پېرمى شەھىرى
روسىيە فىدراتسىيەنىڭ ئورال رايونىدىكى مۇھىم شەھەر، پېرمى ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر كاما دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى كاماسۇ ئامبىرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
روسىيە فىدراتسىيەسى ئورال رايونىدىكى مۇھىم شەھەر، پېرمى ئوبلاستىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر كاما دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى كاماسۇ ئامبىرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان. ئاھالىسى 1 مىليون 56 مىڭدىن ئاشىدۇ(1985) . پېرمى 1781-يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان. 1940-يىلدىن 1957-يىلغىچە «مولوتوۋ» نامى بىلەن ئاتالغان. پېرمى ئورال رايونىدىكى مۇھىم نېفىت خىمىيە، ماشىنسازلىق، نېفىت ئايرىش، ياغاچ ماتېرىياللارنى پىششىقلاپ ئىلشەش، قەغەز سانائەت مەركىزى. بولۇپمۇ نېفىت خىمىيە سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. يېنىك سانائىتىمۇ تەرەققىي قىلغان. پېرمى ئورال رايونىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، شەھەرنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ شىمالىدا سۇ ئېلېكتر ئىستانىسى، سوۋېت پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئورال پەن-تەتقىقات مەركىزى ئورۇنلىرى، كۆپلىگەن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.