سرىدېۋى

سرىدېۋى ئايياپان 1963-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ھىندىستاننىڭ تەمىل نادۇ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان.ئۇ 1967-يىلىدىن باشلاپلا كىنودا رول ئېلىشقا باشلىغان.ئۇ بىر ئارتىس بولۇش سۈپىتى بىلەن ھىندىستاننىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىغا مىسىلسىز تۆھپە قوشقان. ھىندىستان كىنوچىلىقىدا ئۇ ياراتقان پەللىگە ھازىرغىچە بىرەر ئايال ئارتىس يېتەلمىدى دېيىشكە بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى سرىدېۋى
باشقا نامى Sridevi
مىللىتى 1963-8-13
بوي ئېگىزلىكى 1.70مېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 希里黛玉
دۆلەت تەۋەلىكى ھىندىستان
يۇرتى ھىندىستاننىڭ تەمىل نادۇ ئۆلكىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سرىدېۋى ئايياپانسرىدېۋى ئايياپان ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن، باشلانغۇچنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان. ئۇ ئۈچ يېشىدا كىنوغا رولغا چىقىپ، 13 يېشىدا كىنو مۇكاپاتى بايرىمىدا مۇكاپاتلانغان. ئۇ 1977-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بىرلا ۋاقىتتا تەمىل، تېلۇگۇ ۋە مالايالام تىللىرىدا ئىشلەنگەن فىلىملەردىكى كاتتا چولپانغا ئايلانغان. 1979-يىلى، سرىدېۋى ھىندى تىلىدىكى فىلىملەرگە رولغا چىقىشقا باشلىغان بولۇپ، تۇنجى فىلىمى ئادەتتىكىچە تەسىر قوزغايدۇ، ئەمما 1983-يىلى ئىشلەنگەن 2-فىلىمى سرىدېۋىنىڭ «بوللىۋود»تىكى گىگانت چولپانغا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ ئۇدا 10 نەچچە يىل «بوللىۋود خانىشى» دېگەن شەرەپلىك نامنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇنىڭدا ئەرلەرنىلا ئەمەس، ھەتتا ئاياللارنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرغۇدەك ھۆسن-جامال، قابىلىيەت، جەلپكارلىق بار. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىزچىل تىرىشچانلىقى، تەبىئىي تالانتى ۋە تالايلىغان ئوبرازلىرى بىلەن ھىندىستان «بوللىۋود» تارىخىدىكى ئەڭ پارلاق چولپانغا ئايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە سرىدېۋىنى ھىندىستاندىكى بارلىق ئايال ئارتىسلار ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدۇ، ئۇنىڭ نامىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ.

 سرىدېۋى ئايياپان 1963-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ھىندىستاننىڭ تەمىل نادۇ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئايياپان، ئانىسىنىڭ ئىسمى راجېسۋارى بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى ئادۋوكات ئىدى، ئۇنىڭ سرىلاتا ئىسىملىك بىر سىڭلىسى ۋە ساتىش ئىسىملىك بىر ئىنىسى بار. ئۇ 1967-يىلىدىن باشلاپلا كىنودا رول ئېلىشقا باشلىغان. ئۇ «Lamhe» ناملىق فىلىمدە رول ئېلىۋاتقاندا ئاتىسى ۋاپات بولىدۇ، «Judaai» ناملىق فىلىمدە رول ئېلىۋاتقاندا، ئانىسى ۋاپات بولىدۇ. سرىدېۋى ئۆيدىكى بالىلارنىڭ چوڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن، بارلىق ئېغىرچىلىقلار ئۇنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ. 1986-يىلى ۋە 1987-يىللىرىدا سرىدېۋىنىڭ «بوللىۋود» ئارتىسى سۇريا ماخارجان بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدە گەپ-سۆزلەر تارقىلىشقا باشلايدۇ، ئەمما سۇريا ئۆزىنىڭ ئايالى يۇجىتا بالى بىلەن ئاجرىشالمىغانلىقتىن، سرىدېۋى بۇ مۇھەببەتتىن ۋاز كېچىدۇ. ئىككىيلەننىڭمۇ ئالاقىسى ئۈزۈلىدۇ. 1996-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، سرىدېۋى ھىندىستاندىكى داڭلىق كىنوفىلىم سودىگىرى بونى كاپورغا ياتلىق بولىدۇ ھەمدە ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولىدۇ. قىزلىرىنىڭ ئىسمى جانۋى ۋە كۇشى. سرىدېۋى ئېرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئارتىسلاردىن سۇرىندېر كاپور جەمەتىدىكى ئانىل كاپور بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن فىلىملەردە رولغا چىقىدۇ. ئۇ ھازىر ئاسىيا كىنو-تېلېۋىزىيە ئىنىستىتۇتى مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزاسى.

سرىدېۋى ئايياپانئۇ 1967-يىلىدىن باشلاپلا كىنودا رول ئېلىشقا باشلىغان. ئۇ «Lamhe» ناملىق فىلىمدە رول ئېلىۋاتقاندا ئاتىسى ۋاپات بولىدۇ، «Judaai» ناملىق فىلىمدە رول ئېلىۋاتقاندا، ئانىسى ۋاپات بولىدۇ. سرىدېۋى ئۆيدىكى بالىلارنىڭ چوڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن، بارلىق ئېغىرچىلىقلار ئۇنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ. 1986-يىلى ۋە 1987-يىللىرىدا سرىدېۋىنىڭ «بوللىۋود» ئارتىسى سۇريا ماخارجان بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدە گەپ-سۆزلەر تارقىلىشقا باشلايدۇ، ئەمما سۇريا ئۆزىنىڭ ئايالى يۇجىتا بالى بىلەن ئاجرىشالمىغانلىقتىن، سرىدېۋى بۇ مۇھەببەتتىن ۋاز كېچىدۇ. ئىككىيلەننىڭمۇ ئالاقىسى ئۈزۈلىدۇ. 1996-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، سرىدېۋى ھىندىستاندىكى داڭلىق كىنوفىلىم سودىگىرى بونى كاپورغا ياتلىق بولىدۇ ھەمدە ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولىدۇ. قىزلىرىنىڭ ئىسمى جانۋى ۋە كۇشى. سرىدېۋى ئېرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئارتىسلاردىن سۇرىندېر كاپور جەمەتىدىكى ئانىل كاپور بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن فىلىملەردە رولغا چىقىدۇ. ئۇ ھازىر ئاسىيا كىنو-تېلېۋىزىيە ئىنىستىتۇتى مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزاسى.

سرىدېۋى تۇنجى قېتىم ئېكرانغا چىققان فىلىم 1967-يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان «KandhanKarunai» ناملىق فىلىم بولۇپ، ئۇ چاغدا كىچىك بالا ئىدى. دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۇ تەمىل ۋە مالايالام تىلىدىكى نۇرغۇن فىلىملەرگە رولغا چىقىدۇ. شۇ چاغدىكى مالايالام تىلىدىكى فىلىملەرگە «Aalingganam»، «KuttavumSikshaiyum»، «Aadhyapaadam»، «AaNimisham» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن. 1976-يىلى ئۇ تەمىل تىلىدىكى فىلىملەردە گەۋدىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئۇ يىللاردا، سرىدېۋى كامال ھەسەن ۋە راجنىكانت ئىسىملىك ئىككى ئۇلۇغ ئارتىس بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. 1975-يىلىدىن 1985-يىلىغىچە، ئۇ ئۇدا تەمىل تىلىدىكى فىلىملەردىكى ئەڭ كاتتا چولپانغا ئايلىنىدۇ. ئۇ يەنە تېلۇگۇ تىلىدىكى فىلىملەردىمۇ ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلايدۇ.

سرىدېۋى كامال ھەسەن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، «كرىشنا» دېگەن نامدىكى روللارنى كۆپرەك ئالىدۇ. ئۇنىڭ تېلۇگۇ تىلىدىكى فىلىملەردىكى كەسپىي ھاياتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۇ شىمالىي ھىندى تىلىدىكى فىلىملەردە رول ئېلىشنى باشلايدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي ھىندى تىلىدىكى تۇنجى فىلىمى «SolvaSaawan» بولۇپ ئانچە ئۇتۇق قازىنالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ رول ئالغان ئىككىنچى فىلىم «Himmatwala» ھىندىستاندا قاتتىق زىلزىلە قوزغايدۇ. بۇ فىلىم سرىدېۋىنى بىر كېچىدىلا يەنە بىر قېتىم «بوللىۋود»تىكى ئەڭ مەشھۇر چولپانغا ئايلاندۇرىدۇ. كېيىن ئۇ «Sadma» ناملىق فىلىم بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشىدۇ. 1980-يىللاردا سرىدېۋى رولغا چىققان ھەربىر فىلىم تولۇق ئۇتۇق قازىنىپ، سانسىزلىغا كىنو مەستانىلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ھۆرمىتىگە نائىل بولىدۇ. «ھىندىستانلىق ئەپەندى» دېگەندەك بىر قاتار فىلىملىرى بىلەن ئۇ «FilmfareAward» مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. «Chandni» ناملىق فىلىم ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى بىر يۇقىرى پەللە بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئۇ ھىندىستاندىكى ئىش ھەققى ئەڭ يۇقىرى گىگانت چولپانغا ئايلىنىدۇ.

1980-يىللاردىن 1990-يىللارغىچە «بوللىۋود»نىڭ ئايال ئارتىسلىرى فىلىملەردە ئاساسەن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايتتى، ئەمما سرىدېۋى رول ئالغان فىلىملەردە ئۇنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. ئۇ رول ئالغان فىلىملەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سرىدېۋى بىر مۇكەممەل ئارتىس، مەيلى تەبىئىي ھۆسن-جامال ۋە قىياپەت جەھەتتىن بولسۇن، بىرەر ئارتىس ئۇنىڭغا تەڭلىشەلىگەن ئەمەس. ئۇنىڭ فىلىملەردىكى ئەڭ زور ئۈستۈنلۈكى پېرسۇناژلار ئوبرازىنى ئىنتايىن تەبىئىي يارىتىدىغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ تالانتىلىق سەنئەتكار. ئۇ ھازىرغا قەدەر 300 دىن ئارتۇق كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرى، كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىلىرىدا رول ئالغان ۋە قاتناشقان. بۇ يەردە «ھىندىستانلىق ئەپەندى»،  «زوراۋان قىز»، «ئېرىنى سېتىش»، «ئېزىقىش»، «قوشكېزەكلەر»، «ئۆتكۈنچى ئۆمۈر»، «قىساسكار قوشۇن»، «گۈزەل خانىش ۋە ئالماس ئوغرىسى»، «ھىندىچە ئىنگلىز تىلى» قاتارلىقلار فىلىملەرنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن.

1991-يىلى ھىندستاندىكى داڭلىق رېژىسسور ياش چوپرا رېژىسسورلۇق قىلغان «ئۆتكۈنچى ئۆمۈر» ناملىق فىلىمگە رولغا چىقىپ، تۇنجى قېتىم «خەلقئارالىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. 2005-يىلى يەنە بىر قېتىم ياش چوپرا رېژىسسورلۇق قىلغان «MeriBiwiKaJawabNahin» ناملىق ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپ، 2-قېتىم  «خەلقئارالىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. شۇ يىللاردا «ھوللىۋود»نىڭ داڭلىق رېژىسسورى ستېۋېن سپىيېلبېرگ ئۇنى رولغا چىقىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغاندا سرىدېۋى رەت قىلغان. 1997-يىلى ئۇ «Judaai» ناملىق فىلىمدە رول ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككى قىزىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن كىنوچىلىق ساھەسىدىن رەسمىي چېكىنگەن. گەرچە ئۇ ئېكراندىن چېكىنسىمۇ، ئەمما كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىن ئايرىلمىغان، يەنىلا تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ تۇرغان، ھەتتا مودا كىيىم پائالىيەتلىرىدە مودېل بولغان. ئالتە يىلدىن كېيىن، يەنى 2003-يىلى ئۇ ئېكرانغا قايتىپ «MaliniLyer» ناملىق فىلىمدە رول ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بىر قىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە مۇزىكا پىروگراممىلىرىغا قاتناشقان. ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا ئاممىۋى روللارغا قاتناشقان.  2007-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، 52-نۆۋەتلىك ھىندىستان كىنو مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەمدە كەسىپداشلىرى ۋە مەستانلىرىنىڭ داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان.

2009-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، سرىدېۋى ئايياپان ئېرى بونى كاپور بىلەن بىرلىكتە «بوللىۋود»نىڭ داڭلىق چولپىنى سالمانخان رىياسەتچىلىكىدىكى تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىغا قاتناشقان. ئۇلارنىڭ پىروگراممىدا ئاساسلىقى ھىندىستان كىنوچىلىق ئىشلىرى ھەققىدە پىكىرلەشكەن. 2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، سرىدېۋى لاكمى مودا كىيىم پائالىيىتىگە سىرتتىن قاتنىشىپ تۇرغان. سرىدېۋى رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، 2010-يىلى 3-ئايدا ئۇنىڭ رەسىملىرىنى خەلقئارادىكى داڭلىق كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش شىركىتى سېتىۋېلىپ، كىم ئارتۇق قىلىپ ساتىدۇ. كېيىنكى ئېيىدا، سرىدېۋى توپلانغان بارلىق پۇللارنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىدۇ. 2011-يىلى داڭلىق ئارتىس كارېننا كاپور سرىدېۋىغا پۈتۈن ھىندىستاننىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرىدىكى «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس» مۇكاپاتى بېرىدۇ ھەمدە ئۇنى «بىر ئەۋلاد ئايال قەھرىمان» دەپ سۈپەتلەيدۇ. 2012-يىلى 5-ئايدا، سرىدېۋى «بوللىۋود»نىڭ داڭلىق چولپىنى ئامىرخان رىياسەتچىلىكىدىكى «SatyamevJayte» ناملىق پىروگراممىغا قاتناشقاندا، كۈتۈلمىگەندە زىيارەت بالىلارنىڭ جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىشى ھەققىدىكى تېمىغا يۆتكەلگەن ھەمدە قانۇن ئارقىلىق بالىلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغۇچىلارنى جازالاشنى قوللاش ھەققىدىكى بىر خەتكە ئىمزا قويۇپ ھۆكۈمەتكە سۇنغان.

   2011-يىلىنىڭ دەسلىپىدە سرېدېۋى ئېكرانغا رەسمىي قايتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان ھەمدە رېژىسسور گائۇرى شىندې رېژىسسورلۇق قىلغان يېڭى فىلىم «ھىندىچە ئىنگلىز تىلى»دە رول ئېلىپ، زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.

سرىدېۋى ئايياپانسرىدېۋى ئايياپان ھاياتىدا نۇرغۇن شان-شەرەپلەرگە نائىل بولغان. ئاساسلىق تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئۇ  1970-يىلى، كېرالا ئۆلكىلىك كىنو بايرىمىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر بالا پۇمباتتا» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1981-يىلى، ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى بايرىمىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1982-يىلى، تەمىل نادۇ ئۆلكىلىك كىنو بايرىمىدا  «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1984-يىلى، ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى بايرىمىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1989-يىلى، ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى بايرىمىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1990-يىلى، ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى بايرىمىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1991-يىلى، ھندىستاندىكى «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1992-يىلى، ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى بايرىمى ۋە نەندى كىنو بايرىمىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1993-يىلى، ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى بايرىمىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1994-يىلى، ئىككى قېتىم ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى بايرىمىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1997-يىلى، ھىندىستان كىنو تاماشىبىنلىرى بايرىمىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1999-يىلى، كانادا تورونتو كىنو بايرىمىدا «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال ئارتىس» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2003-يىلى، «LachchuMaharaJ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2005-يىلى، خەلقئارا «Vamsee» سەنئەت تىياتىرخانىسىنىڭ «ئۆمۈرلۈك تۆھپە» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

2008-يىلى، ھىندىستان سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «ئىلاھە» كۆڭۈل ئېچىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

سرىدېۋىنىڭ جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن تونۇشلۇق بولغان فىلىملىرىدىن ئانىل كاپور بىلەن ھەمكارلىشىپ رول ئالغان فىلىم «زوراۋان قىز»، «غەلىتە نىكاھ»، «يىلان قىز»، «چاندنى بار»، «قوشكېزەكلەر»، «ئۆتكۈنچى ئۆمۈر»، «خۇدا گۇۋاھ»، «ئېزىقىش»، «قىساسكار قوشۇن» قاتارلىقلار بار. ئۇ رول ئالغان فىلىملەر ئاساسلىقى جۇڭگو، ئافغانىستان، پاكىستان، ئىران، ئىراق، سەئۇدى ئەرەبىستان، بېنگال، تۈركىيە، سىرىلانكا قاتارلىقلار دۆلەتلەرگە تارقالغان.

سرىدېۋى ئايياپان 1967-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە بولغان 30 يىلدا 227 فىلىمدە رول ئالغان. بۇ سان ئۇنىڭ 1997-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان رول ئالغان فىلىملىرى، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. سرىدېۋىنى ھەقىقەتەنمۇ بىر سەنئەت ئۈچۈن، كىنو ئۈچۈنلا تۇغۇلغان ئايال دېيىشكە بولىدۇ. ھازىر سرىدېۋى 50 نەچچە ياشلارغا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئەينى يىللاردىكى ھۆسنى ۋە جەلپكارلىقىنى يوقاتماي، ھىندىستاننىڭ كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدە چولپان يۇلتۇزدەك پارلاپ تۇرماقتا.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/1873893.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#