ئادۋوكاتلار قانۇنى

1996-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2001-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 25-يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورۇن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国律师法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

(1996-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-يىغىنىدا ماقۇللانغان. 2001-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 25-يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى) 

1-باب ئومۇمىي قائىدە

1-ماددا بۇ قانۇن ئادۋوكاتلىق تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن بويىچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئادۋوكاتلارنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، قانۇننىڭ توغرا يولغا قويۇلۇشىنى قوغداش، ئادۋوكاتلارنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى داۋامىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 

2-ماددا بۇ قانۇندا دېيىلگەن ئادۋوكات-قانۇن بويىچە ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى ئالغان، جەمئىيەت ئۈچۈن قانۇن مۇلازىمىتى قىلىدىغان كەسپىي خادىملارنى كۆرسىتىدۇ. 

3-ماددا ئادۋوكاتلار كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى، ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ ئەخلاقى ۋە كەسىپ ئىنتىزامىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى شەرت.

ئادۋوكاتلار كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغاندا، دۆلەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ۋە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم. 

ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن بويىچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

4-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن ئادۋوكاتلارغا، ئادۋوكاتلىق ئورنىغا ۋە ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. 

2-باب ئادۇكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش شەرتلىرى

5-ماددا ئادۋوكاتلار كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتا، ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بولۇشى ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى ئالغان بولۇشى كېرەك.

6-ماددا ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىنى ئېلىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قانۇن كەسپى بويىچە تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار ياكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باشقا كەسىپلىرىدە تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بويىچە قانۇن كەسپى بىلىمىگە ئىگە بولغانلار دۆلەتنىڭ ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن لاياقەتلىك بولۇپ ئۆتسە، ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخى شەرتىگە تەتبىقلاش ھەقىقەتەن قىيىن بولىدىغان جايلاردا، ئوقۇش تارىخى شەرتنى گوۋۇيۈەن ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى بىلەن مۇئەييەن مۆھلەت ئىچىدە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قانۇن كەسپى بويىچە مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا توغرىلاپ بېرىشكە بولىدۇ.

7-ماددا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قانۇن كەسپىدە تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، قانۇن تەتقىقاتى، ئوقۇتۇش قاتارلىق كەسپىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەمدە ئالىي ئۇنۋان ئالغان ياكى شۇنىڭغا تەڭ دەرىجىدىكى كەسپىي سەۋىيىگە ئىگە بولغانلاردىن ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىمىدىكى شەرتلەرگە ئاساسەن سىناپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتى بېرىدۇ. 

8-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ھىمايە قىلىدىغان ھەمدە تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ: 

(1) ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بولۇش؛

(2) ئادۋوكاتلىق ئورنىدا پراكتىكا قىلغىنىغا بىر يىل تولغان بولۇش؛ 

(3) ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك بولۇش.

9-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرگە ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى بېرىشكە بولمايدۇ: 

(1) ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلەر؛ 

(2) جىنايى ئىشلار جازاسىغا تارتىلغانلار، لېكىن سەۋەنلىك بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا؛ 

(3) خىزمەتتىن ھەيدىۋېتىلگەن ياكى ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى بىكار قىلىنغانلار. 

10-ماددا ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشى لازىم: 

(1) ئىلتىماسنامە؛

(2) ئادۋوكاتلىق سالاھىيەت ئىسپاتى؛ 

(3) ئىلتىماس سۇنغۇچى تۇرۇشلۇق ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ پراكتىكا باھالاش ماتېرىيالى؛ 

(4) ئىلتىماس سۇنغۇچىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى. 

11-ماددا ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى تەكشۈرگەندىن كېيىن، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى بېرىشى كېرەك. بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرىگە ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى بەرمەسلىك ھەمدە ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئىلتىماس سۇنغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك. 

12-ماددا ئادۋوكات بىرلا ئادۋوكاتلىق ئورنىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك. بىرلا ۋاقىتتا ئىككىدىن ئارتۇق ئادۋوكاتلىق ئورنىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ. 

ئادۋوكاتلار كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغاندا رايون چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

13-ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملار كەسپىي ئادۋوكاتلىقنى قوشۇمچە ئىشلەشكە بولمايدۇ.

ئادۋوكاتلار ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ تەركىبىدە شۇلارنىڭ بىر خادىمى بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ.

14-ماددا ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى ئالمىغان خادىملارنىڭ ئادۋوكات نامىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، دەۋا ۋاكالەتچىسى بولۇشىغا ياكى ئاقلىغۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

3-باب ئادۋوكاتلىق ئورنى

15-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپاراتى. 

ئادۋوكاتلىق ئورنى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك: 

(1) ئۆزىنىڭ نامى، تۇرالغۇ جايى ۋە نىزامنامىسى بولۇش؛ 

(2) 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق خەلق پۇلىغا يارايدىغان مۈلكى بولۇش؛ 

(3) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادۋوكاتلىرى بولۇش. 

16-ماددا دۆلەت مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان ئادۋوكاتلىق ئورنى ئادۋوكاتلىق كەسپىنى قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا قانات يايدۇرىدۇ، شۇ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قەرزدارلىق جاۋابكارلىقىنى شۇ ئورۇننىڭ بارلىق مۈلكى بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ.

17-ماددا ئادۋوكاتلار ھەمكارلىق ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇپ، شۇ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قەرزدارلىق جاۋابكارلىقىنى شۇ ئورۇننىڭ بارلىق مۈلكى بىلەن ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ. 

18-ماددا ئادۋوكاتلار شېرىكلەشكەن ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرسا بولىدۇ، شېرىكلەشكۈچىلەر شۇ ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قەرزدارلىقى ئۈچۈن چەكسىز جاۋابكارلىقنى ۋە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

19-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى تەكشۈرۈپ، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە لايىق كەلگەنلىرىگە ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى بېرىشى كېرەك؛ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرگە لايىق كەلمىگەنلىرىگە ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى بەرمەسلىكى ھەمدە ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. 

20-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى شۆبە ئورۇن تەسىس قىلسا بولىدۇ. شۆبە ئورۇن تەسىس قىلىشتا، شۆبە ئورۇن تەسىس قىلىنىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىدىكى شەرتلەر بويىچە تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. 

ئادۋوكاتلىق ئورى ئۆزى تەسىس قىلغان شۆبە ئورۇننىڭ قەرزدارلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

21-ئادۇكاتلىق ئورۇنلىرىنىڭ نامى، تۇرالغۇ چايى، نىزامنامىسى، شېرىكلىرىنىڭ ئۆزگەرتىش، ياكى ئۇنىڭ تارقىتىۋېتىلىشىگە ئوخشاش چوڭ ئىشلار دەسلەپ تەكشۈرگەن تارماققا مەلۇم قىلىنىشى كېرەك. 

22-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنى نىزامنامە بويىچە ئادۋوكاتلارنى كەسپىي خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا، قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىشكە، خىزمەت تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەشكە ۋە ئالماشتۇرۇشقا ئۇيۇشتۇرىدۇ. 

23-ماددا ئادۋوكاتلار كەسپىي ئىشلارنى ئۈستىگە ئالغاندا، ئادۋوكاتلىق ئورنى ھاۋالىنى بىر تۇتاش قوبۇل قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچى بىلەن يازما ھاۋالە توختامى تۈزىدۇ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە دەۋالاشقۇچىدىن بىر تۇتاش ھەق ئالىدۇ ھەمدە ئۇنى ھېسابقا ئەينەن كىرگۈزىدۇ.

ئادۋوكاتلىق ئورنى ۋە ئادۋوكاتلار قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇشى لازىم. 

24-ماددا ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ باشقا ئادۋوكاتلارغا قارا چاپلاش ياكى تونۇشتۇرۇش ھەققى بېرىشكە ئوخشاش نامۇۋاپىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئىش تالىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

 4-باب ئادۋوكاتلارنىڭ كەسپى ۋە ھوقۇقى ، مەجبۇرىيىتى 

25-ماددا ئادۋوكاتلار تۆۋەندىكى كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ: 

(1) پۇقرانىڭ، قانۇنىي ئىگىنىڭ ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، قانۇن مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئېلىش؛ 

(2) ھەق تەلەپ دېلوس، مەمۇرىي دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ ۋاكالەتچى بولۇپ، دەۋا ئىشلىرىغا قاتنىشىش؛ 

(3) جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇش، ۋاكالىتەن ئەرز قىلىش، شىكايەت قىلىش، بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش، جىنايەت گۇماندارىنىڭ، جاۋابكارنىڭ ھاۋالىسى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئاقلىغۇچى بولۇش، بىۋاستە دەۋا دېلوسىدىكى بىۋاستە دەۋاگەرنىڭ، ئەيىبلەنگەن دېلودىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ياكى ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ ۋاكالەتچى بولۇپ، دەۋا ئىشلىرىغا قاتنىشىش؛ 

(4) ھەر خىل دەۋا دېلولىرىدا ۋاكالىتەن ئەرز قىلىش؛ 

(5) دەۋالاشقۇچىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، كېلىشتۈرۈش، كېسىم ئىشىغا قاتنىشىش؛ 

(6) دەۋاغا كىرمەيدىغان قانۇن ئىشلىرىدىكى دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، قانۇن جەھەتتىن مۇلازىمەت قىلىش؛ 

(7) قانۇنغا ئالاقىدار مەسلىھەتلەرگە جاۋاب بېرىش، دەۋا ھۆججەتلىرىنى ۋە قانۇن ئىشلىرىغا ئالاقىدار باشقا ھۆججەتلەرنى ۋاكالىتەن يېزىپ بېرىش. 

26-ماددا ئادۋوكاتلار قانۇن مەسلىھەتچلىكىنى ئۈستىگە ئالغاندا، تەكلىپ قىلغۇچىغا ئالاقىدار قانۇن مەسىلىلىرى ئۈستىدە پىكىر ھازىرلاپ بېرىشى، قانۇن ھۆججەتلىرنى تەييارلاپ، تەكشۈرۈپ بېرىشى، دەۋا، كېلىشتۈرۈش ۋە كېسىم ئىشلىرىغا ۋاكالىتەن قاتنىشىشى، تەكلىپ قىلغۇچى ھاۋالە قىلغان باشا قانۇن ئىشلىرىنى بېجىرىپ بېرىشى، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى لازىم. 

27-ماددا ئادۋوكاتلار دەۋادىكى قانۇن ئىشلىرى ۋاكالەتچىلىكىنى ياكى دەۋاغا كىرمەيدىغان قانۇن ئىشلىرى ۋاكالەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغاندا، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھاۋالە قىلىنغان ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە قوغدىشى لازىم.

28-ماددا ئادۋوكاتلار جىنايى ئىشلار ئاقلىغۇچىلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندا، پاكىت ۋە قانۇنغا ئاساسەن، جىنايەت گۇماندارىنىڭ، جاۋابكارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى، گۇناھنىڭ يېنىكلىكىنى، ئىسپاتلايدىغان ياكى ئۇلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى يەڭگىللىتىدىغان، كەچۈرۈم قىلىدىغان ماتېرىيال ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جىنايەت گۇماندارىنىڭ، جاۋابكارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى لازىم. 

29-ماددا ھاۋالە قىلغۇچى ئۆزىگە ئادۋوكاتنىڭ داۋاملىق ئاقلىغۇچى ياكى ۋاكالەتچى بولۇشىنى رەت قىلسا بولىدۇ، باشقا ئادۋوكاتلارغا ئاقلىغۇچى ياكى ۋاكالەتچى بولۇشنى ھاۋالە قىلسىمۇ بولىدۇ. 

ئادۋوكات ھاۋالىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئاقلىغۇچى ياكى ۋاكالەتچى بولۇشنى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلسا بولمايدۇ، لېكىن ھاۋالە قىلىنغان ئىش قانۇنغا خىلاپ بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى ئادۋوكاتنىڭ مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ياكى ھاۋالە قىلغۇچى پاكىتنى يوشۇرغان بولسا، ئادۋوكات ئاقلىغۇچى ياكى ۋاكالەتچى بولۇشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

30-ماددا ئادۋوكاتلار دەۋا ئىشلىرىغا قاتنىشىشتا دەۋا قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، شۇ دېلوغا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى يىغىشقا، كۆرۈپ چىقىشقا، جىسمانىي ئەركىنلىكىگە چەك قويۇلغان كىشى بىلەن كۆرۈشۈشكە ۋە خەت-ئالاقە قىلىشقا، سوتقا، دەۋاغا ئىشتىراك قىلىشقا بولىدۇ، شۇنىڭدەك دەۋا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشقا بولىدۇ.

ئادۋوكاتلار دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچى بولۇشنى ئۈستىگە ئالغاندا، ئۇنىڭ مۇنازىرە قىلىش ۋە ئاقلاش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ.

31-ماددا ئادۋوكاتلار قانۇن ئىشلىرىنى بېجىرىشتە، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ياكى شەخسلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. 

32-ماددا ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدىكى جىسمانىي ھوقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىمايدۇ. 

33-ماددا ئادۋوكاتلار كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا بىلىۋالغان دۆلەت مەخپىيىتى ۋە دەۋالاشقۇچىلارنىڭ شەخسىي سىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.

34-ماددا ئادۋوكاتلار ئوخشاش بىر دېلودا ئىككىلا تەرەپكە ۋاكالەتچى بولۇشقا بولمايدۇ. 

35-ماددا ئادۋوكاتلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ: 

(1) ھاۋالىنى ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچىدىن ئۆز ئالدىغا ھەق ئېلىش، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مال-مۈلكىنى قوبۇل قىلىش؛ 

(2) قانۇن مۇلازىمىتى قىلىشتەك قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، دەۋالاشقۇچىلار تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ھوقۇق-مەنپەئەتكە ئېرىشىۋېلىش ياكى قارشى تەرەپتىكى دەۋالاشقۇچىنىڭ مال-مۈلكىنى قوبۇل قىلىش؛ 

(3) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سودىيە، تەپتىش، كېسىمچى بىلەن كۆرۈشۈش؛ 

(4) سودىيە، تەپتىش، كېسىمچى ۋە باشقا ئالاقىدار خادىملارنى مېھمان قىلىش، ئۇلارغا سوۋغات تەقدىم قىلىش ياكى پارە بېرىش ياكى دەۋالاشقۇچىلارنى پارا بېرىشكە قۇترىتىش، ئۈندەش؛ 

(5) يالغان ئىسپات كۆرسىتىپ، پاكىتنى يوشۇرۇش ياكى باشقىلارغا يالغان ئىسپات كۆرسىتىپ، پاكىتنى يوشۇر دەپ، شۇنىڭدەك قارشى تەرەپتىكى دەۋالاشقۇچىنىڭ قانۇنىي يول بىلەن ئىسپات ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىل دەپ تەھدىت سېلىش ۋە ئۇلارنى ئالداش؛

(6) سوتنىڭ، كېسىم سوتىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، دەۋا، كېسىم ئىشىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاشىلا قىلىش. 

36-ماددا سودىيە، تەپتىش بولغان ئادۋوكاتلارنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچى بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

5-باب ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى

37-ماددا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى-ئىجتىمائىي تەشكىلات تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە، ئادۋوكاتلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى چەكلەپ تۇرىدىغان تەشكىلاتى.

مەملىكەت بويىچە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى قۇرۇلىدۇ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردە يەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى قۇرۇلىدۇ، تەۋەسىدە رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلەردە ئېھتىياجىغا قاراپ يەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى قۇرۇلسا بولىدۇ. 

38-ماددا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى مەملىكەتلىك ئەزالار قۇرۇلتىيىدا بىر تۇتاش تۈزۈلۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ. 

39-ماددا ئادۋوكاتلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى يەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇشى شەرت. يەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان ئادۋوكات شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئادوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ.

ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە، نىزامنامىدە بېرىلگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، نىزامنامىدە بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ. 

40-ماددا ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ:

(1) ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇن بويىچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئادۋوكاتلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش؛ 

(2) ئادۋوكاتلىق خىزمەت تەجرىبىلىىرنى يەكۈنلەش ۋە ئالماشتۇرۇش؛ 

(3) ئادۋوكاتلارنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش؛ 

(4) ئادۋوكاتلىق كەسپىي ئەخلاق تەربىيىسى ۋە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەھەتتە ئىنتىزام تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، ئۇلارنى تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش؛

(5) ئادۋوكاتلارنى تاشقى ئالاقىنى قانات يايدۇرۇشقا ئۇيۇشتۇرۇش؛ 

(6) ئادۋوكاتلار كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش داۋامىدا كېلىپ چىققان ماجىرالارنى كېلىشتۈرۈش؛ 

(7) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر. 

ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئادۋوكاتلارنى نىزامنامىگە ئاساسەن مۇكاپاتلايدۇ ياكى جازالايدۇ. 

6-باب قانۇن جەھەتتىن ياردەم بېرىش 

41-ماددا پۇقرالار بېقىلىش، ئىش ئۈستىدە زەخمىلىنىش، جىنايى ئىشلار دەۋاسى، دۆلەتتىن تۆلەم تەلەپ قىلىش ۋە قانۇن بويىچە نەپىقە پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئادۋوكاتلارنىڭ يارىمىگە مۇھتاج بولغان، لېكىن ئادۋوكاتقا ھەق بېرىشكە قۇربىتى يەتمىگەنلەرگە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قانۇن جەھەتتىن ياردەم بېرىلىدۇ. 

42-ماددا ئادۋوكاتلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قانۇن جەھەتتىن ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ۋەزىپسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى، ياردەمگە ئېرىشكۈچىگە قانۇن جەھەتتىن مۇلازىمەت قىلىشى شەرت. 

43-ماددا قانۇن جەھەتتىن ياردەم بېرىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ. 

7-باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

44-ماددا ئادۋوكاتلاردىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك، شۇنىڭدەك تەۋەسىدە رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۈچ ئايدىن يۇقىرى، بىر يىلدىن تۆۋەن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىن توختىتىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:

(1) بىرلا ۋاقىتتا ئىككىدىن ئارتۇق ئادۋوكاتلىق ئورنىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلار؛ 

(2) بىر دېلودىكى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپكە ۋاكالەتچى بولغانلار؛ 

(3) باشقا ئادۋوكاتلارغا قارا چاپلاش ياكى تۇنۇشتۇرۇش ھەققى بېرىش قاتارلىق نامۇۋاپىق ۋاستىلەر بىلەن ئىش تالاشقانلار؛ 

(4) ھاۋالىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئاقلىغۇچى ياكى ۋاكالەتچى بولۇشنى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلغانلار؛ 

(5) سوتتا دەۋا ياكى كېسىم ئىشلىرىغا ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن ۋاقتىدا ئىشتىراك قىلمىغانلار؛

(6) دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سودا مەخپىيىتى ياكى شەخسىي سىرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلار؛ 

(7) ھاۋالىنى ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىپ، ھاۋالە قىلغۇچىدىن ئۆز ئالدىغا ھەق ئالغان، ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ مال-مۈلكىنى قوبۇل قىلغان، قانۇن مۇلازىمىتى قىلىشقا ئوخشاش قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، دەۋالاشقۇچىلار تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ھوقۇق-مەنپەئەتكە ئېرىشىۋالغان ياكى قارشى تەرەپتىكى دەۋالاشقۇچىنىڭ مال-مۈلكىنى قوبۇل قىلغانلار؛ 

(8) بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سودىيە، تەپتىش ۋە كېسىمچى بىلەن كۆرۈشكەنلەر ياكى سودىيە، تەپتىش، كېسىمچى ۋە باشقا ئالاقىدار خادىملارنى مېھمان قىلىپ، سوۋغات بەرگەنلەر؛

(9) قارشى تەرەپتىكى دەۋالاشقۇچىنىڭ قانۇنىي يول بىلەن ئىسپات ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار؛ 

(10) جازا بېرىشكە تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار. 

45-ماددا ئادۋوكاتلار تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا، ئۆلىكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بۇيىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:

(1) دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان بولسا؛

(2) سودىيە، تەپتىش، كېسىمچى، شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار خادىملارغا پارا بەرگەن ياكى دەۋالاشقۇچىلارنى پارا بېرىشكە قۇتراتقان ۋە ئۈندىگەن بولسا؛

(3) يالغان ئىسپات بېرىپ، مۇھىم پاكىتلارنى يوشۇرغان ياكى باشقىلارغا يالغان ئىسپات بېرىپ، مۇھىم پاكىتنى يوشۇر دەپ تەھدىت سالغان، ئۇلارنى ئالدىغان بولسا.

قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ جىنايى جازاغا تارتىلغان ئادۋوكاتلارنىڭ ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى قايتۇرۇۋېلىنىدۇ. 

46-ماددا يالغاندىن ئادۋوكات بولۇۋېلىپ قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇنسىز كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ئۇلارغا 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسى، 15 كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بەرسە بولىدۇ.

ئادۋوكاتلىق كسپى بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى ئالماي تۇرۇپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، دەۋا ۋاكالەتچىسى ياكى ئاقلىغۇچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغانلارنى شۇلار تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى قانۇنسىز كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

47-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلاردا بولغان ئادۋوكاتلىق ئورنىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ئۇلار قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. 

48-ماددا جازالانغۇچى ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى چىقارغان مەمۇرىي جازا قارارىغا قايىل بولمىسا، قارارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە بىر دەرىجە يۇقىرى ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرىغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.

جەرىمانە تۆلەش جازاسى بېرىلگەنلەر مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە جازا قارارىنىمۇ ئىجرا قىلمىسا، جازا قارارىنى چىقارغان ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

مۇشۇ قانۇننىڭ 11-ماددىسىغا ئاساسەن ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 19-ماددىسىغا ئاساسەن ئادۋوكاتلىق ئورنى تەسىس قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئادۋوكاتلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى ياكى ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش گۇۋاھنامىسى بېرىلمىگەنلىكىگە قايىل بولمىسا، 1-تارماقتا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى دەۋا قىلسا بولىدۇ. 

49-ماددا ئادۋوكات قانۇنغا خىلاپ ھالدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ياكى سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش تۈپەيلىدىن دەۋالاشقۇچىلارغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى شۇ ئادۋوكات تۇرۇشلۇق ئادۋوكاتلىق ئورنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئادۋوكاتلىق ئورنى تۆلەمنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، قەستەن ياكى زور سەۋەنلىك قىلمىشى سادىر قىلغان ئادۋوكاتتىن تۆلەمنى سۈرۈشتە قىلسا بولىدۇ. 

ئادۋوكاتنىڭ ۋە ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ياكى سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش تۈپەيلىدىن دەۋالاشقۇچىلارغا كەلتۈرگەن زىيىنى ئۈچۈن ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشقا ياكى ياكى ئۇنىڭغا چەك قويۇشقا بولمايدۇ.

8-باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

50-ماددا ئارمىيە ئۈچۈن قانۇن مۇلازىمىتى قىلىدىغان ھەربىي ئادۋوكاتلارنىڭ ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشىغا ۋە ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ھەرىكەت مىزانىغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. ھەربىي ئادۋوكاتلارنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئايرىم تۈزۈپ چىقىدۇ.

51-ماددا چەت ئەل ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنى ئىچىدە ئاپپارات تەسىس قىلىپ، بەلگىلەنگەن قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن تۈزۈپ چىقىدۇ. 

52-ماددا ئادۋوكاتلارنىڭ ھەق ئېلىشىغا دائىر كونكرېت چارىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

53-ماددا بۇ قانۇن 1997-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. 1980-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15-يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار ۋاقىتلىق نىزامى» شۇنىڭ بىلەن تەڭ بىكار قىلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#