ئۈچقات يېزىسى

ئۈچقات يېزىسى

ئۈچقات يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 7234.6 كۋادرات كىلومېتىر.

ئۇيغۇرچە نامى ئۈچقات يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 573.32 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 玉奇喀特乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون توقسۇ ناھىيەسى
نوپۇسى 18821

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۈچقات يېزىسىئۈچقات يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان، توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدۇ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 24 كىلومېتىر. شەرقتە ئۆگەن يېزىسى، غەربتە ئاقسۇ شەھىرى، جەنۇبتا شايار ناھىيەسى، شىمالدا يۇلتۇز باغ بازىرى بىلەن چىگىرلىنىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 573.32 كۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي نوپۇسى 18821، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 18398 ئادەم. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي ئۈچقات يېزىسى، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ شىمالىي قىسمىدىكى 1.8 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولغان ئۈچقات قەدىمىي شەھىرى بار، « ئۈچقات » ئۇيغۇر تىلىدا ئۈچ قات شەھەر دېگەن مەنىدە. 

ئۈچقات يېزىسىئۈچقات يېزىسىغا قاراشلىق 14 مەمۇرىي كەنت بار: ئۈچقات كەنتى، كۈزلەكمەھەللە كەنتى، توغراقلىق ئېرىق كەنتى، بەلكەستى كەنتى، ئاچادۆڭ كەنتى، لەمپە كەنتى، ئازنا بازار كەنتى، پولات يەر كەنتى، خەلىپەئېرىق كەنتى، تۈگمەنئېرىق كەنتى، غوجا تۇرۇس كەنتى، ئويئېرىق كەنتى، يۇلغۇنشەھەر كەنتى، سەيپۇڭ تېرەك كەنتى. ئۈچ دېھقانچىلىق مەيدانى، 54 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار. جەنۇبىي قىسمىدا 20 مىڭ گېكتار توغراق،يۇلغۇن تەبىئىي ئىككىلەمچى ئورمان بار. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن ئۈچقات قەدىمىي شەھىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىدىن يۇلغۇنشەھەر قەدىمىي شەھىرى ۋە يۇلغۇنشەھەر قەدىمىي قەبرىستانلىقى بار.

ئۈچقات يېزىسىپارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئۈچقات يېزىسى ئېچىۋېتىش ۋە تۈرلۈك ئىشلاردا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، ئۆز جايىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى كۈنساناپ يېڭىلىنىپ، يېزا-كەنت قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىرگەن، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش جەھەتتە، بازارنى يېتەكچى قىلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىش، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشەش، باقمىچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە تېرىقچىلىق ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكنى ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى كۈرەش نىشانى قىلغان.

ئۈچقات يېزىسىئۈچقات يېزىسىدا يورۇقلۇق مول، سۇ مەنبەسى يېتەرلىك، ئاساسلىقى پاختا، بۇغداي، قوناق، مېۋە-چېۋە، ئۈجمە قاتارلىقلار جىق چىقىدۇ. 2002-يىلى كېۋەز تېرىش كۆلىمى 2516.8 گېكتار بۇلۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 4 مىڭ 700 توننا، بىرلىك مەھسۇلاتى 1.74 توننىغا يېتىپ، توقسۇ ناھىيەسىدىكى ئاساسلىق كېۋەز ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جاي بۇلۇپ قالغان. ياخشى تەبىئىي شارائىتتا ئىشلەپچىقىرىلغان مۇناقى ئۈزۈم، ئاق ئۆرۈك، نەشپۈت، قوغۇن قاتارلىق مېۋە-چېۋىلەرنىڭ سورتى ياخشى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىشلەپچىقىرىلغان ئاق ئۆرۈك قاشتېشىدەك ئاپئاق، سۈزۈك، تەمى ھەسەلدەك شېرىن بۇلۇپ، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ. 

ئۈچقات يېزىسىيېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈچقات يېزىلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ئۆزىنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى بىلەن، خىزمەت نەتىجىسى گەۋدىلىك بۇلۇپ، كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ناھىيە بويىچە تەقدىرلەنگەن، 2002-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ تەقدىرلەنگەن؛ 2003- يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەرىپىدىن « ئالتە ياخشى » يېزا ( بازار ) لىق پارتكوم ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى بولۇپ تەقدىرلەنگەن؛ بۇنىڭدىن باشقا، كۆپ قېتىم ۋىلايەت، ناھىيىلىك پارتكوم تەرىپىدىن ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#