ئىناۋەتلىك كارتا

ئىناۋەتلىك كارتا، يەنە قەرىز كارتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بىر خىل نەق پۇل بولمىغان (غەيرى نەق پۇل )سودىدىكى پۇل تۆلەش ئۇسۇلى ، ئاددىي بولغان كرېدىت مۇلازىمەت ئادەتتە ئىناۋەتلىك كارتا ئۇزۇنلىقى 85.60 مېللىمېتىر ، كەڭلىكى 53.98 مېللىمېتىر ،قېلىنلىقى 1مېللىمېتىر بولغان ئىستىمال ئىناۋىتىگە ئىگەبولغان ئالاھىدە ياسالغان كارتا ، بانكا شەخىسلەر ۋە ئىدارىلەرگە تارقىتىدۇ ، ئىستىمال ۋە بانكىغا پۇل قويۇش ۋە پۇل ئېلىش ئىشلىرىنى قىلغىلى بولىدۇ ، ئۇنىڭ شەكلى ئالدى يۈزىدە كارتىنى تارقاتقان بانكىنىڭ ئىسمى ،ئۈنۈملۈك ۋاقتى ،نومۇرى ، كارتىنى ئىشلەتكۈچىنىڭ ئىسمى قاتارلىقلار بولىدۇ ، كەينى يۈزىدە ماگنىت يوللىقى ۋە ئىمزا چۈشىدىىغان يوللىقى بار.

ئۇيغۇرچە نامى ئناۋەتلىك كارتا
تۈرى قەرز كارتىسى ۋە تەييارلاپ قويۇلغان قەرز كارتىسى
بارلىققا كەلگەن ۋاقتى 19 -–ئەسىرنىڭ ئاخىرى
خەنزۇچە نامى 信用卡
پۇل تۆلەش شەكلى غەيرى نەق پۇل شەكلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەڭ دەسلەپ ئىناۋەت كارتىسى 19 –ئەسىرنىڭ ئاخىرى بارلىققا كەلگەن، 19- ئەسىرىنىڭ 80- يىللىرى ئەنگىلىيە كىيىم –كېچەك كارخانىسى ئىناۋەت كارتىسىنى ئىشلەتكەن كېيىن  ،ساياھەت، سودا تارماقلىرىمۇ بۇ ئېقىمغا ئەگەشكەن 

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 20 –ئەسىردىكى 50– يىللىرىدىن بىر كۈنى ، ئامېرىكىلىق سودىگەر، مانخاتتان  كرېدىتى مۇتەخەسسىسى نىيۇيورۇكتا مېھمانلار بىلەن غىزالىنىپ ، تاماقتىن كېيىن پورتمالنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان ئامالسىز ئايالىغا تېلفۇن قىلىپ پۇل ئەكەلدۈرپ ھېسابات قىلغان ،بۇ ئىشتىن قاتتىق ئوڭايسىزلانغان،  شۇنىڭ بىلەن ئىناۋەت كارتا شىركىتى قۇرۇش خىيالىغا كېلىدۇ، 1950– يىلى ئەتىيازدا ، ئۇ يېقىن دوستى بىلەن  ھەمكارلىشپ 10 مىڭ ئامرېكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ  ،  نيۇيوركتىكتا «دالەي كۇلۇبى » نى قۇرۇپ چىقتى، بۇ كۇلۇپ ئەزالارنى بىر خىل سلاھىيەت ۋە چىقىم قىلىش ئىقتىدارىنى ئىسپاتلايدىغان كارتا بىلەن تەمىنلىگەن ، ئەزالار مۇشۇ كارتا ئارقىلىق 27 تاماقخانىلاردا ھېساباتقا يېىزپ قويۇپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ ،نەق پۇل تۆلىشىنىڭ ئورنى يوق،بۇ ئەڭ دەسلەپكى ئناۋەتلىك كارتا .بۇ خىل بانكىنىڭ بېجىرىشى ھاجەتسىز بولغان ئىناۋەتلىك كارتا خارەكتىرى جەھەتتىن سودا ئىناۋەت كارتىسىغا تەۋە.

1952-يىلى، ئامېرىكا  كالىفورنىيە شىتاتى  فرانكلىن خەلقى بانكا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى  بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدى بىلەن بانكا ئىناۋەت كارتىسىنى تارقىتىپ، بىرىنچى ئىناۋەتلىك كارتا تارقاتقان بانكا بولۇپ قالغان.

 پۇل مۇئامىلە  كرىزىسى ھەمدە  دۆلەت ئىچى ئىقتىسادى داۋالغۇشتىن  كېيىن ، ئېلىمىزنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا  بازىرى، 2010-يىلى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى ، 2010-يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ، دۆلەت ئىچى ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ تارقىلىش ئومۇمىي مىقدارى 2 مىليون دانىنى بۆسۈپ ئۆتكەن .ئىناۋەت كارتا ئىستىمالى ئىجتىمائى ئىستىمال ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى بارغانسىرى ئاشماقتا .

جۇڭگو ئىناۋەت كارتا بازىرى  جۇڭگو شەخىسلەر پۇل – مۇئامىلە مۇلازىمەت بازىرى ئىچىدە  ئۆسۈپ يېتىلىشى ئەڭ تېز بولغان  مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى ، گەرچە كەسىپ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تولغان خىرىسلارغا تولغان بولسىمۇ  ، بىراق كۆلەملىك ئۈنۈم ھەمدە ئىستېمالچىلارنىڭ چىقىمىنىڭ  ئېشىشىى ئىلگىرى سۈرۈلۈشكە ئەگىشىپ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىلىغىچە جۇڭگو  ئىناۋەت كارتىسى تارقىتىلىش مىقدارىنىڭ  يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىشى 14% ئەتراپىدا بولىدۇ ، پايدا ئەھۋالىمۇ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ ، ، 2020 –- يىلىغا كەلگەندە ، جۇڭگو ئىناۋەت كارتىسىنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى  مىقدارى 800 مېليونغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن .

 ئىناۋەتلىك كارتىنى  بانكا ياكى ئىناۋەت كارتا شىركىتى ئىستىمالچىلارنىڭ  ئىناۋەت دەرىجىسى ۋە مالىيە ئىقتىدارىغا ئاساسەن كارتا ئىشلەتكۈچىلەرگە تارقىتىدۇ ، كارتا ئىشلەتكۈچى ئىناۋەت كارتىسىنى ئىشلەتكەندە نەق پۇل تۆلىشىنىڭ زۆرۈريىتى يوق .  

 ئىناۋەتلىك كارتا  قەرز كارتىسى ۋە قەرزىگە تەييارلاپ قويۇلغان قەرز  كارتىسى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ ،قەرز كارتىسى  بولسا بانكا تارقاتقان ، ھەمدە  كارتا ئىشلەتكۈچىلەرگە بەلگىلىك ئىناۋەت سومما دەرىجىسى بېرىدىغان ،كارتا ئىشلەتكۈچى ئىناۋەت سوممىسى ئىچىدە ئاۋال ئىستىمال قىلىپ كېيىن پۇل تۆلەيدىغان كارتا ؛ قەرزگە تەييارلاپ قويۇلغان كارتا بولسا  بانكا ا تارقاتقان ، كارتا ئىشلەتكۈچى تەلەپكە ئاساسەن بەلگىلىك سوممىدىكى  زاپاس پۇلنى تاپشۇرىدىغان تەلىپىگە ئاساسەن ، زاپاس پۇل  يېتىشمىگەن ئەھۋالدا  بەلگىلى ئىناۋەت سومما دەرىجىسى ئىچىدە قالدۇق سوممىدىن ئاشۇرۇپ چەك كېسىپ بېرىدىغان  قەرزگە تەييارلانغان كارتا ، شۇڭا ئىناۋەتلىك كارتا دېگىنىمىز ،ئادەتتە قەرز كارتىسىنى كۆرسىتىدۇ .

⑴ كارتا تارقاتقان ئورۇننىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ بانكا كارتىسى ۋە غەيرى بانكا كارتىسى دەپ بۆلىنىدۇ .

⑵   تارقىتىش ئوبىكتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن شىركەت كارتىسى ۋە شەخسى كارتا دەپ بۆلىنىدۇ .

⑶ كارتا ئىشلەتكۈچىنىڭ نام –ئابروي ،ئورۇن دەرىجىسنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئادەتتىكى كارتا ۋە ئالتۇن كارتا دەپ بۆلىنىدۇ .

⑷ تۆلەش شەكلىنىڭ ئوشىماسلىقىغا قاراپ قەرز كارتىسى ۋە تەييارلاپ قويۇلغان قەرز كارتىسى دەپ بۆلىنىدۇ .

⑸  ئىناۋەت كارتىسىنىڭ ئوبورت دائىرىسى يەنى ئېقىش دائىرسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ  خەلقئارالىق كارتا ۋە يەرلىك كارتا دەپ بۆلىنىدۇ .

      ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى

  ① ئىناۋەت كارتىسى نۆۋەتتە تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان بىر تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە كەسىولىرىنىڭ بىرى ،ئۇ بىر خىل بەلگىلىك دائىرە ئىچىدە ئەنئەنىۋى نەق پۇل ئېقىشىنىڭ ئورنىنى ئالغان ئېلىكتىرونلۇق پۇل . 

②ئىناۋەت كارتىسىنىڭ تۆلەش ۋە كىردىت تىن ئىبارەت ئىككى خىل فۇنكسىيىسى بار ،كارتا ئىشلەتكۈچى  بۇنى ئىشلىتىپ مال سېتىۋالالايدۇ ياكى  مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولالايدۇ. 

③  ئىناۋەت كارتىسى بولسا پۇل –مۇئامىلە كەسپى بىلەن كومپىيوتىر تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرگەن يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق مەھسۇلات .

 ④ ئىناۋەت كارتىسى نەق پۇلنىڭ ئىشلىتىلىشىنى ئازايتىدۇ .

  ⑤ ئىناۋەت كارتىسى راسچوت بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ ، مال سېتىۋېلىش ،ئىستىمالغا قولايلىق ،بىختەرلىك تۇيغۇسى يۇقىرى .

⑥ ئىناۋەت كارتىسى پۇل ئېلىش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرىدۇ ،ئىجتىمائىي ئەمگەك كۈچىنى تېجەيدۇ .

⑦  ئىناۋەت كاتىسى مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ،ئېھتىياجىنى غىىدىقلايدۇ .

  ئىلتىماس قىلىش ؛ ئىناۋەت كارتىسىنى بېجرىش ئوبىكتى ئىدارە ۋە شەخسى دەپ ئككى تۈرگە بۆلىنىدۇ ،تۆۋەندىكىلەرگە بۆلىنىدۇ:  ئىلتىماس قىلىدىغان ئىدارىلىرى چوقۇم  ، ئېلىمىزنىڭ ئىچىدىكى مۇستەققىل قانۇنى ئىگىگە ئىگە  ئورگانلار ،كارىانا ئورۇنلار ،يەككە تىجارەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ،  ھەر بىر ئىدارىلەر ئىناۋەت كارتىسىنى ئىلتىماس قىلغاندا ئېھتىياجىغا ئاساسەن بىر ياكى بىر نەچچە كارتىنى بېجىرسە بولىدۇ . شەخسىلەر ئىناۋەت كارتىسىنى بېجىرگەندە چوقۇم مۇقىم خىزمىتى ۋە مۇقىم كىرىم مەنبەسى بولۇشى كېرەك ،ھەمدە بانكىنى كېپىل بىلەن تەمىنلىشى كېرەك .كېپىلنىڭ شەكلى شەخسى كېپىل  ،ئىدارە ئورگان كېپىلى ۋە شەخسى مۈلۈك كېپىلى قاتارلىقلار ،ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلىنى ئادەتتە ئىناۋەت كارتسىنى ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىنى تولدۇرۇش ئارقىلىق بولىدۇ ، ئىلتىماس جەدىۋىلىنىڭ  مەزمۇنللىرى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىسىم -فامىلىسى ،ئاساسى ئەھۋالى ،ئىقتىسادى ئەھۋالى  قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ ، ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلتىماس جەدىۋىلىنى ھەقىقى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېين ، ئىلتىماس قەغىزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى بىرلىكتە تاپشۇرۇشى كېرەك ،ئىلتىماس جەدۋىلىدە ئىناۋەت كارتىسىنى ئىشلىتىش توختامى  يېزىلغان بولىدۇ ، ئاخىرىدا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىمزاسى قويۇلىدۇ .

 تەكشۈرۈش ؛كارتا تارقاتقۇچى  بانكا ئىلتىما قىلغۇچىنىڭ ئىلتىماس جەدۋىلى ۋە  ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالىنى تاپشۇرۋالغاندىن  كېيىن ،  ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ  ئىناۋەت ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ . تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئىلتىما جەدىۋىلىنىڭ مەزمۇنىنىڭ  ھەقىقىيلىقىنى تەكشۈرۈش  ، ئىلتىماس قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ مال -مۈلۈك ئىشەنچ دەرىجىسىگە نىسبەتەن باھالاش ئېلىپ بېرىش ،شەخسلەرگە نىسبەتەب كېپىل بولغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

كارتا بېرىش ؛ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا ئىلتىماس قىلىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك  بولغاندىن كېيىن ،كارتا تارقاتقۇچى بانكا كارتا ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن   مۇستەققىل بولغان ھېساپ ئېچىپ بېرىدۇ .

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/8153.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#