خولېرا
بۇ كېسەللىك، خولېرا باكتېرىيەسىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، شىددەتلىك گۈرۈچ سۈيىدەك قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈش، ئېغىر دەرىجىدە سۇ يوقىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈدىغان كېسەللىك.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1-رېتسېپ
تەركىبى: قەلەمپۇر 30 گىرام، ئىپار ئۈچ گىرام، گۈلدارچىن ئالتە گىرام، راسەن 5. 4 گىرام، مەستىكى رۇمى، ئەپيۈن بەش گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بېھى شەربىتى بىلەن يۇغۇرۇپ گۈلىدەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: قىزىلگۈلدىن 20 گىرام، ئانار گۈلى، موزا، ئامۇت يوپۇرمىقى، سىماق، بەللۇت، گۈرۈچ كىراخمىلى 10 گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، گۇلاب بىلەن يۇغۇرۇپ، تۈگمىدەك چوڭلۇقتا توقىچاق تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز تالدىن بىر تال ئانار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: قۇرۇتۇلغان بۇغا مۈڭگۈزى، سېمىز ئوت غولى، قومۇش يىلتىزى تەڭ مىقداردا، ئاچچىق ئانار 500 گىرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى كۆيدۈرۈپ، ئاچچىق ئانارنى سىقىپ سۈيىنى ئېلىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرامدىن دورىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئانار سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.