ئۆرە تۇرۇشنىڭ بەدەن شەكلىنى يېتىلدۈرۈشى

ئۆرە تۇرۇش ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرە بەدەن شەكلىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق تەرەققىياتىنى ئەۋزەل شەرت-شارائىتلار بىلەن تەمىنلىگەن. ئۆرە بەدەن شەكلى ئالدى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئىككى قولىنى ئازاد قىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىككى قولى ماڭىدىغان ۋە بەدەن ئېغىرلىق مەركىزىنى تىرەپ تۇرىدىغان ئەزا بولۇش رولىدىن ئايرىلغان.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مايمۇن ئادەمگە ئوخشاش ئۆرە ماڭالىسىمۇ ۋە ئىككى قولىدا سايمان-جابدۇقلارنى تۇتالىسىمۇ، لېكىن ئۇلار يۈگۈرگەندە پۇت-قوللىرىنى يەنىلا يەرگە تەگكۈزۈپ ماڭىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلىنى ئۆرە بەدەن شەكلى دەپ ھېسابلاشقا بولمايدۇ. شۇڭا، ئۆرە بەدەن شەكلى پەقەت ئىنسانلاردىلا ھازىرلانغان.

ئۆرە تۇرۇش ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرە بەدەن شەكلىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق تەرەققىياتىنى ئەۋزەل شەرت-شارائىتلار بىلەن تەمىنلىگەن. ئۆرە بەدەن شەكلى ئالدى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئىككى قولىنى ئازاد قىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىككى قولى ماڭىدىغان ۋە بەدەن ئېغىرلىق مەركىزىنى تىرەپ تۇرىدىغان ئەزا بولۇش رولىدىن ئايرىلغان. ئىنسانلارنىڭ ئىككى بىلىكىنىڭ گەۋدىسىنىڭ ئىككى يېنىدا بولۇشى، ئالدى-كەينىگە، ئوڭ-سولغا، يۇقىرى-تۆۋەنگە بىمالال ھەرىكەت قىلىشى، تەرەققىي قىلغان بارماقلىرى ۋە ئۈگىلىرى قورال-سايمانلارنى ئىشلىتىشىگە شارائىت يارىتىپ، قولنى ھەقىقىي ئەمگەك قىلىش ئەزاسىغا ئايلاندۇرغان. 

ئۆرە بەدەن شەكلىنىڭ يەنە بىر ئەۋزەللىكى شۇكى، مېڭە قۇتىسى ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە تەكشى كۆتۈرۈلۈپ بىمالال بۇرىلالايدىغان بولغاچقا، بۇ مېڭە قۇتىسىغا جايلاشقان ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېكەيتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئىككى كۆز پەقەت يولنى كۆرىدىغان ۋە يېمەكلىك ئىزدەيدىغان ئەمەس، بەلكى يىراقنى ۋە ئەتراپنى كۆزىتىپ ھاياتلىق ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن بىلىم توپلايدىغان قورالغا ئايلانغان. 

قول ۋە كۆزنىڭ ئازاد بولۇشى مېڭىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددىي شارائىتلارنى ياراتقان. 

ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئۆرە بەدەن شەكلىنىڭ ئوتتۇرا ئوقى بولۇپ، ئۇنىڭدا بويۇن ئەگمىسى، كۆكرەك ئەگمىسى، بەل ئەگمىسى ۋە توققۇز كۆز ئەگمىسىدىن ئىبارەت تۆت ئەگمە بار. بويۇن ئەگمىسى بىلەن بەل ئەگمىسى تۇغۇلغاندىن كېيىن شەكىللىنىدىغان بولغاچقا، بۇمۇ ئۆرە تۇرغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر. چۈنكى، ئەزالار ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئالدىغا جايلاشقان بولغاچقا، ئالدىغا ئېڭىشكەندە ئېغىرلىق مەركىزىگە بولغان تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، بەل ئەگمىسى پەيدا بولغان. باش بوشلۇقىنى بەدەننىڭ ئەڭ يۇقىرىسىغا تەكشى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىككى كۆزنى ئۇدۇل قارىتىش ئۈچۈن، بويۇن ئەگمىسى كەم بولسا بولمايدۇ. بۇ تۆت ئەگمە بەدەننى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى بەدەننىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ، كۈچلۈك سەكرىگەندە مېڭە ۋە يۇلۇننى تەۋرىنىپ زەخىملىنىشتىن ساقلايدۇ. 

ئادەمنىڭ بەدەن شەكلى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە ئادەمنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى بېشى بىلەن بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ نىسبىتى 4 :1 بولسا، قۇرامىغا يەتكەندە 8 :1 بولىدۇ. ئومۇرتقا تۈۋرۈكىدىكى تۆت ئەگمىمۇ بالىنىڭ ئايىغى چىققاندىن كېيىن شەكىللىنىدۇ، قېرىغاندا بولسا بۇ خىل ئەگمە بوۋاق مەزگىلىدىكى ھالىتىگە قايتىپ، پەقەت كۆكرەك ئەگمىسى بىلەن توققۇز كۆز ئەگمىسىلا قېپقالىدۇ. مانا بۇ بەزى قېرىلارنىڭ ھاسىغا چۈشۈپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. 

ئادەمنىڭ بەدەن شەكىلىدە جىنس ئايرىمىسى ۋە ئىرق ئايرىسىغا قاراپ ئۆزگىرىش بولىدۇ. مەسىلەن، ئەرلەرنىڭ تەرەققىي قىلغان مۈرىسى، ئاياللارنىڭ كەڭرى داس سۆڭىكى بولىدۇ؛ نېگىرلارنىڭ پۇت-قوللىرى ۋە بويى باشقا ئىرقتىكىلەرنىڭكىدىن ئۇزۇن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزىلەر نېگىرلار يېنىك ئاتلېتىكا ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئەۋزەل تەن شەكلى شەرتلىرىگە ئىگە دېيىشىدۇ. 

ئۆرە بەدەن شەكلىمۇ ئىنسانلارغا مەلۇم ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەن ئادەملەر پۇتىنىڭ ھەر كۋادرات سانتېمىتىر يۈزىگە 300 كىلوگرام دىن كۆپرەك بېسىم چۈشىدىكەن؛ يۈگۈرگەندە بولسا بۇ خىل بېسىم تۆت ھەسسە چوڭىيىدىكەن. مانا بۇ ياشلارنىڭ قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندا ئۆكچە پېيىنىڭ يىرتىلىپ كېتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. ئۆرە تۇرغاندىمۇ ئىچكى ئەزالار قورساق بوشلۇقىنىڭ تۈۋىنى بېسىپ، بالىلار ۋە ياشانغانلاردا ئاسانلا چوقۇق پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىچىلىرى پۇلتىيىپ چىقىش، يېرىم پارالىچ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپىنچە ئۆرە بەدەن شەكلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ بەزىلەرنىڭ ئۆمىلەپ بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىشىدىكى ئاساس بولسا كېرەك.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#