رېن جېڭفېي

رېن جېڭفېي

  رېن جېڭفېي 1944-يىلى گۈيجۇنىڭ ئەنشۈن دېگەن يېرىدىكى بىر تاغلىق كەنتتە تۇغۇلغان، خۇاۋېي پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەم باش لىدىرى. رېن جېڭفېينىڭ ئاتا-ئانىسى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئائىلىدە جەمئىي ئالتە پەرزەنت بار.

ئىسمى رېن جېڭفېي
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى گۇيجۇ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھىرى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى چۇڭچىڭ ئۇنۋېرسىتېتى
شىركىتى خۇاۋېي شىركىتى
خەنزۇچە ئىسمى 任正非
تۇغۇلغان ۋاقتى 1944-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى
مىللىتى خەنزۇ
كەسپى كارخانىچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رېن جېڭفېي

 رېن جېڭفېي 1944-يىلى گۈيجۇنىڭ ئەنشۈن دېگەن يېرىدىكى بىر تاغلىق كەنتتە تۇغۇلغان،ئاتا-ئانىسى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئائىلىدە جەمئىي ئالتە پەرزەنت ئىدى. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى گۇيجۇنىڭ يىراق تاغلىق رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەكتىپىدە ئوقۇغان.

 زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇش ئۇنىڭ ھاياتىنى بەلگىلىگەن بىر ئامىلغا ئايلانغان.1963-يىلى رېن جېڭفېي چۇڭچىڭ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈشكە بىر يىل قالغاندا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلانغان، ئاتا-ئانىسى تۈرمىگە تاشلانغان. ئاتىسى تۈرمىگە سولىنىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا بوشاشماي تىرىشىپ ئۆگىنىشتى تاپىلىغان ئىدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇ ھەربىيلىككە قاتناشقان، يەنى قۇرۇلۇش ئەترىتىدە تۇرغان. 

رېن جېڭفېي  1987-يىلى 44 ياشقا كىرگەن رېن جېڭفېي جەنۇبىي دېڭىز نېفىت شىركىتىنىڭ تىجارىتىدە ئىككى مىليون يۈەن ئالدانغان، كېيىن يەنە شىركەتتىن ھەيدەلگەن، ئايالىمۇ ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەتكەن.

 ئۇ بىر ئادەم ئاتا-ئانىسى ۋە ئىنى-سىڭىللىرى بىلەن شېنجېندىكى كەپە ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرگەن، كېيىن قەرز ئالغان 21مىڭ يۈەن بىلەن خۇاۋېي شىركىتىنى قۇرغان. شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۇ شياڭگاڭدىكى بىر شىركەتنىڭ ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ خېلى پۇل تاپقان. 1992-يىلى خۇاۋېي شىركىتى C&C08 ئالماشتۇرغۇچ تەتقىقاتىغا كىرىشكەن، 1993-يىلى تەتقىقات ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، ئۇنىڭ باھاسى چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەن ئوخشاش تۈردىكى ماللارنىڭ باھاسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگىلا توغرا كېلىدىغان بولۇپ خۇاۋېي ئۈچۈن خېلى چوڭ بازارنى ئىگىلىگەن. 1996-يىلى 3-ئايدا يۇگوسلاۋىيەنىڭ بىر شىركىتى بىلەن ھەمكارلىش ئۈچۈن رېن جېڭفېي ئون نەچچە ئادەمنى باشلاپ بېلگىرادتقا بېرىپ ئورۇنلاشقان. 

ئۇلار بېلگىرادتا بىر ھەشەمەتلىك مېھمانساراينىڭ ياتىقىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ كۈنلۈك پۇلى 2000 دوللار. لېكىن بۇ ھۇجرىدا رېن جېڭفېي ئۆزى يالغۇز تۇرمىغان، يەنى ئادەملىرى بىلەن بىللە جاپالىق خىزمەت قىلغان.

  1995-يىلىدىن باشلاپ ئالتە يىل جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق 2001-يىلىغا كەلگەندە خۇاۋېي ئاندىن خەلقئارا بازاردا پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك نام ئاتاققا ئىگە بولغان. بۇ يىلى خۇاۋېينىڭ مەھسۇلاتلىرى ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى ئون نەچچە دۆلەتكە كىرىپ بولغان بولۇپ، يىللىق سېتىش سوممىسى 300 مىليون دوللاردىن ئاشقان ئىدى. خۇاۋېي ماركىسىمۇ ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدە ياڭراشقا باشلىغان.

رېن جېڭفېي 2002-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خۇاۋېي دۆلەتنىڭ 3797 كىلومېتىرلىق نۇركابىلىنى ياتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. 2003-يىلى خۇاۋېينىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى سېتىش سوممىسى ئۈچ يۈز مىليون دوللاردىن ئېشىپ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ چوڭ مەھسۇلات تەمىنلىگۈچى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. 

2001- 2002-يىللاردا پۈتۈن دۇنيادىكى تېلېگراف ئۇل ئەسلىھەلىرىگە سېلىنغان مەبلەغ %50 تىن ئارتۇق ئازىيىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ خۇاۋېينىڭ خەلقئارادىكى سېتىش سوممىسى %68 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن، يەنى 2001-يىلىدىكى 328 مىليون دوللاردىن ئېشىپ 552 مىليون دوللارغا يەتكەن. 

 2007-يىلىنىڭ بېشىدا رېن جېڭفېي IBM شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىغا خەت يېزىپ IBM شىركىتىنىڭ مالىيە خادىملىرىنى ئەۋەتىپ خۇاۋېينىڭ مالىيە باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى تەرتىپكە سېلىش بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. شۇ چاغلاردا خۇاۋېينىيڭ ئومۇمىي سېتىش سوممىسى 16 مىليارد دوللارغا، مەملىكەت سىرتىدىكى سېتىش سوممىسى 11 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يېتىپ شۇ چاغلاردىكى مەملىكەت ئىچى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى شىركەتلىرى ئىچىدە سېتىش سوممىسى ۋە پايدا نىسبىتىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. 

2008-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە خۇاۋېي خەلقئارا بازاردا 100 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىغان، پۈتۈن دۇنيادىكى ئالدىنقى 50نىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ 45ى خۇاۋېينىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلەتكەن.

  2012-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى خۇاۋېي پاي كونترول شىركىتى 2011-يىللىق مالىيە يىلىدىكى 31 مىليارد 543 مىليون دوللارلىق تىجارەت كىرىمى بىلەن دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا رەت-تەرتىپىدە 351-ئورۇندا تۇرغان، بۇ خۇاۋېينىڭ ئۇدا ئۈچىنچى يىلى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىگە كىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 خۇاۋېي شۇ يىلى يەنە دۇنيادىكى ئەڭ نېپىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون بولغان خۇاۋېي Ascend P1 S نى ئېلان قىلغان، 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى خۇاۋېي يەنە تور سودىسى ساھەسىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

خۇاۋېي شىركىتى2014-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق تىجارەت سانلىق-مەلۇماتىدىن كۆرسىتىلىشىچە، خۇاۋېينىڭ تىجارەت كىرىمى بىر 135 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 ئاشقان، ساپ پايدىسى بولسا %18.3 بولغان. 

2015-يىلى سىنا پەن-تېخنىكىسى باھالاپ چىققان «2014-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر كارخانا» شەرىپىگە ئېرىشكەن. 2016-يىلى خۇرۇن بايلار تىزىملىكىدە رېن جېڭفېي سەككىز مىليارد يۈەنلىك مۈلكى بىلەن 422-ئورۇنغا تىزىلغان.

  جۇڭگولۇق سودىگەرلەر ئالاقە چەمبىرىكىنى ئىزدەش، مۇناسىۋەت باغلاشقا ئوتتەك ئىستىياق باغلىغان ھازىرقىدەك جەمئىيەتتە رېن جېڭفېي بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرغان، شۇ سەۋەبلىك يەنە «جۇڭگودىكى ئەڭ سىرلىق كارخانىچى» دەپ ئاتالغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/23495.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#