بەش دەۋر-ئون پادىشاھلىق

بەش دەۋر، ئون پادىشاھلىق

بەش دەۋر، ئون پادىشاھلىق جۇڭگو تارىخىدىكى يەنە بىر چوڭ بۆلۈنمىچىلىك مەزگىلى بولۇپ، جەمئىي54 يىل (مىلادىيە907-يىلىدىن 960-يىلىغىچە) داۋام قىلدى. بەش دەۋر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە بىرىنىڭ ئىزىنى بىرى بېسىپ قۇرۇلغان بەش پادىشاھلىقنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار لياڭ، تاڭ، جىن، خەن، جۇ پادىشاھلىقلىرىدىن ئىبارەت. بۇ سۇلالىلەرنىڭ ناملىرىنى ئىلگىرىكى تارىختا ئۆتكەن شۇ نامدىكى سۇلالىلەردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقايسىسىنىڭ ئالدىغا «كېيىنكى» دېگەن سۆز قوشۇلغان. «ئون پادىشاھلىق» ئوتتۇرا تۈزلەڭلىڭ ئەتراپىدا ئىلگىرى-كېيىن قۇرۇلغان ئون بۆلۈنمە ھاكىمىيەتنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى بەش دەۋر-ئون پادىشاھلىق
خەنزۇچە نامى 五代十国
ئاساسلىق دىنى داۋجياۋ دىنى، بۇددا دىنى
سىياسىي تۈزۈلمىسى پادىشاھىلىق مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى
ئەلباشى جۇ ۋېن
ئاساسلىق مىللىتى خەنزۇ
پايتەختى ئاسىيا
باشقا نامى Five Dynasties and Ten Kingdoms

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەش دەۋرئون پادىشاھلىقبەش دەۋر، ئون پادىشاھلىق جۇڭگو تارىخىدىكى يەنە بىر چوڭ بۆلۈنمىچىلىك مەزگىلى بولۇپ، جەمئىي 54 يىل (مىلادىيە907-يىلىدىن 960-يىلىغىچە) داۋام قىلدى. بەش دەۋر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە بىرىنىڭ ئىزىنى بىرى بېسىپ قۇرۇلغان بەش پادىشاھلىقنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار لياڭ، تاڭ، جىن، خەن، جۇ پادىشاھلىقلىرىدىن ئىبارەت. بۇ سۇلالىلەرنىڭ ناملىرىنى ئىلگىرىكى تارىختا ئۆتكەن شۇ نامدىكى سۇلالىلەردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقايسىسىنىڭ ئالدىغا «كېيىنكى» دېگەن سۆز قوشۇلغان. «ئون پادىشاھلىق» ئوتتۇرا تۈزلەڭلىڭ ئەتراپىدا ئىلگىرى-كېيىن قۇرۇلغان ئون بۆلۈنمە ھاكىمىيەتنى كۆرسىتىدۇ.

كېيىنكى لياڭ سۇلالىسىنى جۇ ۋېن قۇرغان. جۇۋېن ئەسلىدە خۇاڭ چاۋ قوزغىلاڭچى قوشۇنىدىكى سانغۇن ئىدى، كېيىن تاڭ سۇلالىسىگە تەسلىم بولۇپ، شۈەنۋۇ ھېراۋۇلى ۋە لياڭ بېگى مەرتىۋىسىگە ئېرىشكەن، ئۇ كۆپ يىللىق قالايمىقان ئۇرۇشلار ئارقىلىق، بىر قىسىم مىلىتارىستلارنى يوقىتىپ، ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى زورايتتى، مىلادىيە907-يىلى تاڭ ئەيدى − لى چۇنى تەختتىن چۈشۈرۈپ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلاپ، لياڭ سۇلالىسىنى قۇردى. كېيىنكى لياڭ سۇلالىسى 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، 923-يىلى كېيىنكى تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلدى. كېيىنكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى شاداپېت مىللىتىدىن بولغان لى سۈنشۇي بولۇپ، ئۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ خېدۇڭ ھېراۋۇلى لى كېيۇڭنىڭ ئوغلى، شۇنداقلا بىر مىلىتارىست ئىدى. كېيىنكى تاڭ سۇلالىسى 14 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى، ئۇنىڭ ئورنىنى 936-يىلى كېيىنكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ خېدۇڭ ھېراۋۇلى شى جىڭتاڭ تەرىپىدىن قۇرۇلغان جىن سۇلالىسى ئىگىلىدى. شى جىڭتاڭمۇ شاداپېت مىللىتىدىن، ئۇ، كېيىنكى تاڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن لياۋ سۇلالىسىگە يۇجۇ، يۈنجۇ قاتارلىق 16 ئايماق(ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرى ۋە خېبېي، سەنشىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ بىر قىسمى) نى بېرىش ۋە ھەر يىلى 300 مىڭ توپ يىپەك ئولپان تۆلەش، لياۋ سۇلالىسى پادىشاھىنى» ئاتا پادىشاھ «دەپ ئېتراپ قىلىش شەرتى بىلەن لياۋ سۇلالىسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈردى. كېيىنكى جىن سۇلالىسى12 يىل مەۋجۇت بولۇپ، مىلادىيە 947-يىلى لياۋ سۇلالىسى تەرىپىدىن يوقىتىلدى. 948-يىلى كېيىنكى جىن سۇلالىسىنىڭ خېدۇڭ ھېراۋۇلى، شاداپېت ليۇ جىيۈەن تەييۈەندە ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلاپ، كېيىنكى خەن سۇلالىسىنى قۇردى. لياۋ سۇلالىسى لەشكەرلىرى شىمالغا چېكىنگەندىن كېيىن ليۇ جىيۈەن كەيفېڭغا كىرىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا ھۆكۈمرانلىق ئورناتتى. لېكىن كېيىنكى خەن پادىشاھلىقى ئاران تۆت يىللا مەۋجۇت بولۇپ، 950-يىلى كېيىنكى خەن پادىشاھلىقىنىڭ تيەنشيۇڭ ھېراۋۇلى گۇ ۋېي تەرىپىدىن يوقىتىلدى. گو ۋېي 951-يىلى ئۆزىنى پادىشاھ دەپ جاكارلاپ، كېيىنكى جۇ ھاكىمىيىتىنى قۇردى. 

كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقىنىڭ 2-ئەۋلاد پادىشاھى سەي رۇڭ ئەسلىدە گو ۋېينىڭ ئاسراندى ئوغلى ئىدى. ئۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي جەھەتتە قاقاس يەرلەرنى ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈدى، باج-سېلىقنى كېمەيتتى، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەردى، ھەربىي جەھەتتە قوشۇننى تەرتىپكە سېلىپ ئىنتىزامنى كۈچەيتىپ، ئاجىز، كېسەلچان لەشكەرلەرنى قىسقارتىش ئارقىلىق ھەربىي چىقىمنى تېجەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىللانغان بىر تارماق مۇھاپىزەتچى قىسىمنى يېتىشتۈردى؛ سىياسىي جەھەتتە ئەمەلدارلاردىن راست سۆزلەشكە جۈرئەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى، تۇرمۇشتا تېجەشلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوردىدىكى تەييارتاپ ئەمەلدارلارنى قىسقارتتى. جۇشىزۇڭنىڭ ئىسلاھاتى كېيىنكى جۇ ھاكىمىيىتىنى قۇدرەت تاپتۇردى، كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گۇەنجۇڭ ۋە چاڭجياڭ، خۇەيخې دەريالىرى ۋادىسىدىكى بىر قىسىم جايلارنى ئىگىلىدى، يەنە لياۋ سۇلالىسىدىن يۈجۇ، يۈنفۇ قاتارلىق 16 ئايماقنىڭ بىر قىسىم زېمىنىنى قايتۇرۇۋالدى. كېيىنكى جۇ پادىشاھلىقىنىڭ قۇدرەت تېپىشى كېيىن شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشىگە ئاساس سالدى.


بەش دەۋرئون پادىشاھلىقبەش دەۋر پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى ئەتراپىدا ئىلگىرى-كېيىن ئون بۆلۈنمە ھاكىمىيەت مەيدانغا كەلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياڭ شىڭمى قۇرغان ۋۇ پادىشاھلىقى، چيەن ليۇ قۇرغان ۋۇيۆ پادىشاھلىقى، ليۇ يىن قۇرغان جەنۇبىي خەن پادىشاھلىقى، ما يىن قۇرغان چۇ پادىشاھلىقى، ۋاڭ جيەن قۇرغان ئالدىنقى شۇ پادىشاھلىقى، ۋاڭ شېنجى قۇرغان مېن پادىشاھلىقى بار. بۇ ئالتە پادىشاھلىقنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ھېراۋۇللار ئىدى. باشقا تۆت پادىشاھلىق بىرقەدەر كېيىن قۇرۇلدى، ئۇلار گاۋ جىشىڭ قۇرغان جىڭنەن پادىشاھلىقى، لى بيەن قۇرغان جەنۇبىي تاڭ پادىشاھلىقى، مېڭ جىشياڭ قۇرغان كېيىنكى شۇ پادىشاھلىقى ۋە ليۇچۇڭ قۇرغان شىمالىي خەن پادىشاھلىقىدىن ئىبارەت. شىمالىي خەن پادىشاھلىقىنىڭ تەسىر دائىرىسى شىمالدا بولغانلىقىنى ھېسابلىمىغاندا، قالغان توققۇز پادىشاھلىقنىڭ ھەممىسى چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى ۋە جەنۇبتىكى رايونلاردا ئىدى.


بەش دەۋر، ئون پادىشاھلىق دەۋرىدە مىلىتارىستلارنىڭ قالايمىقان ئۇرۇشلىرى ئۈزۈلمىدى، پۇقرالار ئۇزاق مەزگىل ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىگە ۋە بۆلۈنمە ھاكىمىيەتلەرنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىدى، ئىجتىمائىي ئىگىلىك ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. مىلىتارىستلار يېغىلىقلىرىنىڭ ئاساسلىق جەڭگاھى شىمالدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بولغاچقا، بۇ جايلار تېخىمۇ ئېغىر ۋەيران بولدى. جەنۇبتىكى ھەرقايسى بۆلۈنمە ھاكىمىيەتلەر ئادەتتە چېگرىنى قوغداپ ئاۋام پۇقرانى تىنچلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى، ھەربىي كۈچىمۇ بىرقەدەر ئاجىز بولغاچقا، ئۇرۇشلارمۇ ئانچە كۆپ يۈز بەرمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ھۆكۈمرانلار ئۆز زېمىنى دائىرىسىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەچكە، جەنۇبنىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكى خېلى تەرەققىي قىلدى. 



مىلادىيە 960-يىلى كېيىنكى جۇ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي چوڭ ھوقۇقىنى ئىگىلىۋالغان جاۋ كۇاڭيىن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ كېيىنكى جۇ سۇلالىسىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ سۇڭ سۇلالىسىنى قۇرۇپ، بەش دەۋر، ئون پادىشاھلىق تارىخىنى ئاخىرلاشتۇردى.



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#