بوينى ئەڭ ئۇزۇن ئادەملەر

نامى بېرمىنىڭ باداڭ ئاياللىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

 بېرمىنىڭ شەرقىي قىسمىدا قاتمۇ-قات ئورمانلار بىلەن قاپلانغان ئېگىزلىكتە باداڭ دەيدىغان بىر كىچىك تاغلىق كەنت بولۇپ، بۇ يەردە تەخمىنەن 7000 چە باداڭلىقلار ئولتۇراقلاشقان. ئۇلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى غەلىتە بولۇپ، قىزلىرى بەش يېشىدىن باشلاپ بوينىغا مىس ھالقا سالىدۇ. بۇ ھالقىلار يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۆپىيىپ بارىدۇ. ئوتتۇرا ياشقا يەتكەندە، نەچچە ئونغا يېتىپ، ئېگىزلىكى 30 سانتىمېتىرچە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە زىننەت ئۈچۈن كۈمۈش زەنجىر ۋە تەڭگە ئېسىۋالىدۇ. بۇ ھالقىلار باداڭ ئاياللىرىنىڭ بوينىنى نۇرمال كىشىلەرنىڭ بوينىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇقراق ئۇزارتىپ، ئۇلارنى دۇنيا بويىچە بوينى ئەڭ ئۇزۇن كىشىلەرگە ئايلاندۇرىدۇ. باداڭ ئاياللىرىنىڭ بوينىدىن باشقا بىلەك ۋە پۇتلىرىغىمۇ نۇرغۇن مىس ھالقىلارنى سېلىۋالىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇلار ئەڭ بۇرۇن يولۋاسنىڭ زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان ئىكەن. كېيىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ساپ-سېرىق مىس ھالقا باداڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆزىگە خاس بىر خىل بەلگىسى بولۇپ قالغان.

باداڭ ئاياللىرىنىڭ بوينىنى راستىنلا مىس ھالقا ئۇزارتىۋەتكەنمۇ؟ ياق. يېقىندىن بۇيان بېرما دوختۇرلىرى بۇ جەھەتتە ئاناتومىيىلىك تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بوينى مىس ھالقىلارنىڭ سېلىنىشى بىلەن ئۇزارغان ئەمەس، بەلكى 8-9 گىلوگرام مىس ھالقىلارنىڭ بېسىپ تۇرۇشى بىلەن مۇرە سۆڭىكى، ئوقۇرەك سۆڭىكى ۋە قوۋۇرغىلار ئېغىر دەرىجىدە شەكلى ئۆزگىرىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكىنى، نەتىجىدە بۇنىڭ كىشىگە بويۇننىڭ ئۇزارغانلىق تەسراتىنى بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان.

 باداڭ ئاياللىرى ئېسىۋالىدىغان مىس ھالقىلارنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 20 كىلوگرامدىن ئوشۇق بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشقا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرىدۇ. ھەتتا بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سۆزلەش، مېڭىشلىرىمۇ نۇرمالسىز بولۇپ قالغان. شۇڭا بۇنىڭدىن 20 يىللار ئىلگىرى بەزىلەر مىس ھالقىلارنى ئېلىۋېتىشكە باشلىغان(بويۇن باشنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىتىپ قويغاچقا، مىس ھالقىلارنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن مەلۇم ۋاقىت باشنى تىرەپ يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ) . ھازىرقى ۋاقىتتا باداڭلىقلارنىڭ ھالقا سېلىش ئادىتى يەنىلا ساقلىنپ كەلمەكتە. (جاڭ شيەنيۈي)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#