنىڭ تۆتىنچى چوڭ ئارىلى بولۇپ، باھاما تاقىم ئارىلىنىڭ شىمالىي ئۇچىغا جايلاشقان. 

نامى چوڭ باھاما ئارىلى
نوپۇسى 40,898(1990)
دۆلىتى باھاما فېدېراتسىيە
خەنزۇچە ئاتىلىشى 大巴哈马岛
يەر مەيدانى 1,373كىۋادىرات كىلومىتىر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چوڭ باھاما ئارىلىچوڭ باھاما ئارىلى غەربىي ھىندى تاقىم ئارىلىدىكى باھاما فېدېراتسىيىسىنىڭ تۆتىنچى چوڭ ئارىلى بولۇپ، باھاما تاقىم ئارىلىنىڭ شىمالىي ئۇچىغا جايلاشقان. غەربى قىسمى ئا ق ش نىڭ فلورىدا يېرىم ئارىلىغا تەخمىنەن96 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقتىن غەربىگىچە بولغان كەڭلىكى12 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى24 كىلومېتىر، كۆلىمى1373 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئارالنىڭ يەر تۈزۈلۈشى پەس ھەم تەكشى، ئىقلىمى ئىللىق بولۇپ، ھەممە يېرى بۈك-باراقسان قارىغايلىق، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، مەشھۇر دەم ئېلىش ۋە ساياھەت رايونى ھېسابلىنىدۇ. دېڭىز ساھىلى تەكشى ھەم پاكىز قۇملۇق بولۇپ، قۇملۇققا ساياھەتچىلەرنىڭ سايىدىشى ۋە دەم ئېلىشى ئۈچۈن نۇرغۇن سايىۋەنلەر ياسالغان. بۇ جاي شاۋقۇن-سۈرەنلىك شەھەردىن ناھايىتى يىراق بولغاچقا، مۇھىتى ئىنتايىن تىنچ، راھەت بولۇپ، كىشىگە تولىمۇ ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.

چوڭ باھاما ئارىلىچوڭ باھاما ئارىلىنىڭ كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭدا «ئوتلۇق كۆل» نىڭ بولغانلىقىدا. بۇنداق كۆللەردە كىشىلەر كېچىسى قولۋاق سەيلىسى قىلغاندا، كېمە پالىقىدىن چاچراپ چىقىۋاتقان ئوت ئۇچقۇنلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كېمىنىڭ ئارقىسىدا ئۇزۇنىغا سوزۇلغان «ئوت ئەجدىھاسى» ھاسىل بولىدۇ. بەزىدە سۇ ئۈستىگە ئېتىلىپ چىققان بېلىقنىڭ بەدىنىدىنمۇ پارقىراپ تۇرغان ئوت ئۇچقۇنىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

ئۇنداقتا، ئوتلۇق كۆلدىكى «ئوت» نەدىن كەلگەن؟ ئەسلىدە، «ئوتلۇق كۆل» دە تەركىبىدە يالتىراق فېرمېنت بولغان يۈسۈن كۆپ مىقداردا ئۆسكەن بولۇپ، سۇ چاچرىغاندا يۈسۈن تەركىبىدىكى يالتىراق فېرمېنت ئوكسىدلىنىپ رەڭگارەڭ «ئوت ئۇچقۇنى» چىقىرىدىكەن.

چوڭ باھاما ئارىلى ئۈچ رايۇن 7 مەمۇرى كەنىتكە بۆلىنىدۇ:شەرىقى چوڭ باھاما،غەرىبى چوڭ باھاما،

 شەھەرلىك ئەركىن پورت قاتارلىقلار.......

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    50%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    50%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#