شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى

جۇڭگو روسىيە رەڭلىك مېتال شىركىتى كانچىلىق تېخنىكا مەكتىپى ئاساسىدا 1953-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى
نامى ئۆزگەرتىلگەن  ۋاقتى 1966-يىلى
خەنزۇچە نامى 新疆工学院
تەبىيىتى قۇرۇلۇش پەنلىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو روسىيە رەڭلىك مېتال شىركىتى كانچىلىق تېخنىكا مەكتىپى ئاساسىدا 1953-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلغان. 1958-يىلى 7-ئايدا مېتاللورگىيە سانائەت مىنىستىرلىكى شىنجاڭ كان مېتاللورگىيە ئىنستىتۇتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1966-يىلى 5-ئايدا شىنجاڭ سانائەت ئىنستىتۇتى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ، ئۇيغۇر، ئىنگلىز تىلى قوللىنىلىدۇ. تولۇق كۇرستىكى مىللىي، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش يىلى تۆت يىل (مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تەييارلىق ئوقۇيدۇ)، مەخسۇس كۇرستىكى مىللىي، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش يىلى ئۈچ يىل (مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىر يىل تەييارلىق ئوقۇيدۇ). ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش يىلى ئۈچ يىل.

مەملىكەتلىك ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئىنستىتۇتتىكى 20 دىن ئارتۇق كەسىپنىڭ باكلاۋىرلىق ئۇنۋان بېرىش ھوقۇقى، يەتتە كەسىپنىڭ ماگىستىرلق ئۇنۋان بېرىش ھوقۇقى بار. بايلىق ۋە مۇھىت قۇرۇلۇش فاكۇلتېتى، ئېلېكترون قۇرۇلۇش فاكۇلتېتى، توقۇمىچىلىق فاكۇلتېتى، ماشىنىسازلىق فاكۇلتېتى، كومپيۇتېر ئىلمى فاكۇلتېتى، باشقۇرۇش فاكۇلتېتى، چوڭلار مائارىپى ئىنستىتۇتى، تەنتەربىيە ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى، ئۇچۇر مەركىزى قاتارلىق 15 ئوقۇتۇش ئورنى بار، 33 تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرۇس كەسپى بار، بۇنىڭ ئىچىدە بايلىق قېدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش، كان بايلىقلىرى قۇرۇلۇش، ماتېرىيال پىششىقلاپ ئىشلەش ھەم كونترول قىلىش قۇرۇلۇشى، ئېلېكتر قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر قۇرۇلۇشى، كومپيۇتېر ئىلمى تېخنىكىسى، مۇھىت قۇرۇلۇشى، يېمەكلىك ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى، توقۇمىچىلىق قۇرۇلۇشى، بىناكارلىق ئىلمى، ئاپتوماتلاشتۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەر خەلق ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 241000 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 160000 كۋادرات مېتىر. مەكتەپنىڭ ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، 54 ئاساسىي ۋە كەسپىي كارخانا، بىر ئېلېكتىرلىك ئوقۇتۇش مەركىزى ۋە ھەرقايسى فاكولتېت بۆلۈملەر كومپيۇتېر مەركىزى(ئىشخانىسى) بار. ئىنستىتۇتنىڭ پراكتىكا تەتقىقات زاۋۇتى ۋە ھەرقايسى قۇرۇلۇش لاھىيىلەش تەتقىقات ئورۇنلىرى يۇقىرى تېخنىكىلىق قۇرۇلۇشنى لاھىيىلەش، تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى قۇرۇلۇش لاھىيىلەش تەتقىقاتى، مېتاللارنى سوۋۇتۇش، قىزىتىش، پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى پراكتىكىسى ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مەھسۇلاتقا ئۆزگەرتىش ھەمدە سىناق تەرىقىسىدە پىششىقلاپ ئىشلەش تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ياخشى ئورۇن بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. 

ئىنستىتۇتتا بىر قەدەر كۈچلۈك ئىلمىي تەتقىقات قوشۇنى ۋە بىر قەدەر مۇكەممەل ئەسلىھەلىرى بار. نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىنستىتۇت سىرت بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، 112 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە زىيارەت، تەكشۈرۈش ۋە ئۇقۇشقا ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىتالىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتى ھەم ياپونىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، كاناداقاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلدى. مەكتەپ شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرستېتى، تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېىت، غەربىي شىمال توقۇمچىلىق ئىنستىتۇتى، شەرقىي جۇڭگو سانائەت ئىنستىتۇتى قاتارلىق 20 نەچچە مەكتەپ بىلەن دوستلۇق ھەمكارلىق ئورناتتى ۋە شىنجاڭدا بىرلىكتە ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرىنى ئۈستىگە ئالدى. داليەن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوتتۇرا جۇڭگو سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ماگىستىر، ئاسپىرانت دەرسلىكى، بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپى ۋە قۇرۇلۇش ئاسپىرانتلىق سىنىپى ئاچتى. مەملىكەتلىك ۋە غەربىي رايوندىكى ئالىي دەرىجىلىك سانائەت ئىنستىتۇتى مەكتەپلەر ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىغا قاتناشتى. 1999-يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 619 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 6600 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 20000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيىلەنگەن. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#