گۈلئەنبەر
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
گۈلئەنبەرگۈلئەنبەر ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق گۈلەمبەرگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 - 120 سانتىمېتىر. پۈتۈن تېنىدا ئاق تۈكلەر بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئالىقانسىمان يېرىلىدۇ، يېرىقچە يوپۇرماقلىرىدا رەتسىز كەمتۈكلەر بولىدۇ؛ گۈلى كۆك بولۇپ، شەكلى ئۇچۇۋاتقان قۇشقا ئوخشايدۇ، مېۋىسى غۇنچە مېۋە. ئورمانلىق ۋە تاغ باغرىدىكى نەم يەرلەردە بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن تېنى ئىشلىتىلىدۇ.
ياز ياكى كۈزدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئورمانلىق ۋە تاغ باغرىدىكى نەملىكلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
قىزىتمىنى پەسەيتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
گۈلەمبەرنى قاينىتىپ، ئېغىزنى چايقاپ بەرسە(يۇتۇۋېتىشكە بولمايدۇ)، ئىسسىق يەلدىن بولغان چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. گۈلەمبەرنى قاينىتىپ بەدەننى يۇسا، پىتنى ئۆلتۈرىدۇ. گۈلەمبەر يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ باشنى يۇسا، قىزىتمىنى ياندۇرۇپ، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. گۈلەمبەرنىڭ گۈلىنى ئېزىپ جىگەر ئەتراپىغا تاڭسا، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.