چۈمۈلىخور ھەرە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چۈمۈلىخور ھەرە-تۇزاق قۇرۇشقا ماھىر ھاشارەت. رەڭگى قارامتۇل كۈلرەڭ ياكى قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە، قانىتى سۈزۈك، قانات تومۇرى تورسىمان قاپلاقلىق ھالەتتە تۇرىدۇ. بېشى كىچىكرەك، قورساق قىسمى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن. يېتىلگەن ھاشارات تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 23 ~ 32 مىللىمىتىر، قانات قېقىۋاتقان ھاشارەتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 52 ~ 67 مىللىمىتىر. چۈمۈلىخور ھەرىنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ياكى چوڭ تىپتىكى ھاشارات بولۇپ، شەكلى خۇددى يىڭناغۇچقا ئوخشايدۇ. سەزگۈ مۈڭگۈزچىسى قىسقىراق، توقماق شەكىللىك، ئۇچى يوغان ھەمدە ئازراق ئەگرى.
يېتىلگەن ھاشارات ۋە لىچىنكىسى بىردەك گۆشخور بۇلۇپ باشقا ھاشارەتلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. يەر ۋە قۇملۇق توپا ئارىسىدا ۋارونكا شەكىللىك تۇزاق قۇرۇپ ياشايدۇ، پاشا، چىۋىن قاتارلىق كىچىك تىپتىكى ھاشاراتلەرنى تۇتۇپ يەيدۇ. بۇنداق كىچىك ھايۋانلارنىڭ باش قىسمىدا بىر جۈپ كۈچلۈك تاڭلاي نەيچىسى بۇلىدۇ. ئۇ قۇملۇقتا بىر تەرەپتىن ئايلىنىش ئارقىلىق، قۇم ئۈستىگە بىر ۋارونكا شەكىللىك تۇزاق قۇرىدۇ، ئۆزى بولسا ۋارونكىنىڭ ئەڭ ئاستى تەرىپىدىكى قۇم ئاستىغا كىرىۋېلىپ ئولجىنىڭ كىلىشىنى كۈتىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.