- كاللەكبەسەي (خام دورا )
- كاللەكبەسەي ()
كاللەكبەسەي
كاللەكبەسەي كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، ئاق چېچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى چوڭ، سىلىق، سېپى ئىنتايىن قىسقا، نۇرغۇنلىغان يوپۇرماقلىرى قاتمۇقات دەستىلىنىپ كاللەك ھاسىل قىلىدۇ. ئۇرۇقى ۋە يەر ئۈستى قىسمى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كاللەكبەسەي كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، ئاق چېچەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى چوڭ، سىلىق، سېپى ئىنتايىن قىسقا، نۇرغۇنلىغان يوپۇرماقلىرى قاتمۇقات دەستىلىنىپ كاللەك ھاسىل قىلىدۇ. ئۇرۇقى ۋە يەر ئۈستى قىسمى دورىلىق قىممىتىگە ئىگە.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ۋە يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، پارچىلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
خىلىتلارنى پىشۇرۇش، يۇمشىتىش، قۇرۇتۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆل كاللەكبەسەينى توخۇ گۆشى بىلەن پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ. كاللەكبەسەي ئۇرۇقىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سېسىق گازلارنىڭ مېڭىگە ئۆرلىشىنى توسۇپ، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ؛ كۆز قاراڭغۇلىشىشنى يوقىتىپ، مەستلىكنى يېشىدۇ. كاللەكبەسەينى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈش، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەل، سېرىقئەت ۋە ئىچكى ئەزالاردىكى ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى كاللەكبەسەينى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.