سۇ دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. سۇ (ئانئورگانىك ماددا)
  2. سۇ (تىبابەت نەزىرىيىسى)
ئانئورگانىك ماددا
سۇ

سۇ-ئوكسىگىن ۋە ھىدروگىندىن ئىبارەت ئىككى ئىلمىنىتنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن ئانئورگانىك ماددا.  مالىكولا تۈزىلىشىH₂O. ئىككى دانە ھىدروگىن بىر دانە ئوكسىگىندىن تۈزۈلگەن.

سۇ - دۈنيادىكى ھەر قانداق بىر ھاياتلىق ئۈچۇن ئەڭ مۇھىم بولغان ماددا بولۇپ، ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى سۇدۇر. سۇ بولمىغان يەردە ھاياتلىق مەۋجۇت ئەمەستۇر

ئۇيغۇرچە سۇ
ئىنگىلىسچە Water
تەركىبى ئوكسىگىن،ھىدروگىن
زىچلىقى 1g/cm³,10^3kg/m³(t=4℃)
خەنزۇچە
خمىيىۋى تۈزىلىشى H₂O
ھالىتى ئادەتتىكى يىمپۇراتورىدا رەڭسىز،سۈزۈك سۇيۇقلۇق
قايناش نوقتىسى 100گىرادۇس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇ-ئوكسىگىن ۋە ھىدروگىندىن ئىبارەت ئىككى ئىلمىنىتنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن ئانئورگانىك ماددا.  مالىكولا تۈزىلىشىH₂O. ئىككى دانە ھىدروگىن بىر دانە ئوكسىگىندىن تۈزۈلگەن.

سۇ - دۈنيادىكى ھەر قانداق بىر ھاياتلىق ئۈچۇن ئەڭ مۇھىم بولغان ماددا بولۇپ، ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى سۇدۇر. سۇ بولمىغان يەردە ھاياتلىق مەۋجۇت ئەمەستۇر

ھالىتى

مۇز

ئادەتتىكى تىمپۇراتورىدا سۇيۇقلۇق ھالەتتە بولىدۇ،يۇقىرى تىمپۇراتورىدا ھورغا ئايلىنىپ لەيلەيدۇ.0گىرادۇستىن تۆۋەن ھالەتتە قىتىپ مۇزغا ئايلىنىدۇ.

مولۇكۇلا تۈزىلىشى

سۇ مولكۇلىسى ئىككى  دانە ھېدروگىن ئاتومى بىلەن بىر دانە ئوكسىگىن ئاتومىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بوشلۇقتا "V"  شەكىللىك تۈزۈلىشنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ خىل تۈزۈلۈشتە ئىككى دانە ھېدروگىن ئاتومى "V"  نىڭ ئىككى قولىغا، ئوكسىگىن ئاتومى بولسا ئاستى چوققا قىسمىغا جايلاشقان ھالەتتە بولىدۇ

ئوكسىگىن ئاتومى كۈچلۈك مەنپى زەرەتلەنگەن بولۇپ، ھېدروگىن ئاتومى ئاجىز مۇسپەت زەرەتكە ئىگە. بۇ ئىككى خىل ئاتوملاردىكى زەرەتلەرنىڭ تەڭ مىقداردا بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئاخىرىدا سو مولكۇلىسىدا قۇتۇپلۇق خۇسۇسىيەت پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل خۇسۇسىيەت خۇددى ماگىنىتنىڭ ئىككى قۇتۇبى بولغاندەك  "V"  شەكىللىك تۈزۈلىشنىڭ ئىككى قولى ۋە چوقىسى قارمۇ-قارشى قۇتۇپنى شەككىلەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر بىر دانە سۇ مولكولىسى بىر دانە كىچىك ماگنىتقا ئوخشاپ قالىدۇ ۋە بۇ كىچىك ماگنىتلار ئوخشاش قۇتۇپلىرى تىپىشىش ۋە ئوخشىمىغان قۇتۇپلىرى تارتىشىش قائىدىسى بويىچە ناھايىتى رەتلىك تىزىلىپ بىر – بىرى بىلەن "تارتىشىپ" تۇرىدۇ 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#