چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

«ئۆي ياپساڭ زىكې دەرىخىدە ياپ، ئوتتىن قورقماي خاتىرجەم يات» . بۇ سۆز ئافرىقىدىكى ئانگۇلانىڭ غەربىي قىسمىدا تارالغان بىر تەمسىل.

زىكې دەرىخى كۆپ يىللىق دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ، ئېگىز ھەم يوغان، ھەيۋەتلىك، شاخ، يوپۇرماقلىرى باراقسان، يوپۇرماقلىرى ئىنچىكە ئۇزۇن، تۆۋەنگە ساڭگىلاپ پۈتۈن دەرەخنى يورۇقلۇق ئۆتۈشمەيدىغان دەرىجىدە ئوراپ تۇرىدۇ. قويۇق يوپۇرماقلار ئارىسىدا پومزەك چوڭلۇقىدا نۇرغۇن «تەبىئىي ئاپتوماتىك ئوت ئۆچۈرگۈچ» − پۇتاق پورەكلىرى بولىدۇ. ئۇلار مېۋە بولماستىن، بەلكى «قوغدىنىش» قوراللىرى بولۇپ، سىرتقى پوستىدا سان-ساناقسىز تورسىمان تۆشۈكچىلىرى، ئىچىگە قاچىلانغان سۈزۈك سۇيۇقلۇقى بولىدۇ. 

پۇتاق پورەكلىرى قۇياش نۇرىدىن قورقىدۇ، قۇياش نۇرى ياكى ئوت يورۇقى چۈشۈپ قالسىلا، ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق ئۇششاق تۆشۈكچىلەر ئارقىلىق ئېتىلىپ چىقىدۇ. ئالىملار پۇتاق پورىكىنىڭ ئىلھامى بىلەن مىكرو تىپلىق ئاپتوماتىك ئوت ئۆچۈرگۈچنى مۇۋەپپەقىيەتلىك لايىھىلەپ چىقتى.

بەزىلەر زىكې دەرىخىنىڭ ئوت كېتىش سىگنالىغا بولغان سەزگۈرلۈك دەرىجىسى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى سىناپ كۆرمەكچى بولۇپ، دەرەخ تۈۋىدە چاقماق بىلەن تاماكا تۇتاشتۇرماقچى بولغان، ئوت ئۇچقۇنى چاقنىشى بىلەنلا ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇقلار ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كەلگەن، تاماكىنى تۇتاشتۇرالمىغاننىڭ ئۈستىگە يۈز-كۆزىنى ئاق شىرنە سۇيۇقلۇقى قاپلاپ يا يىغلىشىنى، يا كۈلۈشىنى بىلەلمەي قالغان. يەنە بەزىلەر دەرەخ ئاستىدا گۈرۈلدەپ كۆيىدىغان گۈلخان ياقماقچى بولۇپ ئۇرۇنغان بولسىمۇ، باشتىن-ئاخىر مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. بۇنىڭ سەۋەبى زىكې دەرىخىنىڭ يېڭى تۇتاشقان ھالىتىدىلا يوقىتىدىغان» ئالاھىدە ئىقتىدار «غا ئىگە ئىكەنلىكى ئۈچۈندۇر. ئۇنىڭ پۈركۈپ چىقارغان شىرنە سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ھەقىقەتەنمۇ ئوت ئۆچۈرگۈچى ماددا − كاربون تېتراخىلورىد بولىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#