ھىڭ

ھىڭ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ھىڭغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، توسالغۇلارنى ئېچىش، مەددە چۈشۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ھىڭ
چىقىش ئورنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
باشقا نامى ئەنجۇدان
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿魏
تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھىڭھىڭ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ھىڭغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50-200 سانتىمېتىر، ئالاھىدە سېسىق پۇرىقى بار؛ ئوق يىلتىزى توم، شەكلى تۈۋرۈكسىمان ياكى ئۇرچۇقسىمان، پوستىنىڭ رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر كېلىدۇ. يىلتىزىنىڭ ئۇچىدا ھالقىسىمان ئىزلىرى بولىدۇ، غولىنىڭ تۈۋىدە نۇرغۇن ساندا يوپۇرماق سېپىنىڭ تالاسىمان قالدۇقلىرى بولىدۇ؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرىنىڭ سېپى ئۇزۇن بولىدۇ. غولىدىكى يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، ئۈچ - تۆت قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ، كىچىك يوپۇرماقلىرى يەنە پەيسىمان چوڭقۇر يېرىلغان، يېرىقچە يوپۇرماقلىرى يىپسىمان كېلىدۇ؛ گۈل رېتى مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان بولۇپ، ئۇچىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى سېرىق، زىچ ۋە ئۇششاق بولىدۇ. مېۋىسى قوش ئاسماق مېۋە بولۇپ، شەكلى ياپىلاق سوقىچاق كېلىدۇ. چۆل-باياۋان، قاقاس تاغلاردا بولىدۇ.

توسالغۇلارنى ئېچىش، مەددە چۈشۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق قىسمى

دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە غولىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈتلۈك شىرىسى ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى

ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

ئىشلىتىش مىقدارى

ئەھۋالغا قاراپ 5.0 ~ 8.0 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.

ھىڭبۇ ئۆسۈملۈكنىڭ چېچەكلەشتىن ئاۋۋال غولىنى تۆۋەنكى قىسمدىن كەسكەندە، ئاق سۈت چىقىدۇ بۇنى بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزۇپ ئۆزلۈكىدىن قاتقاندا قىرىۋېلىپ، غولىنى يەنە كېسىپ قاتقان سۈتىنى يەنە قىرىۋېلىپ تاكى شىرىلىك سۈتى تۈگىگىچە ئېلىپ، قاتقان سۈتىنى سايىدا قۇرۇتقاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاز مىقداردا ئۆرۈك مېغىزى ياكى شاپتۇل مېغىزىنى قوشۇپ، يۇمشاق يانجىپ ئۇن قىلىنىدۇ؛ يىلتىزىنى كولاپ، سىقىپ شىرىسىنى چىقىرىپ، تەبىئىي قۇرۇتۇپ ياكى يىلتىزىنى كولاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يۇمشاق سوقۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چۆل-باياۋان ۋە قاقاس تاغلاردا ئۆسىدۇ.

ھىڭھىڭدىن يېرىم گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقى ۋە ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

مۇۋاپىق مىقداردىكى ھىڭنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، قورساق كۆپۈش، قورساقتا مونەك تۇرۇپ قېلىش، سېسىق كېكىرىش، مەددىلەرنىڭ مونەك بولۇپ تۇرۇۋېلىشى، بەزگەك، تولغاق، زەھەرلىك موگۇ بىلەن زەھەرلىنىش، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ھىڭنى سوقۇپ قۇرت يېگەن چىشقا قويۇپ بەرسە، قۇرت يېگەن چىشنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. 

ھىڭنى تۇخۇم سېرىقى بىلەن قوشۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يۆتەل ۋە بېقىن ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. 

ھىڭنى سۇدا ئېرىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

ھىڭنى سۇدا ئېرىتىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چايان ۋە دۆ چاققان جايلارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىپ، زەھەر تارقىتىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تىلماچ ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغىتى 

http://tilmach.cn/Home/DictFormatted#download6

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#