سوزۇلما ئۈچەي ياللۇغى
سوزۇلما ئۈچەي ياللۇغى-كۆپىنچە ئۆتكۈر ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغىدىن كېيىن تولۇق داۋالانماسلىق ياكى ئۇزاق داۋاملاشقان ئىچ سۈرۈشلەرنىڭ، ئۈچەي دىۋارىنى زەخىملەندۈرۈشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدىغان، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقان قورساق غولدۇرلاش، ئاغرىتماي تەرەت كۆپ قېتىم كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىك.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سوزۇلما ئۈچەي ياللۇغىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، كۆپىنچە ئۆتكۈر ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغىدىن كېيىن تولۇق داۋالانماسلىق ياكى ئۇزاق داۋاملاشقان ئىچ سۈرۈشلەرنىڭ ئۈچەي دىۋارىنى زەخىملەندۈرۈشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقان قورساق غولدۇرلاش، ئاغرىتماي تەرەت كۆپ قېتىم كېلىش، بەزىدە يەڭگىل قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: ئۈزۈم ئۇرۇقى 90 گىرام، ھەببۇلئاس 180 گىرام، خەرنۇپ، ئانارگۈلى، گەزمازەج، جويۇز 30 گىرامدىن، كۇندۇر، جۇۋىنە، سۆئدى كۇپى، سۇمبۇل، مەستىكى 15 گىرامدىن، شېكەر 730 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلاردىن ئۈزۈم ئۇرۇقىنى بىر كېچە-كۈندۈز سىركىگە چىلاپ سۈزۈۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ، چالا قورۇپ يۇمشاق سالايە قىلىپ، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، شېكەرنى ئەرىقى گۇلابتا قىيام قىلىپ، دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.