پۇرچاق ئاش

پۇرچاق ئاش بولسا ئۇن ، كەرەپشە(چىڭسەي)، گۆش ، يىسىۋىلەك(بەسەي) ، پۇرچاق ، تۇز ، ئاچچىقسۇ، كاۋاۋىچىن ، پىننە ، تۇخۇم ، پەمىدۇر ، سۇڭپىياز  قاتارلىق ماتىرياللاردىن تەييارلىنىدىغان بۇلۇپ تەمى ياخشى .

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لازىملىق ماتىرياللارئۇن بىر كىلوگرام، كەرەپشە(چىڭسەي) 140 گرام، گۆش 70 گرام، يىسىۋىلەك(بەسەي) 70 گرام، پۇرچاق 70 گرام، تۇز مۇۋاپىق، ئاچچىقسۇ 70 گرام، كاۋاۋىچىن ئازراق، پىننە ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، پەمىدۇر ئىككى تال، سۇڭپىياز بىر تال. 

1. ئۇنغا تۇخۇمنى چېقىپ، تۇز قۇيۇپ، قاتتىق خېمىر يوغۇرۇپ، ئاز ۋاقىت تىندۇرغاندىن كېيىن چىغدەك ئىنچىكە كېسىپ تەييارلىنىدۇ. پۇرچاقنى سۇدا يۇمشىتىلىدۇ، گۆشنى قوناقتەك پەمىدۇرنى ئۇششاق توغرىلىدۇ. سۇڭپىيازنى ئات تۇۋىقى، يىسىۋىلەك تىرناقتەك، كەرەپشە قىسقا توغرىلىدۇ. 

2. قازانغا ياغ قۇيۇپ ئالتىنچى، يەتتىنچى دەرىجە ئوت قىزىغاندا گۆشنى سېلىپ قورۇپ، كەينىدىن سۇڭپىيازنى سېلىپ سارغايتىپ، كەرەپشە، يىسىۋىلەك، تۇز، ياغقا چىلىغان كاۋاۋىچىن، پەمىدۇرنى سېلىپ قورۇپ، قايناق سۇ قۇيۇپ ياخشى يۇمشىتىلغان پۇرچاقنى سېلىپ، خۇرۇچلار پىشقىچە قاينىتىپ، كېسىپ تەييارلانغان خېمىرنى سېلىپ، ئاش پىشقاندا ئاچچىقسۇ، پىننىنى ئۇۋاپ سېلىپ، قاچىلارغا ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#