پەيلاسوپ

كۇڭزى مىلادىدىن بۇرۇنقى 551 يىلى ئىلگىرى، ھازىرقى جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەندۇڭ ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان بىر بەگلىك-لۇ بەگلىكىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بالىلىق دەۋرىدىلا دادىسى تۈگەپ كېتىپ، ئاپىسى بىلەن غۇربەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرگەن. ياش-قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، لۇ بەگلىكىدە كىچىك ئەمەلدار بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى كۇڭزى
باشقا نامى 尼父,孔夫子
ۋاپات بولغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 479-يىلى
ئەسلى ئىسمى 孔丘
خەنزۇچە ئىسمى 孔子
تۇغۇلغان ۋاقتى مىلادىدىن بۇرۇنقى 551 -يىلى
كەسپى پەيلاسوپ
ئەسلىي ئىسىمى كۇڭچىيۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كۇڭزىجۇڭگولۇق ئۇلۇغ پەيلاسوپ كۇڭفۇزى-كۇڭزى تەلىماتىنىڭ ياراتقۇچىسى؛ كۇڭزى تەلىماتى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا. كۇڭزىنىڭ پەلسەپە ئىدىيەسى شەخسىي ئەخلاق ۋە ئاۋام ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، يۈكسەك ئەخلاق يېتەكچىلىكىدىكى ھۆكۈمەت ئاساسىغا قۇرۇلغان. ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان، بۇ خىل پەلسەپىۋى ئىدىيە جۇڭگولۇقلارنىڭ تۇرمۇش، مەدەنىيەت ساھەسىگە سىڭىپ كىردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا خەلقىنىڭ زور بىر قىسمىغىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. 

كۇڭزىنىڭ ئەسلىي ئىسىمى كۇڭچىيۇ بولۇپ، ئەمىنىيە دەۋرىدىكى بۈيۈك مۇتەپەككۇر ۋە چوڭ مائارىپچى ،كۇڭزىچىنىڭ ئىدىيەسىنى ئىجادچىسى. كۇڭزى بىلەن تولغان غايىۋى جەمىئىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ،بىر ئۆمۈر بوشاشماي بىلىم ئۆگەتكەن. كۇڭزى ساپاسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ ، ئۆمۈر بويى ئىجتىھات بىلەن نۇرغۇن كىشىلەردىن تەلىم ئالغان. نەتىجىدە ،ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق ئۇنى بىلىملىك قابىلىيەتلىك ئالىمغا ئايلاندۇرۇپ، مەيلى سىياسىي جەھەتتە، مەيلى ئوقۇتۇش ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن، ھەممىدە دانالىق نۇرلىرىنى چاپقۇزغان. ئۇ تالىپلىرى بىلەن تۇرمۇشتا بىللە بولۇپ، ئورتاق ئۆگەنگەن ۋە ئۇلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلغان. ئۇ جاپادىن قاچماي ئۆگەنگەن، ئالىيجاناپ ئۇستازلىق پەزىلىتىگە ئىگە بىر دەۋر پېشۋاسىدۇر. ئۇنىڭ تىرىشچان، كەمتەر، ئەدەپلىكلىكى، ۋەتىنىگە بولغان ساداقىتى ۋە پۇقرالارغا بولغان كۆيۈمچانلىقى، ھەقىقەتەن ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممەتكە بولغان ئىنتىلىشى تالىپلىرى ۋە كېيىنكىلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.[0]

كۇڭزى مىلادىدىن 551 يىل ئىلگىرى، ھازىرقى جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەندۇڭ ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان بىر بەگلىك-لۇ بەگلىكىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ بالىلىق دەۋرىدىلا دادىسى تۈگەپ كېتىپ، ئاپىسى بىلەن غۇربەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرگەن. ياش-قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، لۇ بەگلىكىدە كىچىك ئەمەلدار بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئەمىلىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۆز تەلىماتىنى تەرغىپ قىلىشقا كىرىشىپ، 16 يىل مۇشۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەرياندا ئەتراپىغا نۇرغۇن شاگىرت توپلىغان، ئۇ 50 يېشىدا لۇ بەگلىكىدە زىندان بېگى بولغان، تۆت يېرىم يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئوردىدىكى رەقىبلىرى بىرلىشىپ ئۇنىڭغا سۈيىقەست ئىشلىتىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، بەگلىكلەر ئارا 13 يىل ۋائىزلىق قىلىدۇ، ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بەش يىلىدا لۇ بەگلىكىگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ مىلادىدىن 479 يىل ئىلگىرى ۋاپات بولىدۇ.

كۇڭزىكۇڭزى بىرخىل دىننىڭ ياراتقۇچىسى دەپ قارىلىدۇ. بىراق بۇنداق قاراشنى پۈتەنلەي توغرا دېيىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئىلاھنى تىلغا ناھايىتى ئاز ئالاتتى، ئۇ دۇنيا توغرىسىدا سۆز قىلمايتتى، بارلىق مېتافىزىكىلىق ئىدىيىدىن ساقلىناتتى، شۇڭلاشقا ئۇنى شەخس بىلەن سىياسىي ئەخلاق ۋە قىلمىشقا ئېتىۋار بېرىدىغان بىر رېئال پەيلاسوپ دەپ قاراش كېرەك.

كۇڭزى «رەھىمدىللىك» ۋە «ئەدەب-قائىدە» نى ئىككى ئەڭ ئالىي ئەخلاق مىزانى دەپ قارايدۇ. ئالىيجاناب بىر ئادەم چوقۇم بۇ ئىككى مىزان بويىچە تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك. «رەھىمدىللىك» نى ئەڭ ياخشىسى ئىنسانىيەتكە كۆڭۈل بۆلۈش دەپ چۈشەنگەن تۈزۈك؛ «ئەدەب-ئەخلاق» بولسا ئەخلاق-پەزىلەت، قائىدە-يوسۇن، ئەنئەنە، قائىدە-يوسۇن ۋە نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ يىغىندىسى. 

كۇڭزى تەلىماتى ئائىلىنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇش، ئەر-خوتۇن ئۆزئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، ۋەلىيلەر بىلەن رەئىيەت، ئاتا بىلەن بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۆز نام-ئەمالى بويىچە ئىش كۆرۈشى، ئۆز نام-ئەمالىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ نەزەرىيەسى ناھايىتى مۇتەئەسسىپ نەزەرىيە بولۇپ، ئۇ ئالتۇن دەۋر ئۆتۈپ كەتتى دەپ قارايدۇ. ئۇ ۋەلىيلەر بىلەن رەئىيەتنى كونا ئەخلاق ئۆلچىمىگە قايتىشقا ئۈندەيدۇ. جۇڭگونىڭ خەن سۇلالىسى دە، جۇڭگونىڭ پادىشاھلىرى ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى ئېلىش ئارقىلىق ئەمەلدارلارنى تاللايتتى. بۇ خىل ئىمتىھان ئۇسۇلى، خېلى چوڭ دەرىجىدە ئوقۇغۇچى كۇڭزىنىڭ ئەدەپ-قائىدە تەربىيەسىگە بولغان چۈشەنچىسىگە باغلىق بولاتتى. بىراق، ھازىرقى زاماندا كۇڭزىنىڭ ئورنى چۈشۈپ كەتتى. چۈنكى جۇڭگو بىر مەھەل كۇڭزىنى ۋە ئۇنىڭ تەلىماتىنى تەنقىد قىلدى. كۇڭزى تەلىماتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، يىلتىزى چوڭقۇر بولسىمۇ، ۋەھالەنكى كۇڭزىدىن ئىبارەت بۇ چولپاننىڭ ئۆچۈشكە باشلىغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. شۈبھىسىزكى، يەنە 50 يىل ياكى 100 يىلدىن كېيىن، يېڭىدىن بىر جۇڭگولۇق پەيلاسوپ مەيدانغا كېلىپ، كۇڭزى بىلەن ماۋزېدۇڭنىڭ تەلىماتىنى بىرلەشتۈرۈىدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#