قىزىل تۇمشۇق كېسەللىكى
بۇ كېسەللىك، بۇزۇق خىلىتلاردىن ھاسىل بولغان، يەلنىڭ بۇرۇنغا ئولتۇرۇشۇپ بۇرۇن تېرىسى غىدىقلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قىزىرىپ ئۇششاق مۇدۇرلار ئۆرلەپ چىقىش ئالامىتى كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بۇزۇق خىلىتلاردىن ھاسىل بولغان، يەلنىڭ بۇرۇنغا ئولتۇرۇشۇپ بۇرۇن تېرىسى غىدىقلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: بۇرۇن قىزىرىپ ئۇششاق مۇدۇرلار ئۆرلەپ چىقىش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى، سەرپىستان، ئامىلە، سېرىق ئوت، قارا ھېلىلە 20 گىرامدىن، ئۈستقۇددۇس 15 گىرام، چىلان 20 دانە، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 150 گىرامدىن ئىچىلىدۇ.
3-رېتسېپ
تەركىبى: سىماب، پىستە مېغىزى، ئاقلانغان بادام مېغىزى، ھۆل خېنە تېنى توققۇز گىرامدىن، مۇقىل، كەتىرا، سەمغى ئەرەبى، ئەنزىرۇت، رەۋەن، تۇربۇت 15 گىرامدىن، غارىقۇن، نىشاستە، زەپەر، مەستىكى ئالتە گىرامدىن، كاپۇر، جەدۋار، سوقمونىيا ئۈچ گىرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، لىمون سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 8 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.