قۇشلار

قۇشلار بەدەن سىرتقى يۈزى يېپىنچا پەي بار بولغان، تۇخۇم تۇغۇپ چۈجە چىقىرىش ئارقىلىق كۆپيىدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ بىر خىلى. ھازىر دۇنيادىكى قۇشلارنىڭ تۈرلىرى تەخمىنەن 9000 دىن ئارتۇق. مەملىكىتىمىزدىكى قۇشلارنىڭ تۈرى 1100 خىلدىن كۆپ بولۇپ، دۇنيادىكى قۇش تۈرلىرىنىڭ 13 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى قۇشلار
خەنزۇچە ئىسمى
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى قۇشلار سىنىپى
ئېنگىلىزچە ئىسمى Birds
تارقالغان رايونلار پۈتۈن يەر شارى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
كەنجى تىپى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قۇشلارقۇشلارنىڭ تارىخى ئىنسانلار تارىخىدىن ئۇزۇن، يەر شارىدىكى قۇشلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە ئادىتى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، سايرىغۇچى قۇش، قارمىغۇچى قۇش، قۇرۇقلۇق قۇشى، سۇ قۇشلىرى، سازلىق قۇشلىرى ۋە يىرتقۇچ قۇشلاردىن ئىبارەت ئالتە ئېكولوگىيە توپىغا ئايرىشقا بولىدۇ.

قۇشلارنىڭ ئۇۋىسىنۇرغۇن كىشىلەر، قۇشلارنىڭ ئۇۋىسىنى قۇشلارنىڭ ماكانى، شۇنداقلا قۇشلار ئۇخلايدىغان جاي دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇ گەپنىڭ ئازراقمۇ ئىلمىي ئاساسى يوق. 

زوئولوگلار قۇشلارنىڭ ياشاش ئادىتىنى كۆزەتكەندە شۇنى بايقىغانكى، نۇرغۇن قۇشلار ئۇۋىسىدا قونمايدىكەن. ھەتتا بوران چىققان، يامغۇر ياغقان چاغلادىمۇ ئۇۋىسىغا كېلىپ ئۆزىنى دالدىغا ئالمايدىكەن. مەسىلەن، ياۋا ئۆردەك بىلەن ئاق قۇ كېچىسى بوينىنى ئېگىپ بېشىنى قانىتىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ، سۇدا لەيلەپ يۈرۈپ ئۇخلايدۇ. تۇرنا، لەيلەك، قاقىر قاتارلىق ئۇزۇن پاچاقلىق قۇشلار بولسا، يەردە ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ.

قۇشلار ئۇۋىسىدا ئۇخلىمىسا، نېمە ئۈچۈن بىر مۇنچە جاپا تارتىپ ئۇۋا ياسايدۇ؟ ئۇۋا كۆپ ساندىكى قۇشلارنىڭ كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرىدىغان «تۇغۇتخانىسى» دۇر. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، چىشى قۇش ئۇۋسىدا تۇخۇم تۇغىدۇ ۋە تۇخۇم باسىدۇ، بۇنداقتا ئۇۋا يەنە بالا باقىدىغان جاي بولىدۇ. قۇش بالىلىرىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇۋىنى بىر ئالىدۇ-دە، ئاتا-ئانىسىغا ئۇۋىسىدا پۇت قويغۇدەكمۇ يەر قالمايدۇ. كېيىن قۇش بالىلىرى چوڭ بولۇپ مۇستەقىل ياشاشقا باشلىغاندا، قۇش ئۇۋىسىمۇ مۇھىم بۇرچىنى ئادا قىلىپ بولىدۇ، ئاخىر قۇشلار ئۇنى تاشلىۋېتىدۇ. 

يىغىپ ئېيتقاندا، يەر شارىدىكى 9000 خىلدىن ئارتۇق قۇشنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇۋىسى كېچىسى ئۇخلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەۋلادلىرىنى تۇغۇپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن ئۇۋىسىنى ئۆي قىلىۋالىدىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى قۇشلارمۇ بار.

قۇشلارنىڭ تۇخۇمىسىز قۇشلارنىڭ تۇخۇمىنى كۆزىتىپ باققانمۇ؟ قۇشلارنىڭ تۇخۇمىدا ھەر خىل رەڭ ۋە ئالىچىپار سىزىقچىلار بولىدۇ، مەسىلەن، ئاق قاش قۇشقاچنىڭ تۇخۇمى كۆك، چوڭ ئاق قاقىرنىڭ تۇخۇمى يېشىل بولىدۇ، قىسقا قاناتلىق جاغجاقنىڭ تۇخۇمى قىزىل گۆھەرگە ئوخشىشىدۇ، بۇلبۇلنىڭ تۇخۇمىدا مەرمەر تاشنىڭكىدەك ئالىچىپار سىزىقچىلار بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۇ رەڭ ۋە ئالىچىپار سىزىقلار قۇشلار تۇخۇمىغا نىسبەتەن قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن، ئاق قاقىر تاشلىق دەريا ساھىلىغا تۇخۇملايدۇ، ئۇنىڭ تۇخۇمىنىڭ رەڭگى ۋە تۇخۇمدىكى ئالچىپار سىزىقچىلار غاز تۇخۇمىغا ناھايىتى ئوخشاش بولۇپ، ئىنچىكلەپ قارىمىسا، پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. قاراڭغۇ جايلارغا تۇخۇملايدىغان تۆمۈر تۇمشۇق بىلەن مۈشۈكياپىلاقنىڭ تۇخۇمى ئاق بولىدۇ. ئاق تۇخۇم كۈندۈزى كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان بولغاچقا، دۈشمەنلەر ئۇنى ئوڭايلىقچە بايقىيالمايدۇ. لېكىن ئۇنى كېچىسى ئاسانلا تېپىۋالغىلى بولىدۇ. دېمەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇشلارنىڭ دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش جەھەتتىكى ماھارىتىدىن ئىبارەت. ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قىزىل تۇپراقلىق رايونلاردا ياشايدىغان قۇشلارنىڭ تۇخۇمى قىزىلغا مايىل كېلىدۇ؛ شىمالدىكى كۈل رەڭ تۇپراقلىق رايونلاردا ياشايدىغان قۇشلارنىڭ تۇخۇمى كۆپىنچە ھاللاردا كۈل رەڭ كېلىدۇ؛ قۇم ساھىللىرىدىكى قۇش تۇخۇملىرىنىڭ رەڭگى سۇس قوڭۇررەڭ كېلىدۇ؛ ئوت-چۆپتىن ياسالغان قۇش ئۇۋىلىرىدىكى تۇخۇملارنىڭ رەڭگى كۆپىنچە سېرىق كېلىدۇ.

ئۇنداقتا، قۇش تۇخۇملىرىدىكى ھەر خىل رەڭلەر ۋە ئالىچىپار سىزىقچىلار قانداق شەكىللەنگەن؟ ئەسلىدە، قۇشلار تۇخۇملاشتىن تەخمىنەن بەش سائەت ئىلگىرى، تۇخۇم شاكىلى تۇخۇم نەيچىسى ئىچىدە شەكىللىنىپ بولىدۇ. تۇخۇم ئاستا چۈشۈش جەريانىدا تۇخۇم نەيچىسىدىكى پىگمېنت ھۈجەيرىلىرى توختىماستىن ھەر خىل رەڭدىكى پىگمېنتلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، تۇخۇمنى ئوخشاش بولمىغان نىسبەتتە قاتلاممۇ قاتلام ھەر خىل رەڭلەر بىلەن «بوياپ» چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۇخۇم شاكىلىنىڭ ئۈستىدە يەنە كۆرگىلى بولىدىغان بىر قەۋەت قوغداش پەردىسى بولۇپ، مۇشۇ پەردە بولغاچقا، قۇش تۇخۇملىرىنىڭ رەڭگى ۋە ئۇنىڭدىكى ئالىچىپار سىزىقچىلار ئۆچۈپ كەتمەيدۇ.

قۇشلارقۇشلارنىڭ پەيلىرى رەڭگارەڭ بولۇپ، كىشىنى جەلب قىلىدۇ ھەم قۇشلار دۇنياسىنى رەڭدارلىققا تولدۇرىدۇ.ئۇنداقتا، قۇشلارنىڭ پەيلىرى نېمە ئۈچۈ رەڭگارەڭ بولىدۇ؟ بۇنى قۇش پەيلىرىنىڭ رەڭگى بەلگىلەنگەن.

قۇملۇقتا ياشايدىغان قۇشلارنىڭ رەڭگى ئادەتتە بىرلا خىل ۋە سۇس بولىدۇ. جەنۇبتا ۋە ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقلىرىدا ياشايدىغان قۇشلار ئۇزۇن ۋە ھەر خىل كۆركەم، رەڭدار پەيلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى ئاسانلا يوشۇرالايدۇ. 

قۇش پەيلىرىنىڭ گۈزەل رەڭلىرى قانداق پەيدا بولغان؟ بۇ پەيلەردىكى خىمىيىلىك پېگېنت ۋە نۇرنىڭ سۇنۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. توزنى مىسالغا ئالساق، توز مۇھىت ۋە پەسىلنىڭ ئۆزگىرىش تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ئۇ ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمۇنلار پىگمېنت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆزئارا رول ئويناپ يېڭى رەڭلەرنى پەيدا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، قارا پىگېنىت قارا پەيلەرنى، مايلىق پارقىراق پىگمېنت سۇس قىزىل ۋە سېرىق پەيلەرنى، مايلىق پىگمېنت قىزىل، سېرىق، يېشىل رەڭلىك پەيلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. ھەر خىل پىگمېنتلار ئۆزئارا بىرىكىپ توقلۇقى ۋە سۇسلۇقى ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل رەڭلىك پەيلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەيلەرنىڭ رەڭگى نۇرنىڭ ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن سۇنۇشى ۋە قايىتىشى نەتىجىسىدە تېخىمۇ كۆركەم كۆرۈنىدۇ.

ھايۋانات دۇنياسىدا قۇشلار بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، نۇرغۇن قۇشلارنىڭ پېيىنىڭ رەڭگى ئۇلارنىڭ دۈشمەندىن مۇداپىئەلىنىشىدە ئۆزىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. 

قۇشلارنىڭ ئۇچىشى ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلى قانات قېقىپ ئۇچۇش، يەنە بىر خىلى لەيلەپ ئۇچۇش، بۇ ئىككى خىل ئۇچۇش پۈتۈنلەي ھاۋ دىنامىسكىسىنى ئاساس قىلىدۇ. قۇشلارنىڭ ئۇچۇش جەريانىدىكى كۆتۈرۈلۈش كۈچى قانات كۆلىمىگە توغرا تاناسىپ، شۇنىڭدەك ئۇچۇش تېزلىكىمۇ توغرا تاناسىپ بولىدۇ. شۇڭا قانىتى نىسپىي ھالدا قانچە كىچىك بولغان قۇشلارنىڭ قانات قېقىشى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. 

قۇشلارقۇشلار كۆپىيىش مەزگىلىدە ئانا قۇش ئۆز ئۇۋىسىغا تۇخۇم تۇغقانلىقىتىن كېيىن كۆپىنچە تۇخۇمنى بېسىپ ياتىدۇ. ئاندىن تۇخۇمدىن چۈجە چىقىرىدۇ. تۇخۇم بېسىش مەزگىلى قۇشلارنىڭ تۈرلىرىنى ئوخشاش بولماسلىقغا قاراپ ھەرخىل بولىدۇ.

تۇخۇم بېسىش ۋەزىپىسىنى ئادەتتە، چىشى قۇش ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئەركەك قۇش ئوزۇقلۇق تېپىپ كېلىپ تۇخۇم بېسىۋاتقان ئانا قۇشنى باقىدۇ. مۇشۇ تۈردىكى قۇشلار ئارىسىدا ئەركەك ھەرە قۇش ئەڭ ھۇرۇن قۇش بولۇپ، تۇخۇم بېسىش ۋە چۈجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى پۈتۈنلەي ئانا قۇش ئۈستىگە ئالىدۇ. بەزى قۇشلار مەسىلەن: كاككۇك، كالاقۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار پەقەت تۇخۇملا تۇغىدۇ. ئەمما تۇخۇمنى بېسىپ ياتمايدۇ. ئۇلار باشقا قۇشلارنىڭ ئۇۋىسىغا تۇخۇم تۇغۇپ، كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش بۇرچىنى ئادا قىلىشتىن باش تارتىدۇ. (ۋاڭ جياجۈن)

قۇشلارنىڭ كۈلىشىھايۋانلار ئىچىدە قۇشلار ناخشا ئېيتالايدۇ. قۇشلار توپلانغانلىكى جانلاردا ئۇلارنىڭ يېقىملىق ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. جىگدىچى بىلەن شاتۇتى تېخى ئىنسانلارنى دوراپ گەپ قىلالايدۇ. بىراق، سىز كۈلەيدىغان قۇشنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانمۇ؟ 

ئاۋسترالىيىدە كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان بىر خىل قۇش بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازى ئادەمنىڭ كۈلگەن ئاۋازىغا ناھايىتى ئاۋازىغا ناھايىتى ئوخشىشىدۇ. شۇڭا، ئۇ «كۈلگۈنچەك قۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ سايرىغاندا ئاۋازى دەسلەپتە بوش، كېيىن بارغانچە جاراڭلىق ئاڭلىنىدۇ، شۇ تەرىقىدە يېرىم مىنۇتتىن كۆپرەك سايرىيالايدۇ. بىر قۇش سايرىسا باشقا قۇشلارمۇ ئۇنىڭغا جور بولۇپ سايرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ھەممىسى بەس-بەستە توختىماي سايرىشىپ ئەتراپتىن چاڭ چىقىرىۋېتىدۇ، بۇ كىشىگە ئىنتايىن قىزىقارلىق بىلىنىدۇ.

كۈلگۈنچەك قۇش چايكىغا قارىغاندا چوڭراق، لېكىن چايكىدىن چىرايلىق. ئۇنىڭ ئېغىزى قىزىل، پەنجىلىرى سېرىق كېلىدۇ. پۈتۈن بەدىنى ئاق، كۆك، كۈمۈش رەڭلىك پەيلەر بىلەن قاپلانغان. 

جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى برازىلىيىنىڭ ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقىدا ياشايدىغان قوڭغۇراق قۇشقاچ دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قۇش بار. ھەر يىلى يازدا تومۇز ئىسسىق بولۇپ ئورمانلىقتا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈگەندە، ئاۋاز يېقىملىق، پەيلىرى گۈزەل بۇ قۇش خۇشال ھالدا كۈلۈشكە باشلايدۇ. ئۇنىڭ كۈلكىسى جاراڭلىق ھەم ياڭراق بولۇپ، خۇددى قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازىدەك ئۇزاققىچە ئۈزۈلمەيدۇ. كىشىلەر ھەتتا 2000-3000 مېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپمۇ بۇ خىل قۇشنىڭ يېقىملىق كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدۇ. 

قۇشلارنى ئاسراش1981-يىل 9-ئايدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى ھەر يىلى 4-ئايدىن 5-ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولغان بىر ھەپتىنى «قۇشلارنى ئاسراش ھەپىتىسى» قىلىپ بېكىتتى.

قۇشلارنى ئاسراش بىر خىل گۈزەل ئەخلاق. نېپالنىڭا پايتەختى كاتماندۇدا قاغىلار كوچىلاردا ئەركىن يۈرەلەيدىكەن، ماشىنىلارمۇ ئۇلارغا يول بېرىدىكەن. قۇشلار دۆلىتى سىرىلانكىنىڭ پايتەختى كولومبودا بولسا كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەرەخلەر قۇش ئۇۋىلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ، قۇشلار ئەركىن ھالدا ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرىدىن ئۇچۇپ كىرىپ-چىقالايدىكەن.

قۇشلار تەبىئەت دۇنياسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ دوستى. مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ھەمدە قۇشلارنى قالايمىقان تۇتۇش ۋە قالايمىقان ئوۋلاش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، قۇش بايلىقى زىيانغا ئۇچراپ، قۇش تۈرلىرى بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ.

شۇڭا، قۇشلارنى ئاسراش ھەر بىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتىگە ئايلىنىشى كېرەك.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

2 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    100%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#