بۇلار دىگەن ئۇچۇرغا يېقىن كېلىدىغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار، كۆرۈپ بېقىڭ

نېرۋا ئاجىزلىق

نېرۋا ئاجىزلىق

نېرۋا ئاجىزلىقى-ئۇ ئۇزۇن مۇددەت روھى زەربىگە ئۇچراش ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ قوزغىلىش ۋە تورمۇزلىنىش خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ، باش ئاغرىش، چارچاش، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنۇتقاقلىق قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان، مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. 

تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك    بۇ يازما 2016-يىلى 02-ئاينىڭ 18-كۈنى يوللانغان

مېڭە قان تومۇرى قېتىشىش

مېڭە قان تومۇرى قېتىشىش

بۇ كېسەللىك، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەردە قان بېسىمى يۇقىرىلىق، قان تەركىبىدىكى ماي ۋە قاننىڭ يېپىشقاقلىقى نورمال مىقداردىن ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان داۋاملىق باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئۇيقۇ قېچىش، كۆز تورلىشىش، قۇلاق غوڭۇلداش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك    بۇ يازما 2016-يىلى 02-ئاينىڭ 24-كۈنى يوللانغان

سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى

سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى

سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى-سوغۇق ئۆتۈش، شامالداش، قار، بوران، يامغۇردا قېلىش، ئۇزۇن مۇددەت سوغۇق سۇغا چۆمۈلۈش،بەك سوغۇق تاماقلارنى يېيىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان باش ۋە پېشانە سوغۇق بولۇش، ئىسسىق ھاۋادا ياكى ئوتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغاندا ئاغرىق پەسىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىك.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك    بۇ يازما 2016-يىلى 02-ئاينىڭ 22-كۈنى يوللانغان