سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى

سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى

بۇ كېسەللىك، ھەرخىل قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار ۋە ئىسسىقلىق تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن بولىدىغان باش ئېچىشىپ، سانجىلىپ ۋە زىڭىلداپ ئاغرىش؛ ئاغرىق كۆپىنچە ئالدى تەرەپتە بولۇش؛ چىرايى سارغۇچ، بەدىنى ئورۇق، ئاغزى ئاچچىق، ئۇسسۇزلۇقى كۆپ، ئۇيقۇسى ئاز، ئېغىز، بۇرۇنى قۇرۇق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتۇر.

غەرب تېبابىتى نامى سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى
كېسەللىك سەۋەبى ئىسسىقلىق تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش
ئاساسلىق ئالامىتى ئۇسسۇزلۇقى كۆپ، ئۇيقۇسى ئاز، ئېغىز، بۇرۇنى قۇرۇق بولۇش
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ھەرخىل قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار ۋە ئىسسىقلىق تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: باش ئېچىشىپ، سانجىلىپ ۋە زىڭىلداپ ئاغرىش؛ ئاغرىق كۆپىنچە ئالدى تەرەپتە بولۇش؛ چىرايى سارغۇچ، بەدىنى ئورۇق، ئاغزى ئاچچىق، ئۇسسۇزلۇقى كۆپ، ئۇيقۇسى ئاز، ئېغىز، بۇرۇنى قۇرۇق بولۇش؛ نەرسىلەر كۆزىگە سېرىق كۆرۈنۈش؛ ئولتۇرۇپ-قوپۇشى تېز، ھەرىكىتى قالايمىقان، روھىي ھالىتى تۇراقسىز، ئاچچىقى يامان؛ سۈيدۈكى قىزىلغا مايىل سارغۇچ كېلىش؛ تىلىنى سېرىق گەز باغلاش؛ تومۇرى ئىتتىك، ئىنچىكە، كۈچلۈك سوقۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: سىركە بىر كىلوگرام، شېكەر ئىككى كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: سىركە بىلەن شېكەرنى بىرگە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 گىرامدىن ئىچىلىدۇ.

2-رېتسېپ

سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقىتەركىبى: قىزىلگۈل 250 گىرام، ئاقلانغان ئامىلە 70 گىرام، كابۇل ھېلىلىسى پوستى 60 گىرام، مۇدەببەر قىلىنغان خۇبسىلھەدىد 20 گىرام، سىماق 15 گىرام، پىستە پوستى، ئاپېلسىن پوستى، مەستىكى، نارمىشىك، ئوغرىتىكەن، دارچىن، قىزىل سەندەل، ئاق سەندەل، قىرقىلغان پىلە، گاۋزىبان گۈلى ھەر بىرى 10 گىرامدىن، قەنت ئىككى كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: خۇبسىلھەدىدنى مۇدەببەر قىلىپ، باشقا دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، خۇبسىلھەدىدنى سوقۇپ، 10 كۈن سىركىگە چىلاپ، سىركىنى كۈندە ئالماشتۇرۇپ، كېيىن سوغۇق سۇدا 15 قېتىم يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ، قەنتنى قىيام قىلىپ، ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەرىقى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئىچىلىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .

3-رېتسېپ

تەركىبى: كەھرىۋا، تاباشىر، قىزىلگۈل، گاۋزىبان، سېمىز ئوت ئۇرۇقى 15 گىرامدىن، كەتىرا، بىخ مارجان، مەرۋايىت، ئاق سەندەل، قىرقىلغان پىلە غوزىسى توققۇز گىرامدىن، ئامىلە مۇقەششەر 21 گىرام، دارچىن ئۈچ گىرام، زەپەر 5. 1 گىرام، ئىپار ئۈچ گىرام، قەنت ئىككى ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قەنتنى گۇلاب بىلەن قىيام قىلىپ، قىيامىغا يۇمشاق سوقۇلغان ئىپار ۋە باشقا دورىلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 گىرامدىن دورىنى 30 مىللىلىتىر ئەرىقى گاۋزىبان بىلەن قوشۇپ ئىچىلىدۇ.

باشقا ئۇسۇللار

ئالدى بىلەن زىيادە سەپرا خىلىتىنى پىشۇرغۇچى (مۇنزىج) دورىلار بېرىلىدۇ. مەسىلەن: نىيلۇپەر، بىنەپشە، چىلان، ئەينۇلا، سىرپىستان، قىزىلگۈل، قارا ئۆرۈك قاتارلىقلار. ئىككىنچى قېتىمدا تازىلاش ئۈچۈن مەتبۇخى ھەلىيلە بېرىلىدۇ. ئۈچىنچى قېتىمدا ناخوش ئانار سۈيى، لىمون شەربىتى، ئەينۇلا شەربىتى، زىرىخ سۈيى، غورا سۈيى، تاۋۇز سۈيى، ئىسكەنجىبىن قاتارلىقلار بېرىلىدۇ. بىنەپشە شەربىتى، نېلۇپەر شەربىتى قاتارلىقلارمۇ ئوبدان پايدا قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: سەپرا خىلىتى زىيادىلىكى خاراكتېرلىك باش ئاغرىقىنى داۋالاشتا قان خىلىتى زىيادىلىكى خاراكتېرلىك باش ئاغرىقىنى داۋالاشقا قارىغاندا كۆپرەك سوۋۇتۇش، ھۆللەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا ھارارەتنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن يۇقىرىقى شەربەتلەرگە ئىسپۇغۇل قوشۇپ بېرىش؛ گۇلاب، سەندەل، يۇمغاقسۈت سۈيى، ئالما سۈيى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق تۈردە پۇرىتىش، بۇرۇنغا قاپاق يېغى قاتارلىقلارنى تېمىتىش لازىم.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى 

http://www.tibbiyjawhar.com/html/medical/bash/2013/1208/310.html

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#