جىڭدېجېن

جىڭدېجېن

جىڭدېجېن جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان.

نامى جىڭدېجېن
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
چەتئەلچە نامى Jingdezhen City
خەنزۇچە نامى 景德镇
ئۆلكىسى جياڭشى ئۆلكىسى
تەۋە رايون جۇڭگو جياڭشى ئۆلكىسى
باشقا نامى فارفور شەھىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جىڭدېجېن شەھىرىجىڭدېجېن جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان. 1949-يىلى جىڭدېجېن شەھەر قىلىنغان. ئېسىل فارفور بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە داڭقى چىققان، «فارفور شەھىرى» دېگەن نامى بار. ئۆتمۈشتە، خۇبېيدىكى خەنكۇ بازىرى، گۇاڭدۇڭدىكى فوشەن بازىرى، خېنەندىكى جۇشيەن بازىرى بىرلىكتە ئېلىمىزدىكى داڭلىق تۆت بازار، دەپ ئاتالغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ فارفور بۇيۇملار ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىنىپ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە تارتۇق قىلىنىدىغان بۇيۇمغا ئايلىنىپ، «يالغان قاشتېشى بۇيۇم» دەپ ئاتالغان. سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جىڭدې يىللىرىدا سۇڭ جېنزۇڭ «جىڭدې يىلنامىسى» نى يولغا قويغان، جېڭدېجىن فارفور قاچىلىرىنىڭ داڭقى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دۇنياغا داڭلىق چىڭبەيخۇا فارفورى كەشىپ قىلىنغان. ھازىر ساقلىنىۋاتقان خۇتيەن قەدىمكى فارفور خۇمدىنى خارابىسى ئېلىمىزنىڭ فارفورچىلىق تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيالدۇر. مىڭ سۇلالىسىنىڭ شۇەندې يىللىرى (1426 −1435) دا، جىڭدېجېن مەخسۇس ئوردىدا ئىشلىتىلىدىغان فارفور بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئوردا خۇمدىنىدىن 58 ى، پۇقرا خۇمدىنىدىن نەچچە يۈزى بولغان، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە فارفور كەسپى داۋاملىق راۋاجلانغان ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#