ۋىكتورىيە بېكھام
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋىكتورىيە بېكخام سەككىز يېشىدىن باشلاپ ناخشا-مۇزىكا، ئۇسسۇل، ئويۇن كۆرسىتىشلەردە تەربىيلەلىنىپ ئوقۇغان، St.Mary ' s سەنئەت مەكتىپى، Jason دىرامما مەكتىپىدە ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئويۇن كەچۈرمىشى : 8 ياشقا كىرگەندە خوراز تۇرقى سىياقىدا ياسىنىپ كوچىدا بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتىپ بىر تەرەپتىن ئۇسۇل ئوينىغان «M Apocalypse Now» ؛ 20 ياشقا توشقاندا، يەنە كىنو «Tank Girl» دا ناخشا ئېيتىپ ناخشا ساھەسىدە يەنە بىر چاقنىغان.
ۋىكتورىيە بېكھام كىچىك بىر يېزىدا تۇغۇلغان، بىر كۈنلەردە نام قازىنىشنى ئارزۇ قىلغان. ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان كۈنىدە، ئۇ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ جەلپكار مەلىكىگە ئايلىنىپلا قالماستىن، يەنە ئاق ئاتلىق شاھزادىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن. ئۇ پۇتبول ساھەسىدىكى گىگانت چولپاننىڭ ئايالى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مودا ئېقىم ساھەسىدىكى مەبۇدە، ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئەتىر، پادىچىلار شىمى، كۈن نۇرىدىن توسۇش ئەينىكى قاتارلىقلارنى لايىھىلەپ چىققان.
2006-يىلى ۋىكتورىيە بېكھام باش لايىھىلىگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، DVB ماركىسىنى ياراتقان. 2011-يىلى ئەنگلىيە مودا ماركىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر لايىھىلىگۈچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2000-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، ۋىكتورىيە ياۋروپا MTV مۇكاپاتى مۇراسىمى قاتناشقان.
2001-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ۋىكتورىيە ۋە بېكخامنىڭ كۆرگەزمە 2-نۆۋەتلىك NRJ مۇزىكا مۇكاپاتى قىزىل گىلەم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى ئۇ ناخشا پىلاستىنكىسى «Victoria» چىقارغان. ئۇ قېتىملىق ئويۇن ئۈچۈن «ئايال كومېدىيە» 2002-يىلى يىل بېشىدا رەسمىي سەھنىگە چىققان.
2003-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، ھازىر ۋىكتورىيە MTV كىنو مۇكاپاتى مۇراسىمىدا مۇكاپاتلانغان.
2006-يىلى، ۋىكتورىيە بېكخامنىڭ بۇ خىل (DVB) ماركىنى يارىتىپ، ۋىكتورىيە باش لايىھىلىگۈچىسى داڭلىق ماركا لاھىيىلەشنى ئۆز ئۈسىگە ئالغان، شۇ يىلى مودا ماركا DVB تۇنجى تۈركۈمدىكى مەھسۇلات رەسمىي يولغا قۇيۇلغان، قارا كۆزەينەك ئارقىلىق ئاساس قىلىنغان. شۇ يىلى ئۇ «Open Your Eyes»نى بازارغا سالغان.
2007-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، يەڭگىسى تەرىپىدىن «شۆھرەتۋازلار» ئوسكار يىغىلىش مۇراسىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.
2009-يىلى، ۋىكتورىيەنىڭ تۇنجى ئەتىياز ۋە ياز كىيىم-كېچەكلىرى يولغا قۇيۇلغان. 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى مودا كىيىم لايىھىلىگۈچىسى ۋىكتورىيە بىلەن كارىل بىللە كۆرگەزمە «خەلقئارا پېشۋا مۇنبىرى گېزىتى»دە ئۆتكۈزۈلگەن ئەنئەنىۋى كاتتا يىغىنغا قاتناشتۇرغان.
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋىكتورىيە 2011-يىللىق ئەنگلىيە ۋىكتورىيە مودا ماركا ئەڭ ياخشى لايىھىلىگۈچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2012-يىلى، ۋىكتورىيە ئەتىياز ۋە ياز مودا كىيىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن.
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى، ۋىكتورىيە بېكخام ب د ت نىڭ نيۇ يوركتىكى باش ئىشتابىدا دوستلۇق ئەلچىسى، مەلۇم ئەيدىز فوندى جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى بىكىتكەن.
بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن يەنى كەسىپتە نام قازانغان بىر ئايال بولۇپلا قالماستىن، يەنە تۆت بالىنىڭ ئاپىسى، ئۇ كەسىپ بىلەن ئائىلىنى تەڭ تۇتۇشتا ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن ئاياللارغا ئۈلگە بولغۇدەك ئايال.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.