ئاناركۆل سۇ ئۈستى باغچىسى

ئاناركۆل سۇ ئۈستى باغچىسى

ئاناركۆل سۇ ئۈستى باغچىسى — يېمەك–ئىچمەك ، ساياھەت ، كۆل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش ، بېلىق تۇتۇش ، بېلىق، پاقلان كاۋىپىنى تېتىپ كۆرۈش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ، مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە توققۇز كىلومېتىر كېلىدۇ. 

نامى ئاناركۆل سۇ ئۈستى باغچىسى
جۇغراپىيەلىك ئورنى مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربى قىسمى
تەۋە رايونى شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاناركۆل سۇ ئۈستى باغچىسىغا سېلىنغان كۈتۈۋېلىش ئورنىئاناركۆل سۇ ئۈستى باغچىسى — يېمەك–ئىچمەك ، ساياھەت ، كۆل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش ، بېلىق تۇتۇش ، بېلىق، پاقلان كاۋىپىنى تېتىپ كۆرۈش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ، مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە توققۇز كىلومېتىر كېلىدۇ. مەنزىرىسى گۈزەل ئاناركۆل سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ قاچىلاش مىقدارى 72 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ ، كۆلىمى 34.265 كىۋادرات كىلومېتىرغا، توسمىسىنىڭ ئوزۇنلىقى 19 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ باغچىدا 2010–يىلىنىڭ بېشىدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ ، 13 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 0.85 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتكەندىن كىيىن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. بۇ ساياھەت ئورنىغا سېلىنغان سۇ يۈزىدە دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقان ياغاچ پاراخۇت شەكىلدىكى كۈتۈۋېلىش مەركىزى بىرلا ۋاقىتتا 1000 دىن ئارتۇق مېھماننى كۈتۈۋالالايدۇ. بۇ كۈتۈۋېلىش مەركىزىگە كىرگەندە، پاراخوتقا ئولتۇرغاندەك ھېسسىياتقا كەلگەندىن باشقا، ئاناركۆل سۇ ئامبىرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئەتراپتىكى گۈزەل يايلاقلارنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ.

ئاناركۆل سۇ ئامبىرىدىن ھەر خىل بېلىقلار، قىسقۇچ پاقا قاتارلىق قىممەتلىك سۇ مەھسۇلاتلىرى كۆپ چىقىدۇ. كۆلنىڭ ئەتراپى ياپيېشىل دەل–دەرەخلەر بىلەن قورشالغان بولۇپ، تەبىئىي شەكىللەنگەن قومۇشلۇقلار كۆل يۈزىدە ناھايىتى گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان، كۆلدە يەنە ياۋا ئۆردەك، ياۋا غاز، تۇرنا، بېلىقچى قاتارلىق سۇ قۇشلىرى كىشىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. ھەر كۈنى كەچ كىرگەندە نۇرغۇنلىغان بېلىق تۇتقۇچىلار بۇ ‹‹كىچىك ئارال›› غا كېلىپ، بېلىق تۇتىدۇ، تۇتقان بېلىقىنى يۇلغۇندىن زىخ ياساپ، نەق مەيداندا پىشۇرۇپ يەپ، گۈزەل تەبىئەتنىڭ نېمەتلىرىدىن قانغۇچە بەھرىمان بولىدۇ. ئاناركۆلنىڭ بېلىق كاۋىپى مەملىكەتكە داڭلىق، بۇ يەردە دائىم پىشۇرۇلۇپ تۇرىدىغان پاقلان كاۋىپى، ياۋا توشقان كاۋاپلىرىنىڭ تەمىمۇ ئالاھىدە بولۇپ، يىراق-يېقىندىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

سۇ ئۈستى باغچىسىغا سېلىنغان پاراخۇتسىمان كۈتۈۋېلىش ئورنىساياھەت رايونىنىڭ كۆلىمى 200 مو ئەتراپتا پىلانلانغان بولۇپ ، ئەمەلىي كۆلىمى 160 مو كېلىدىغان، 11 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بۇ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ياغاچ قۇرۇلمىلىق پاراخۇت ئۇل قۇرۇلۇش، زىننەتلەشى. ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، يول يۈزىنى قاتتىقلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش يۈرۈشلەشكەن تۈر قۇرۇلۇشىمۇ بار بۇلۇپ، مەنزىرە رايونىدا يەنە سۇ ئۈستى ۋالىبول مەيدانى، سۇ ئۈستىدە قىياغا چىقىش ئورنى، سۇ ئۈستىدە ياغاچ تەڭشەك ئويناش، سۇ ئۈستىدە تىرامپولىن، سۇ ئۈستىدە ئۇچۇش ، سۇ ئۈستىدە تېيىلىش شۇتىسى، سۇ ئۈستىدە موتۇرلۇق قېيىق بىلەن تاماشا قىلىش قاتارلىق تۈرلەر تەسىس قىلىنغان.

بۇ ساياھەت ئورنىدا بىرلا قېتىمدا 500 ساياھەتچى تاماشا قىلالايدۇ، بىرلا ۋاقىتتا 100 ئادەم بىمالال غىزالىنالايدۇ.[0] 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#