ئوكسفورد
ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا، تېمزا دەرياسى بىلەن چېرۋىلل دەرياسىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان ئاتاقلىق ئالىي مائارىپ مەركىزى. بۇ جاي مىلادىيە 912-يىللىرى نەشر قىلىنغان «ئانگلوساكسونلار يىلنامىسى» ئوكسناد دەپ ئاتالغان، كېيىن بۇ نام قىسقارتىلىپ ئوكسفورد قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا، تېمزا دەرياسى بىلەن چېرۋىلل دەرياسىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان ئاتاقلىق ئالىي مائارىپ مەركىزى. بۇ جاي مىلادىيە 912-يىللىرى نەشر قىلىنغان «ئانگلوساكسونلار يىلنامىسى» ئوكسناد دەپ ئاتالغان، كېيىن بۇ نام قىسقارتىلىپ ئوكسفورد قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئوكسفورد شەھىرىنىڭ ئاھالىسى 115 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇ شەھەر ئەنگلىيىنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىدىن پەقەت 87 كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرىدۇ.
بۇ جايدا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، پولات-تۆمۈر، ئېلېكتر ئەسۋابلىرى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق سانائەتلەر تەرەققىي قىلغان. ئوكسفورد شەھىرىدە مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. ئۇ جايدا ئەنگلىيە بويىچە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئوكسفورد ئۇنۋىرسىتىتى (1168-يىلى قۇرۇلغان) قاتارلىق نۇرغۇن ئالىي بىلىم يۇرتلىرى، كۇتۇپخانىلار، مۇزېيلار، رەسەتخانا قاتارلىق ئورۇنلار بار. شەھەردە مۇنار شەكلىدە سېلىنغان قۇرۇلۇشلار ناھايىتى كۆپ، شۇڭا ئۇنى «مۇنارە شەھىرى» دەپمۇ ئاتايدۇ. ئوكسفورد شەھىرىنىڭ سۇ، قۇرۇقلۇق قاتنىشى تەرەققىي قىلغان، دەريا-قاناللار ئارقىلىق شىمالدا لىۋېرپول شەھىرىگە شەرقىي جەنۇبتا لوندونغا، غەربىي جەنۇبتا ئەيۋون دەرياسى ئارقىلىق بىرستول قاتارلىق شەھەرلەرگە بارغىلى بولىدۇ. بىرقانچە تارماق تۆمۈريوللار ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.