قەشقەردىكى كۆللەر ۋە بۇلاقلار

كۆل

قەشقەردە نۇرھاجى كۆلى، ئىشلەمچى كۆلى، تۇز كۆل، كۆك كۆل، ۋاخجىرۇي كۆلى، قىرىق بۇلاق، بۇلاقبېشى بۇلىقى، تېگىرەك بۇلاق، بەشبۇلاق، قۇمبۇلاق، ئىسسىق بۇلاق، بۇلاقبېشى قاتارلىقلار بار.

ئۇيغۇرچە نامى قەشقەردىكى كۆللەر ۋە بۇلاقلار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قەشقەردە نۇرھاجى كۆلى، ئىشلەمچى كۆلى، تۇز كۆل، كۆك كۆل، ۋاخجىرۇي كۆلى، قىرىق بۇلاق، بۇلاقبېشى بۇلىقى، تېگىرەك بۇلاق، بەشبۇلاق، قۇمبۇلاق، ئىسسىق بۇلاق، بۇلاقبېشى قاتارلىقلار بار.

نۇرھاجى كۆلى

  بۇ كۆل پەيزىۋات ناھىيەسى ئۆردەكلىك يېزىسىنىڭ شىمالىدىن 6 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 12 مىڭ مو كېلىدۇ. ھاۋاسى ئىللىق، ياز پەسلىدە ئىسسىق، قىش پەسلىدە سوغۇق، ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى 12 سېلتسىيە گرادۇس،غەربىي شىمال بورىنى چىقىدۇ. يۇلغۇن، يانتاق، سۆكسۆك قاتارلىق چاتقال ئۆسۈملۈكلەر ئۆسكەن. كۆلگە تۇتىشىدىغان چوڭ ھارۋا يولى بار. بۇ كۆلنى ئىلگىرى نۇر ھاجى باشقۇرغانلىقى ئۈچۈن شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

ئىشلەمچى كۆلى

  بۇ كۆل يەكەن ناھىيەسى توئۆستەڭ يېزىسىنىڭ غەربىدىن 6 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2000 مېتىر، كەڭلىكى 120 مېتىر كېلىدۇ. ياز پەسلىدە سۇ ئورنى ئۆرلەيدۇ، قىش پەسلىدە تۆۋەنلەيدۇ. سۇنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 4 مېتىر بولۇپ، سۈيى تاتلىق. بۇ كۆل ئىشلەمچى كەنتىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

تۇز كۆل

  بۇ كۆل قاغىلىق ناھىيەسى جاڭگىلئەسكى يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىن 13 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 25 كىلومېتىر، كەڭلىكى 50 مېتىردىن ئاشىدۇ. كەلكۈن مەزگىلىدىكى سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 مېتىردىن ئارتۇق. كۆلدە بېلىق، ياۋا ئۆردەك قاتارلىقلار بار. كۆل سۈيى تۇزلۇق بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان. 

كۆك كۆل

 كۆك كۆل مەكىت ناھىيەسى قۇمقىسار يېزىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 6 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ،كۆلىمى 20 مىڭ مو ئەتراپىدا كېلىدۇ. يەر يۈزىدە ئوت-چۆپلەر ئۆسكەن بولۇپ، يېقىلغۇ ئورانلىرى ئەھيا قىلىنىپ پايدىلىنىلماقتا. ياز پەسلىدە بۇ يەر يېشىللىققا پۈركەنگەچكە شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

ۋاخجىرۇي كۆلى

  بۇ كۆل تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 143 كلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، غەربتە ۋاخجىرۇي داۋىنىدىن باشلىنىپ، شەرقتە ۋاخجىرۇي جىلغىسىغىچە بارىدۇ. جەنۇبتا 5103-نومۇرلۇق ئېگىزلىكتىن باشلىنىپ، شىمالدا 5535- نومۇرلۇق ئېگىزلىكتە توختايدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 4897 مېتىر ئېگىز بولۇپ، تاغدىن ئېقىپ چۈشكەن قار سۈيىدىن شەكىللەنگەن. ئومۇمىي كۆلىمى 32 مىڭ 400 كىۋادرات مېتىر. ئەڭ چوڭقۇر يېرى 10 مېتىر، ئوتتۇرىچە سۇ چوڭقۇرلۇقى 8 مېتىر بولۇپ، سۈيى تاتلىق. ۋاخجىرۇي كۆلى تاجىكچە سۆز بولۇپ، ۋاخانغا بارىدىغان يول بويىدىكى كۆل مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

قىرىق بۇلاق

  بۇ بۇلاق كونا شەھەر ناھىيەسى ئوپال يېزىسىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىن 12.5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۇپراتنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى دۆڭلۈككە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 100 مو، سۇ مىقدارى 380 كۇب مېتىر كېلىدىغان يىللىق خاراكتېردىكى تاتلىق بۇلاق، سۇغىرىش كۆلىمى 25 مىڭ موغا يېتىدۇ.

بۇلاقبېشى

  بۇلاقبېشى قاغىلىق ناھىيەسى جاڭگىلىئەسكى يېزىسى يېزىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن 20 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، بۇلاق سۈيى 3000 مو ئوتلاقنى كۆكەرتىدۇ. بۇ يەردە چارۋا بېقىشقا بولىدۇ.

بۇلاقبېشى بۇلىقى

  بۇ بۇلاق قەشقەر شەھىرىدىكى تۈمەن يولىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان، كۆلىمى تەخمىنەن 2500 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مارجان بۇلاق، فونتان بۇلاق، تاش بۇلاق، ئەجدىھا بۇلاق، قاينام بۇلاق قاتارلىق توققۇز بۇلاقتىن تەركىب تاپقان. ھەربىر بۇلاق كۆزىنىڭ دىيامېتىرى تەخمىنەن 28 سانتېمىتىر بولۇپ، شەكلى ئالمىغا ئوخشايدۇ. بۇلاق ئەتراپىغا رىشاتكا ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇلاق سۇپىسى، چايخانا بار. بۇ بۇلاق 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.

تېگىرەك بۇلاق

  بۇ بۇلاق تاشقورغان ناھىيەسى تاغارما يېزىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىن 8 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، تاغارما يېزىسى تەۋەسىدىكى سۈيى ئەڭ كۆپ بۇلاق بولۇپ، يەتتە بۇلاقتىن تەركىب تاپقان. ئۇنىڭ سۈيى ئىككى تاش تۈگمەننى چۆرگۈلەتكەندىن سىرت، يەنە كۆكيار كەنتى ۋە سەرەلە كەنتىنىڭ بىر قىسىم تېرىلغۇ يەرلىرىنى سۇغىرىدۇ. تېگىرەك بۇلاق-يېرىم چەمبەر شەكىللىك بۇلاق مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.

بەشبۇلاق

  بۇ بۇلاق تاشقورغان ناھىيەسى تاغارما يېزىسىنىڭ غەربىدىن 7 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. بۇ يەردە بەش تاتلىق بۇلاق بولۇپ، تۆت ئەتراپىنى دۆڭلۈكلەر ئوراپ تۇرغان ئويمان جايلارغا جايلاشقان.

قۇمبۇلاق

  بۇ بۇلاق تاشقورغان ناھىيەسى تاغارما يېزىسىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىكى سېرىقتاش جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالە ۋە 2000 تۇياقتىن ئارتۇق چارۋىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇلاق ئەتراپىدا قۇملۇق بولغاچقا شۇ نام بىلەن ئاتالغان.

ئىسسىق بۇلاق

بۇ بۇلاق تاشقورغان ناھىيەسى تاغارما يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇلاق سۈيى تەركىبىدە گۈڭگۈرت، سۇلفات، سىماب، كۈمۈش قاتارلىقلار بار. 1963-يىلى ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىسى بۇ جايدا ئارىشاڭ مۇنچىسى قۇرغان بولۇپ، ھازىر ئۈچ كورپۇس ئۆيى بار. مۇنچىدا بىر كىچىك كۆلچەك، تۆت كىچىك يۇيۇنۇش كۆلچىكى ۋە بىمارلارنىڭ ياتاق، تاماقخانىسى بار. ئارىشاڭ سۈيىنىڭ تېمپىراتۇرىسى 68 سېلتسىيە گرادۇس بولۇپ، بوغۇم ياللۇغى، تېرە كېسەللىكلىرى، جىنسىي كېسەللىكلەر، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ. ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 400-500 كىشى بۇ يەرگە كېلىپ داۋالىنىدۇ. بۇ يەردە بىر نەپەر باشقۇرغۇچى خادىم بار.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئادىل مۇھەممەت تۈزگەن «قەشقەرنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#