ھېمىڭۋاي

ھېمىڭۋاي

1954-يىلى شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا يازغۇچىسى ھېمىڭۋاي (1899 −1961-يىللار) غا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىپ، ئۇنىڭ «ھازىرقى زامان تەسۋىرىي سەنئىتىدە كامالەتكە يەتكەنلىكى» نى مۇكاپاتلىدى. ھېمىڭۋاي ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىدىلا ئەدەبىياتتىكى تالانتىنى ئىپادىلىگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ھېمىڭۋاي
باشقا نامى Ernest Miller Hemingway
تۇغۇلغان ۋاقتى 1899-يىلى
قان تىپى O
خەنزۇچە ئىسمى 欧内斯特·米勒尔·海明威
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1961-يىلى
كەسپى يازغۇچى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھېمىڭۋاي1954-يىلى شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا يازغۇچىسى ھېمىڭۋاي (1899 -1961-يىللار) غا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىپ، ئۇنىڭ «ھازىرقى زامان تەسۋىرىي سەنئىتىدە كامالەتكە يەتكەنلىكى» نى مۇكاپاتلىدى. 

ھېمىڭۋاي ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىدىلا ئەدەبىياتتىكى تالانتىنى ئىپادىلىگەن، ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، پراكتىكانت مۇخبىر بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ قىزىل كرېست جەمئىيىتى جەڭ مەيدانىدا قۇتقۇزۇش ئەترىتىگە قاتنىشىپ، ياۋروپا جەڭ مەيدانىغا بارغان. 1919-يىلى ھېمىڭۋاي پۈتۈن بەدىنى يارىدار بولۇپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن. ئۇرۇش ئۇنىڭ بەدىنىدە 200 نەچچە پارچە زەمبىرەك ئوقى پارچىسىنى قالدۇرۇپلا قويماستىن، يەنە ئۇنىڭ قەلبىدىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر جاراھەت قالدۇرۇپ، ئۇنى ئارىسالدىلىق، مەنىسىزلىك ۋە ھاڭۋاقتىلىق كەيپىياتىغا چۆمدۈرگەن. 

قەلبىدىكى بۇرۇقتۇرمىلىقنى چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇ رومان يېزىشقا باشلاپ، ئەڭ يىغىنچاق تىل بىلەن ئەڭ ئىخچام ئەسەر يازماقچى بولىدۇ. 20-يىللاردا ئۇ ئارقا-ئارقىدىن ھېكايىلەر توپلىمى «بىزنىڭ دەۋرىمىزدە»، رومان «قۇياش ئوخشاشلا چىقىۋېرىدۇ»، «ئەلۋىدا، قورال-ياراغ» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. 

«قۇياش ئوخشاشلا چىقىۋېرىدۇ»

«قۇياش ئوخشاشلا چىقىۋېرىدۇ» دا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دىن كېيىن، ياۋروپادا سەرسان بولۇپ يۈرگەن يىگىت-قىزلار تەسۋىرلەش ئوبيېكتى قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقا نەپرىتى، قەلبىدىكى جاراھىتىنى چىقىرېۋىتەلمىگەنلىكى، ئىچى پۇشقان، گاڭگىرىغان ھالىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئەر باش قەھرىمان جىك بارنىس ئامېرىكىلىق مۇخبىر، ئايال باش قەھرىمان بلايت ئاشلى ئەنگلىيە لىك سېسترا، ئۇرۇش جەريانىدا تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. ئۇلار بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق جىك بارنىس مەجرۇھ بولغاچقا قوشۇلالمايدۇ. جىك بارنىس بلايتنى ئېلىپ بىلىنۇس تاغلىق رايونىغا كېلىپ، دوستلىرى بىلەن بىللە ئوۋ ئوۋلايدۇ، بېلىق تۇتىدۇ ۋە بۇقا سوقۇشتۇرۇشنى كۆرۈپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ، بەزىدە جېدەللىشىپ، ئۇرۇشىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان، ئۇلاردا پەقەتلا مەنىسىزلىك ۋە گاڭگىراشلا قالغانىدى. ئامېرىكىلىق پېشقەدەم يازغۇچى ستېيىن بۇ كىتابقا «سىلەر گاڭگىرىغان بىر ئەۋلاد» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ، ھېمىڭۋاي بۇ مەشھۇر ئەسىرى بىلەن بىللە «گاڭگىرىغان ئەۋلاد» ئەدەبىيات ئېقىمىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالغان. 

«ئەلۋىدا، قورال-ياراغ»

«ئەلۋىدا، قورال-ياراغ» ھېمىڭۋاينىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى، ئۇنىڭدا جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش باش تېما قىلىنغان. باش قەھرىمان ھېنىرى1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئامېرىكا پىدائىيلار ئارمىيىسىنىڭ لېيتېنانتى، ئىتالىيە دىكى ئالدىنىقى سەپتە يارىدار بولغان، دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقىنىدا، ئەنگلىيىلىك سېسترا كاتىرىننا بىلەن مۇھەببەتلىشىدۇ. ئۇ قىسىمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر قېتىملىق چېكىنىش يولىدا ئىتالىيە ئارمىيىسى ئۇنى گېرمانىيىنىڭ جاسۇسى دەپ تۇتۇۋالىدۇ. ھېنىرى ئۆلۈم گىردابىدىن قېچىپ قۇتۇلۇپ، كاتىرىننا بىلەن بىللە بىتەرەپ دۆلەت شۋېتسارىيىگە بارىدۇ. لېكىن، ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمايدۇ، ئۇزاق ئۆتمەي كاتىرىننا قىيىن تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ، ھېنىرى قاتتىق ھەسرەتلىنىپ، ئۈمىدسىزلىنىدۇ، تۇرمۇشقا ئىشەنچنى يوقىتىدۇ، ئۈمىدسىزلىك، ھەسرەت ۋە يالغۇزلۇق ئىچىدە قالىدۇ.

ھېمىڭۋاي ئۇ ئۇرۇشقا قاتتىق ئۆچ بولۇپ كېتىدۇ. 30-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، ھېمىڭۋاي دەۋر تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان «چىلمازارۇ تېغىدىكى قار»، «بارلار ۋە يوقلار»، «ماتەم قوڭغۇرىقى كىم ئۈچۈن چېلىندى» قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. «ماتەم قوڭغۇرىقى كىم ئۈچۈن چېلىندى» بىلەن «ئەلۋىدا، قورال-ياراغ» دېگەن ئەسەرلىرى ھازىرقى زامان دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئەسەرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 50 -يىللاردا ھېمىڭۋاي يەنە «دەريادىن ئۆتۈپ ئورمانلىققا كىرىش» رومانىنى، «بوۋاي ۋە دېڭىز» ناملىق پوۋېستىنى يازدى. «بوۋاي ۋە دېڭىز» دا بىر بېلىقچى بوۋاينىڭ جان تىكىپ ئېلىشقان ئاجايىپ جاسارىتى مەدھىيەلىنىپ، «ئادەم يوقىتىلىشى مۇمكىن، لېكىن مەغلۇپ بولمايدۇ» دېگەن ئۇلۇغ روھ گەۋدىلەندۈرۈلگەن. كىشىلەر ئۇنى ئامېرىكا ئەدەبىياتىدىكى «قەيسەر» لەر جەمەتىنىڭ پېشۋاسى دەپ قارىدى. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    100%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#