تۇرنا

تۇرنا (ئىلمىي نامى: Gruidae) بولسا تۇرنا ئائىلىسىدىكى قۇشلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، بىر قىسىم گۈزەل ۋە نەپىس بولغان چوڭ تىپتىكى سۇ كەچكۈچى قۇش.

ئۇيغۇرچە نامى تۇرنا ئائىلىسى
ئىنگلىزچە نامى crane
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى تۇرنىسىمانلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى 4 خىل
خەنزۇچە ئاتىلىشى 鹤科
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئائىلىسى تۇرنا ئائىلىسى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇرناتۇرنا ئائىلىسى تۇرنا كەنجى ئائىلىسى ۋە تاجلىق تۇرنا كەنجى ئائىلىسى دەپ ئىككى كەنجى تۇرنا ئائىلىسىگە بۆلۈنىدۇ، 4 ئۇرۇقدىشى، 15 تۈرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە تۇرنا كەنجى ئائىلىسى 3 ئۇرۇقدىشى 13 تۈرى بار، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىن باشقا ھەر قايسى چوڭ قۇرۇقلۇقلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇچرايدۇ، ھالبۇكى، شەرقىي ئاسىيادىكى تۈرى ئەڭ كۆپ، جۇڭگودا 2 ئۇرۇقدىشى 9 تۈرى، دۇنيادىكى 15 خىل تۇرنىنىڭ تەڭدىن تولىسى بار بۇلۇپ، تۇرنىلار ئەڭ كۆپ دۆلەت، بۇ توققۇز خىل تۇرنىنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋانلىرى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۇرنا ئائىلىسى تاپىنى كىچىك، شۇنداقلا يۇقىرىراق، ئالدىنقى ئۈچ بارمىقى قاماللاشقا ماسلاشقان بولىدۇ، شۇڭا دەرەختە دەم ئالىدۇ. تاجلىق تۇرنا كەنجى تۈرىنىڭ 1 ئائىلىسى 2 تۈرى بۇلۇپ، ئافرىقىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى، تاجلىق تۇرنا بىلەن تۇرنا ماكانلاشقان دەرەخ ئورنى ئوخشاش بولمىغان بولىدۇ. تۇرنا جۇڭگو مەدەنىيىتىدە يۈكسەك ئورۇندا تۇردىغان بۇلۇپ، بولۇپمۇ قىزىل قاشقا تۇرنا ئۇزۇن ئۆمۈر، بەخت-سائادەت ۋە نازاكەتنىڭ سىموۋولى، دائىم ئەۋلىيا بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ «ئىلاھىي تۇرنا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ھايۋانلارنى تۈرگە ئايرىشتا، قۇشلار سىنىپى ئوتتۇرا تۇرنا تۇردىكىلەرنىڭ بىر ئائىلىسى، ئەزالىرى مەشھۇر نۇرغۇن تۇرنىلار بار، تۆت ئۇرۇقدىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاجلىق تۇرنا ئۇرۇقدىشى ۋە ئۈيەك (ھايۋانلارنىڭ بوينىدىكى ساڭگىلىما گۆش) تۇرنا ئۇرۇقدىشى بارلىق ئافرىقا قۇرۇقلۇقىدىكى سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا تارقالغان. لەيلىلىك تۇرنىلار ئۇرۇقدىشىنىڭ 2 تۈرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە لەيلىلىك تۇرنا دۇنيادىكى بەدىنى ئەڭ كىچىك تۇرنىلار. 

تۇرناتۇرنىسىمانلار تۈركۈمى جانلىقلارنىڭ تۈرگە ئايرىش ئىلمى جەھەتتە قۇشلار سىنىپى ئىچىدىكى بىر تۈر.

قۇشلارنىڭ بىر ئائىلىسى، بېشى كىچىك، بوينى ئۇزۇن، تۇمشۇقى ئۇزۇن ھەم تۈز، پۇتى ئىنچىكە ئۇزۇن، پەيلىرى ئاق ياكى كۈل رەڭ، قوش ماكانلىق بۇلۇپ، توپلىشىپ ياشايدۇ. دائىم دەريا بويىدا ياكى دېڭىز قىرغىقى بېلىق ۋە ھاشارات تۇتۇپ يەيدۇ، كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى ئاق تۇرنا، كۈل رەڭ تۇرنا دېگەنگە ئوخشاشلاردىن ئىبارەت.

تۇرناپۈتۈن دۇنيادا 15 خىل تۇرنا بار، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي قۇتۇپتىن باشقا، دۇنيادىكى باشقا چوڭ قۇرۇقلۇقلۇقلارغىمۇ تۇرنا تارقالغان. تۇرنىلار غەربىي يېرىم شاردا بارلىققا كەلگەن، ئاندىن تۇرنىلار كېڭىيىپ ئاسىيا قىتئەسى (9 خىل تۇرنىلار)، ئافرىقا قىتئەسى (6 خىل تۇرنىلار)، ئاۋسترالىيە (2 خىل تۇرنىلار)، شىمالىي ئامېرىكىدا ئىككى خىل تۇرنىلار مەۋجۇت.

تۇرنا بۆلۈنىشى: قىزىل بويۇن تۇرنا، كۈل رەڭ تۇرنا، قىزىل قاشقا تۇرنا، ئاق گەدەن تۇرنا، ئاق تۇرنا، شىمالىي ئامېرىكا كۈل رەڭ قاقىرىسى، ئاق باش تۇرنا، ئامېرىكا قىتئەسى تۇرنىسى، ئاۋسترالىيە تۇرنىسى، قارا بويۇن تۇرنا، كۈيەك تۇرنا. 

تاجلىق تۇرنا بولسا تۇرنىلار ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمىي تۇرنىلار.

تۇرناتۇرنا ئاساسلىقى سازلىق، تېـيىز ساھىل، قومۇش كۆلچەك قاتارلىق نەم يەرلەردە ئارام ئالىدۇ، كىچىك راك، قۇرت-قوڭغۇز، پاقا، قاسىراقلىق قۇرت، يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنى يېيىشنى ئاساس قىلىدۇ، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆسۈملۈك، يىلتىز غولى، يۇمران شاخ قاتارلىقلارنىمۇ يەيدۇ. توپلىشىپ ياشاشنى ياخقتۇرىدۇ. تۇرنا ئۇخلىغاندا ھەمىشە بىر پۇتى بىلەن تىك تۇرۇپ بېشىنى تولغاپ بويۇننى ئىگىپ دۈمبىسىگە قويۇپ ياكى ئۇچلۇق پەيلىرى ئىچىگە قىستۇرۇپ ئۇخلايدۇ. تۇرنا ئۇرۇقدىشى دۆلىتىمىزدە كۆچىدىغان قۇش تۈرى. قارا بويۇن تۇرنا بىلەن قىزىل بويۇن تۇرنا چىڭخەي-شىزاڭ، يۈننەن-گۇيجۇ ئېگىزلىكىدە ياشايدۇ، قالغان تۇرنىلار ھەممىسى شىمالدا ياشايدۇ، ھەر يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ، ئىككىنچى يىلى 4-ئايدا شىمالدىكى باھار مەنزىرىسى بىلەن بىللە يەنە قايتىپ كېلىدۇ.

تۇرناتۇرنا كۆپ ئەھۋاللاردا سازلىقتىكى چۆپ ياكى ئوت-چۆپلەر ئارىسىغا ئۇۋا ياسايدۇ، ھەر قېتىمدا 1-2 دانە تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمىنى ئەركەك-چىشىسى نۆۋەت بىلەن باسۇرىدۇ. 31 كۈندىن كېيىن تۇخۇمنى چوقۇپ ئىچىدىن كىچىك تۇرنا باللىرى چىقىدۇ. تۇرنىلارنىڭ ھەممىسى كۈندۈزى پائالىيەت قىلىپ كېچىسى ئارام ئالىدۇ، توپ تۇرنا ئارام ئالغاندا بىر ياكى ئىككى تۇرنا مەخسۇس قاراۋۇللۇق قىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#