تاشنى يۇنۇپ ياسالغان قورال-سايمان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇلۇق — ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئەقىل-پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز ناھايىتى ئۇزاق زامان ئىلگىرىلا تاشلارنى يۇنۇپ، ئۆزلىرىگە كېرەكلىك قورال-سايمانلارنى ياساپ ئىشلەتكەن. تۇلۇقمۇ شۇ قوراللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەجدادلىرىمىز ئەقىل-پاراسىتىنىڭ بىر بۈيۈك سەمەرىسى ھېسابىدا، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكىنىڭ مۇكەممەل بىر سايمىنى بولۇپ كەلگەن. تۇلۇق ياساشتا ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرى تۇلۇق بولىدۇ دېگەن تاشنى تاللاپ، ياسىلىدىغان تۇلۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى مۆلچەر قىلىپ، تاشقا قارا چېكىپ، چەككەن قارىنى بويلاپ تاشنىڭ ھەر 10-15 سانتىمېتىر يېرىدىن سۈمبا بىلەن تۆشۈك تەشكەن، تېشىلگەن بارلىق تۆشۈكلەرگە سۈمبا سېلىپ، سۈمبا ئەتراپىغا زىچ پانا قىستۇرۇپ، سۈمبىنى بازغان بىلەن تەكشى ئۇرۇش ئارقىلىق تاشلارنى يولى بويىچە پارچىلاپ، ئۈسكۈنە ئارقىلىق پارچىلانغان تاشنى يۇنۇپ تۇلۇق ياسىغان. تۇلۇقنىڭ ئىچكى بېشى ئىنچىكىرەك، سىرتقى بېشى تومراق ھالەتتە ياسىلىپ، ئىككى بېشىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن چىشى تۇرۇم (يەنى كۆزنەك) ئورنىتىدىغان تۆشۈك ئېچىلىدۇ. بۇ تۆشۈككە چىشى تۇرۇم يەنى كۆزنەك ئورنىتىلغاندىن كېيىن،تۇلۇق ياغاچتىن ياسالغان جازىغا ئېلىنىدۇ. تۇلۇق جازىسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى بالداققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەركەك تۇرۇم تۇلۇقنىڭ چىشى تۇرۇمىغا كىرگۈزۈلۈپ، تۇلۇق جازىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە مۇستەھكەم پانا-شىنالار قېقىلىپ، جازا تۇلۇقنى قويۇۋەتمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلىدۇ. تۇلۇق ئالتە قىرلىق، سەككىز قىرلىق، 10-12 قىرلىق دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشلىنىش ئورنى ئوخشىمايدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#