جېسىن سىتاتھېم
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جېسىن سىتاتھېم 1967-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەنگلىيە دە تۇغۇلغان. ئۇ بىر ناخشىچى بىلەن تىككۈچىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى؛ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى كېيىن قاراڭغۇ بازار تىجارىتسىگە ئايلانغان. جېسىن ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا چوڭ بولغان، لوندوندىكى ئوكىسفورد كوچىسىغا جايلاشقان «كوچا تىياتىرخانىسى»دا سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان.
جېسىن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدا مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسىغا قاتناشقان. 1990 يىلى جېسىن «لوندون كىرىستال ئوردا دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەركىزى»دە چېنىقىۋاتقان چاغدا، ۋاستىچىلەرنىڭ نەزىرىگە ئىلىنغان ھەمدە كېيىن ئەنگلىيە دىكى مودا ماركىلارنىڭ مودىلى بولغان، ئېلانلارغا قاتناشقان.
1998- يىلى، ئەنگلىيەلىك رېژىسسور گاي رىچ جېسىننى «ئىككى چىلىم» فىلىمىدىكى باش رولچىلارنىڭ بىرى قىلىپ تاللىغان. 2000- يىلى، جېيسىن يەنە گاي رىچ بىلەن ھەمكارلىشىپ «بۇلاڭ-تالاڭ» ناملىق كىنونى ئىشلىگەن. بۇ كىنو 80 مىلىيون دوللارلىق بىلەت كىرىمى ياراتقان. شۇنىڭدىن باشلاپ جېسىن سىتاتھېم ھوللىۋودنىڭ نۇرغۇن فىلىملىرىگە قاتنىشىپ مۇھىم روللارنى ئوينىغان.
2002- يىلى، رېژىسسور ھەم سىنارىست لۇك بېيسىن مەخسۇس جېسىنغا ئاتالغان «خەتەرلىك تېز يوللانما» ناملىق يۈرۈشلۈك فىلىمنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 2003- يىلى، جېسىن «نەيرەڭۋازلىق» ناملىق فىلىمدە ھەندسوم روبنىڭ رولىنى ئوينىغان.
جېسىن شۇ يوسوندا «رېۋولۋېر»، «قەھىر–غەزەپ»، «جانغا زامىن ماشىنا» قاتارلىق كىنولاردا باش رولچى بولغان. 2008- يىلى، ئۇ سايلۋېستىر سىتاللون قاتارلىق داڭلىق كىنو چولپانلىرى قاتناشقان «پىدائىيلار-1»دە رول ئالغان. 2012- يىلى «جاننى ئالقانغا ئېلىپ قوغلاش»، «مىخانىك»، «پىدائىيلار-2» قاتارلىق كىنولاردا باش رول ئوينىغان. 2013-يىلى، «پارك»، «سۈرئەت ۋە قايناق ھىسسىيات-7» قاتارلىق كىنولارغا قاتناشقان. 2014-يىلى، «ئائىلە مۇداپىئەسى»، «پىدائىيلار-3» قاتارلىق فىلىملەردە باش رول ئالغان.
2013-يىلى 8-ئايدا، ئەنگلىيە لىك مودىل كېللى بروك ئۆزىنىڭ جېسىن بىلەن 7 يىل مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئاشكارلىغان.
جېيسىن سىتاتھېم ئەنگلىيەنىڭ دۆلەتلىك سۇغا سەكرەش ئەترىتىدە 12 يىل تۇرغان، 1992-يىلى، ئۇ ئەنگلىيىگە ۋاكالىتەن «دۇنيا سۇغا سەكرەش چىمپىيۇنلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسى»گە قاتنىشىپ، 12-بولغان.
جېسىن سىتاتھېم 1988-يىلى، كورىيە دە ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە سۇغا سەكرەش تۈرى بويىچە مىس مىدالغا ئېرىشكەن؛
1992-يىلى، 12-نۆۋەتلىك دۇنيا سۇغا سەكرەش چىمپىيۇنلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە 12-بولغان؛
2013- يىلى، «ھوللىۋودتىكى گۈزەل بەدەنلىك ئەر چولپانلار» قاتارىدا 1-ئورۇنغان تىزىلغان.
جېسىن سىتاتھېم 21-ئەسىردىكى ئەڭ نوچى جانبازلىق فىلىم چولپىنى، ئۇنىڭ ئوبرازى ئىكرانلاردىلا شۇنداق قاۋۇل ھەم قاملاشقان بولماستىن، ئۇ ئادەتتىكى تۇرمۇشتىمۇ «ساغلام ھەم گۈزەل بەدەن»نىڭ ۋەكىلى!
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.